لىبېرال پارتىيىسىدىن بولغان باش سابىق مىنىستىرى جېئان چرېتىئېن ستېپھېن ھارپېرنىڭ خىتاي سىياسىتى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىق قارارىنىڭ، كانادانى ئېغىر بەدەل تۆلەشكە مەجبۇر قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، كونسېرۋاتىپ ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنتىنىڭ مىنىستىرى جاسون كېننېي سابىق باش مىنىستىر جېئان چرېتىئېننىڭ كانادانىڭ دۆلەت مەنپەئەتىنى ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويغانلىقىنى، يەنى ئۇ ۋەكىللىك قىلغان شىركەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن قويۇق سىرلىق سودا مۇناسىۋەتلىرى بولۇپمۇ، خىتاينىڭ دۆلەت ئىگىلىكىدىكى كارخانىلىرى بىلەن سودا ئالاقىسى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
جېئان چرېتىئېن: ھارپېرنىڭ خاتاسىنىڭ بەدىلىنى كانادا تۆلەيدۇ
لىبېرال پارتىيىدىن بولغان سابىق باش مىنىستىر جېئان چرېتىئېن، بۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا، ستېپھېن ھارپېر ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي سىياسىتىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، ستېپھېن ھارپېرنىڭ بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە قاتناشماسلىق قارارىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكىنى ۋە ئۇنىڭ ھەدىسىلا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىش يولىنى تۇتۇشىنىڭ ۋە تىبەتنىڭ داھىسى دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق شەرىپىنى بېرىشىنىڭ، كانادا - خىتاي مۇناسىۋەتلىرىگە ئېغىر زىيان سالغانلىقىنى، نەچچە ئون يىلدا خىتاي بىلەن تىكلەنگەن ياخشى مۇناسىۋەت كۆرۈكىنىڭ ستېپھېن ھارپېر ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى بىلەن بۇزۇپ تاشلانغانلىقىنى، دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ خىتايدىكى دېموكراتىيىنىڭ زەئىپلىكىنى ئولىمپىكنىڭ ئېچىلىش ۋە يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشىش - قاتناشماسلىقنىڭ شەرتى قىلماسلىقى كېرەكلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلاش تەرەپلەردە، "غايەت زور" ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەنىدى.
ستېپھېن ھارپېر: جېئان چرېتىئېن خىتايغا ياخشىچاق بولماقتا
كانادا باش مىنىستىرى ستېپھېن ھارپېر بۇ ئەيىبلەشلەرگە ئىنكاس قايتۇرۇپ: جېئان چرېتىئېن ئەپەندى بىرلىرىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنمەكچى بولۇۋاتىدۇ. جېئان چرېتىئېن باش مىنىستىرلىق قىلغان 13 يىلدا، 6 قېتىم ئولىمپىك مۇسابىقىسى بولدى،ئۇ پەقەت بىر قېتىمقىسىغىلا يەنى 1996 - يىلى ئامېرىكىنىڭ ئاتلانتا شىتاتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. مەن باشتىلا مېنىڭ كۈنتەرتىپلىرىم زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولغاچقا بېيجىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمايدىغانلىقىمنى، بۇنىڭ سىياسى بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ئېنىق ئېيتتقان ئىدىم، دېدى.
جاسون كېننېي :جېئان چرېتىئېن مال - دۇنيا قايغۇسىدا
كانادا فېدېرال ھۆكۈمىتى ئىچكى كابىنتىنىڭ مىنىستىرى جاسون كېننېي بولسا، جېئان چرېتىئېننىڭ باش مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن كۆئېبەكتىكى "پوۋېر گۇرۇھى" شىركىتى تەرىپىدىن مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى ۋە ئارىدىن 2 ئاي ئۆتە - ئۆتمەيلا بۇ شىركەتنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك خادىملىرىنى باشلاپ خىتايغا بارغانلىقى ۋە كېيىنكى بىر قانچە يىلدا كۆپ قېتىم خىتايغا قاترىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ شەخسى پۇل - دۇنيا قايغۇسى ئىچىدە قالغانلىقىنى تەكىتلەپ: كانادانىڭ نۆۋەتتىكى خىتاي سىياسىتى بەزى كىشىلەرنىڭ شەخسى مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەمەس، بەلكى كانادانىڭ قىممەت قارىشى ۋە مەنپەئەتىنى چىقىش قىلغان. باش مىنىستىر ستېپھېن ھارپېر كانادانىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشىغا،كىشىلىك ھوقۇق قارىشى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلەرگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. جېئان چرېتىئەن بولسا ئۆزىنىڭ خۇسۇسىي مال - دۇنيا ۋە ئىقتىسادى مەنپەئەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، دېدى.
