يېقىندا بۇ دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىگە يوللىغان تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىش ھەققىدىكى كېلەچەك پىلانى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىدىن ئۆتتى ۋە كانادا تەۋەلىكىدە ئۇيغۇر مەسچىتى ئۈچۈن ئىئانە توپلاشقا بولىدىغانلىقى ھەققىدە ئىجازەتنامە بېرىلدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنى كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كېلەچەك ئۈچۈن سالغان تارىخى ئەھمىيەتلىك بىر ھۈلى دەپ قاراشماقتا.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىت سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ئىبراھىم قارىمىنى زىيارەت قىلدۇق. ئۇ ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىشنىڭ كانادادىكى ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە دىنىي ئېتىقادىنى ساقلاپ قېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.
تورونتو شەھىرىدە ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش دائىمىي كومىتېتىدىكى خادىملاردىن ئىگىلىشىمىزچە، 7 كىشىلىك دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى دەسلەپتە بىر مەخسۇس بانكا ھېساباتى ئېچىپ ھەر ئايدا 100 كانادا دوللىرىنى مەسچىتكە ئاتاشتىن ئىش باشلىغان بولۇپ، ھازىر ئۇلارنىڭ توپلىغان مەبلىغى 50 مىڭ دوللاردىن ئاشقان.
ئىبراھىم قارىم يەنە، ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىشقا رەھبەرلىك قىلىش كومىتېتىنىڭ كىرىم-چىقىم ھېسابات ئىشلىرى ئىنتايىن تەشكىلى پرىنسىپلىق ھالەتتە ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۆز ئىسمى ۋە ئاۋازىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بەزى دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تورونتودا ئۇيغۇر مەسچىتى سېلىش كېلەچەك پىلانىنىڭ كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشىغا ئېرىشىشى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئۇيغۇرلارنىڭ مەيلى دۇنيانىڭ نەرىدە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىرلىشەلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشالايدىغان، ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى قانۇن ۋە پرىنسىپلاردىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكى، دىنىي ئېتىقادى تىل ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى قوغدىيالايدىغان مىللەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت سىگنالنى بېرىدىكەن. ئۇلارنىڭ يەنە بىلدۈرۈشىچە، كېلەچەكتە تورونتو شەھىرىدە بىر ئۇيغۇر مەسچىتىنىڭ قەد كۆتۈرۈشى، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى ئويلىغاندەك،مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد ۋە ئۆرپ-ئادەت جەھەتتىن ئوڭاي يوق بولۇپ كېتىدىغان مىللەت ئەمەسلىكىنىڭ روشەن بەلگىسى بولۇپ قالىدىكەن.
كېلەچەكتە تورونتو شەھىرىدە سېلىنىشى پىلانلىنىۋاتقان ئۇيغۇر مەسچىتى پەقەت ئىبادەت ئورنى بولۇپلا قالماستىن يەنە، تورونتودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ، مىللىي مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپلىرىنى ئېچىش، يىغىلىش ۋە توي-تۆكۈن، نەزىر-چىراغ ئىشلىرىدا ئورۇن يوق بولۇشتەك بوشلۇقنى تولدۇرىدىكەن.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.