خىتاي «بلۇمبېرگ» گېزىتىنى چەكلىگەندىن كېيىن پارتلىغان نارازىلىق

ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بلۇمبېرگ» گېزىتى ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان كەلگۈسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاپ قويغاندىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ گېزىتنىڭ خىتايغا تارقىلىشىنى چەكلىدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012.07.05
shi-jinping-yalghuz-305.jpg خىتاي مۇئاۋىن رەئىسى شى جىنپىڭ. 2011-يىلى 28-سېنتەبىر، جەنۇبىي ئافرىقىدا.
AFP

خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى ئاسىيا شۆبىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بلۇمبېرگ» گېزىتى 6‏-ئاينىڭ 29‏-كۈنى، ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان كەلگۈسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاشكارىلاپ قويغان ئىدى. گەرچە بۇ گېزىت شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى يەنىلا بۇ گېزىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان «ھەپتىلىك سودا گېزىتى» نىڭمۇ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلىدى. «نيۇ-يورك تايمىس» گېزىتىنىڭ يېقىندا ئاچقان خىتايچە تور بېتىمۇ خىتايدا ئېچىلمايدىغان بولۇپ قالدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، خەلقئارادىكى باشقا چوڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن «ۋاشىنگتون پوچتىسى»، «مۇھاپىزەتچى»، «ئىقتىساد ۋاقىت »، «فوربېس»، «فرانسىيە ئاگېنتلىقى»، «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىقلار مەزمۇنى ئۇنىڭغا ئوخشاش ماقالىلەرنى ئېلان قىلىپ، ئالدىن بېكىتىلىپ بولغان كەلگۈسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكىگە دائىر ماتېرىياللارنى تېخىمۇ كۆپلەپ ئاشكارىلاشقا باشلىدى.

كانادانىڭ ئوتتاۋا، مونتېلىر شەھەرلىرىدە تارقىلىدىغان تور گېزىتلىرىمۇ، «بلۇمبېرگ» گېزىتى ئېلان قىلغان كەلگۈسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكى ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆچۈرۈپ بېسىپلا قالماي، بەلكى بۇ ھەقتە تەپسىلىي ئىزاھاتلارنى قوشۇپ ئېلان قىلىپ، مەسىلىنى تېخىمۇ ئوچۇق يورۇتۇشقا باشلىدى. ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، شى جىنپىڭنىڭ چوڭ ئاچىسى چى چاۋچاۋنىڭ شېنجېندىكى «يۇەنۋېي» مەبلەغ سېلىش شىركىتىدە 1 مىليارد 830 مىليون يۈەنلىك مۈلكى بار. شى جىنپىڭنىڭ يېزنىسى دېڭ جاگۇينىڭ جياڭشىدىكى كەم ئۇچرايدىغان مېتاللار گۇرۇھىدا 18% پاي ھوقۇقى بار. شى جىنپىڭنىڭ جىيەنى جاڭ يەننەننىڭ بېيجىڭدىكى خېكاڭ پەن-تېخنىكا شىركىتىگە سالغان مەبلىغى 120 مىليون يۈەن. شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر يېزنىسى ۋۇ لۇڭ ھازىر گۇاڭجۇ پوچتا ئەسلىھەلىرى شىركىتىنىڭ باش مەبلەغ سالغۇچىسى.

ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «بلۇمبېرگ» گېزىتى بۇ ئۇچۇرلارنى پۈتۈنلەي جەمئىيەتتە ئوچۇق ئېلان قىلىنغان ئىجتىمائىي قانۇنىي ھۆججەت ۋە دۇگۋارلاردىن رەتلەپ چىققان. خەلق ئىچىدە ئىنكاس قىلىنغان ئۇچۇرلارنى بۇنىڭغا قوشمىغان. گەرچە بۇ گېزىت شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكى بىلەن شى جىنپىڭنىڭ ئۆزىنىڭ مۇناسىۋىتى بارلىقى ھەققىدە ھېچقانداق ئىسپات ئوتتۇرىغا قويمىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى كەلگۈسى رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكى ھەققىدە ئامېرىكا گېزىتلىرىدە ئاشكارا قىلىنغان بۇ ئۇچۇرلاردىن قاتتىق چۆچۈپ كەتكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بلۇمبېرگ» گېزىتىنىڭ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن، خەلقئارا ژۇرنالىستلار بىرلەشمىسى 7‏-ئاينىڭ 4‏-كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇچۇر ئەركىنلىكى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يالغان ۋەدىلىرىدىن ئۈمىدسىزلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى ۋە خىتاينى بۇ مەسىلىدە قاتتىق ئەيىبلىدى.

ئوقۇرمەنلەر «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ ئەركىن مۇلاھىزە سەھىپىسىدە، ئامېرىكىدا چىقىدىغان «بلۇمبېرگ» گېزىتى كەلگۈسى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ شەخسىي مۈلكىنى ئاشكارىلايدىغان ماقالىلەرنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنىڭ خىتايدا تارقىلىشىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدە مۇنازىرە قوزغىدى. بۇنىڭدىكى ئوبزورلارنىڭ بېرىدە، كوممۇنىست ھاكىمىيىتى ئومۇم سايلام ئېلىپ بېرىشتىن، ئەمەلدارلارنىڭ مۈلكىنى ئاشكارىلاشتىن، ئۇچۇر تورلىرىنىڭ ئېچىۋىتىلىشىدىن ئىبارەت ئۈچ ئىشتىن ئۆلگۈدەك قورقىدۇ، دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى، يەنە بىر ئوبزوردا، يۇقىرىقى ئۈچ ئىشتىن باشقا يەنە، خىتاي ئەمەلدارلىرى ئۆزلىرىنىڭ رەسىمى ماركىس، لېنىن، ماۋ زېدۇڭلارنىڭ رەسىمى بىلەن بىرگە كۆيدۈرۈۋېتىلىشتىن قورقىدۇ دەپ يازغان.

ئەركىن مۇنازىرىدە يوللانغان ئوبزورلارنىڭ يەنە بىرىدە، ئەمەلدارلارنىڭ قانۇنسىزلىق ئىشلىرى باشقا دۆلەتتە سەتچىلىك، نومۇس ئىش ھېسابلىنىدۇ، خىتايدا بولسا، ئەمەلدارلار چېرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىسىمۇ، ئەمما ئۆزى ئىجرا قىلمايدۇ، چېرىكلىكنى ئاشكارىلىغان كىشىنى «دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىدى» دەپ جازالايدۇ، دەپ كۆرسەتكەن. يەنە بىر ئوبزوردا، نېمە ئۈچۈن خەلقئارادا ھەممە دۆلەت ئەمەل قىلىدىغان ئۆلچەمگە خىتاي ئەمەل قىلمايدۇ، بۇ نېمە دېگەن ئۆكتەملىك دەپ بايان قىلىنغان. يەنە بىر ئوبزوردا، مۇستەبىتلىك دۇنيانىڭ قايسى بىر يېرىدە مەڭگۈ داۋام قىلالىغان ئەمەس، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىكى چېرىكلىككە يول قويغان كەلگۈسى باش سېكرېتارنى نېمە بىلەن قارشى ئېلىشنى خەلق ئۆزى بىلىدۇ، دەپ يېزىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.