توقسۇن ناھىيىسىدىكى 40 نەچچە نەپەر چارۋىچى ئۆتكەن ھەپتە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ئالدىغا توپلىنىپ، 410 مىڭ مو يايلىقىنىڭ تارتىۋېلىنىشىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن ۋە بۇ نارازىلىق ھەرىكىتىگە قاتناشقانلار 5-كۈنىگە كەلگەندە توقسۇندىن كەلگەن دائىرىلەر تەرىپىدىن قايتۇرۇپ كېتىلگەن ئىدى. بۈگۈن مۇخبىرىمىز بۇ چارۋىچىلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدى. مەلۇم بولۇشىچە، چارۋىچىلار ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن، دائىرىلەر ئۇلارنى يايلاق داۋاسىنى قايتا قىلماسلىق ھەققىدە تەييارلانغان بىر ۋەدىنامىگە مەجبۇرىي قول قويدۇرغان. چارۋىچىلارنىڭ ۋەكىلى ئابلەق مەنسۇر، داۋا يولىدا ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما يايلاق داۋاسىدىن ۋاز كەچمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
توقسۇنلۇق چارۋىچىلار ئۆزلىرىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن بىر قىسىم دائىرىلەرنىڭ تەۋىسىيىسى بويىچە، ئۆتكەن يىلى سايلام ئۆتكۈزۈپ، 4 كىشىنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەكىلى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ۋەكىللەر نۆۋەتتە دائىرىلەر بىلەن يايلاق داۋاسى ھەققىدە سۆزلەشمەكتە. چارۋىچىلار ئۈرۈمچىدىن قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىن دائىرىلەر ئالدى بىلەن بۇ تۆت ۋەكىلنى سوراق قىلىپ، ئۇلارغا تەھدىت سالغان. بۇ تۆت ۋەكىلنىڭ سالاھىيەت كىنىشكا ۋە قول تېلېفونلىرىنى تارتىۋالغان. بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مۇخبىر بىلەن ئالاقىلىشىشى ۋە سەپەرگە چىقىشىغا چەكلىمە قويغان. بۇ تۆت ۋەكىلدىن بىرى ئابلەق مەنسۇر ئىسىملىك كىشى بولۇپ، ئۇ دائىرىلەرگە، ئۆزىنىڭ ئۆلۈشكە رازى ئىكەنلىكىنى، ئەمما يايلاق داۋاسىدىن ۋاز كىيمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئابلەق مەنسۇر ھەتتا بالىلىرىغا يايلاق داۋاسىنى داۋاملاشتۇرۇش ھەققىدە ۋەسىيەتنامىمۇ يېزىپ قويغان.
75 ياشلىق بوۋاي تۆمۈر سەمەر، 16 يېشىدىن باشلاپ مەزكۇر يايلاقلاردا قوي باققان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئەجدادلىرىنىڭ مەزكۇر يايلاقلاردا قوي بېقىش تارىخى ئاز دېگەندە 400 يىللىق تارىخقا ئىگە. ئۇ يايلاقلىرىنىڭ قولدىن كېتىشىنى يالغۇز كەلگۈسى ئەۋلادلىرىنىڭ رىسقىنىڭ قولدىن كېتىشى ئەمەس، بەلكى ئەجدادلىرىدىن قالغان بىر تەۋەرۈكنىڭ قولدىن كېتىشى دەپ قارىغۇچىلاردىندۇر. شۇڭا ئۇ، يايلاقلارنىڭ قولدىن كېتىشى، بولۇپمۇ ئۇنىڭ بۇزۇۋېتىلىشىگە ئېچىنىپ مۇنداق دەيدۇ:
بىز يۇقىرىقى ئەھۋللارنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، توقسۇن ناھىيىسى ۋە تۇرپان ۋىلايىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىلەرگە تېلېفون قىلدۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.