0:00 / 0:00
نامايىش كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە تۇرۇشلۇق خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ،شۇ كۈنى كانادا ۋاقتى سائەت بىردىن 3 كېچە داۋاملاشقان نامايىشقا تورونتودا ياشاۋاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلار قاتناشتى.نامايىشنى كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتى تەشكىللىگەن بولۇپ،بىز نامايىش جەريانىدا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە تۇردۇش خانىمنى زىيارەت قىلدۇق. گەرچە شۇ كۈنى ھاۋا ئىنتايىن سوغۇق بولسىمۇ، نامايىشچىلار ئىنتايىن جەڭگىۋار قىياپەتتە ئىدى.
بىز نامايىش جەريانىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىيسى تۇيغۇن ئابدۇۋەلى ئەپەندىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.