جاسون كېننېي سۆزىدە جېئان چرېتىئەن دەۋرىدە يۈرگۈزۈلگەن خىتاي سىياسىتىنىڭ كېيىنكى كۈنلەردە ئۇنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىگە كەڭ يول ئېچىپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
1993 - يىلى 10 - ئايدىن 2003 - يىلى 12 - ئايغىچە 10 يىل كانادا باش مىنىستىرى بولغان جېئان چرېتىئېن بۇ مەزگىللەردە كانادانىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ 4 قېتىم خىتايغا بارغانىدى. ئەمما ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىلدا سودا شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرىنى باشلاپ خىتاينى 40 قېتىمغا يېقىن زىيارەت قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
كانادانىڭ خىتاي سىياسىتى ئۆزىنىڭ مەنپەئەتى ۋە قىممەت قارىشى ئاساسىغا قۇرۇلغان
كانادا مەدەنىيەت مىنىستىرى جاسون كېننېي دالاي لاماغا پەخرى پۇقرالىق شەرىپى بېرىش ھەققىدىكى جېئان چرېتىئېننىڭ ئەيىبلەشلىرى ھەققىدە توختىلىپ: دالاي لاماغا كانادانىڭ پەخرى پۇقرالىق شەرىپىنى بېرىش مەسىلىسىگە كەلسەك، كانادا پارلامېنتىدىكى ھەر قايسى پارتىيىلەرنىڭ بىردەك قوشۇلۇشى بىلەن بۇ قارار ماقۇللاندى. لىبېرال پارتىيىسىمۇ ئۆز ۋاقتىدا بۇنىڭغا تولۇق ئاۋاز قوشقانىدى. كانادا بىراۋغا شەرەپ پۇقرالىق سالاھىيىتى بېرىش - بەرمەسلىكنى باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ بېكىتمەيدۇ، دېدى.
سابىق باش مىنىستىر جېئان چرېتىئېننىڭ باياناتچىسى جاسون كېننېينىڭ بۇ ئەيىبلەشلىرىنى رەت قىلدى ۋە جېئان چرېتىئېننىڭ ئۆزىنىڭ مەنپەئەتىنى چىقىش قىلىپ ئەمەس، بەلكى رېئاللىقنى سوزلىگەنلىكىنى، كانادا سودا ساھەسىدىكىلەرنىڭ كۆپلىرىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى ياخشىلىغاندىلا، ئاندىن خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاشقا ئىلھام بەرگىلى ۋە ئىككى تەرەپنىڭ سودا مۇناسىۋەتلىرىنى ھەقىقىي يوسۇندا ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى، ئەسكەرتتى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت گېزىتلىرى جېئان چېرىتىئەننىڭ ستېپھېن ھارپېرنى ئەيىبلەيدىغان سۆزلىرىنى بىرىنچى بەتكە بېسىپ، بېيجىڭنىڭ ستېپېن ھارپېرغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىدى.خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا ستېپھېن ھارپېر ۋە جاسون كېننېيلېرنىڭ جېئان چرېتىئېن ھەققىدىكى سۆزلىرىنى تىلغا ئالمىدى.
جېئان چرېتىئېن باش مىنىستىر بولۇپ تۇرغان مەزگىلدە، لىبېرال پارتىيىسى ھۆكۈمىتى خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزگەن ئىدى.