بۇ نامايىش شۇنداقلا، خىتايدىن ئىبارەت كىشىلىك ھوقۇقنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقان، پۇقرالارنىڭ سۆز - مەتبۇئات ئەركىنلىكىنى پۈتۈنلەي بوغۇۋاتقان دىكتاتور دۆلەتنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى كانادا جامائىتىنىڭ سەمىگە سېلىش مەقسىتىدە، كانادانىڭ تورونتو ۋە ۋانكۇۋېر شەھەرلىرىدىكى ئۇيغۇرلار، بۇ ئىككى شەھەردىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا، بىرلا ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق نامايىشى ھېسابلىنىدۇ.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان بۇ پائالىيەتتە - ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدىغان، خىتاينى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى توختىتىشقا ۋە ھۈسەيىن جېلىل شۇنداقلا باشقا سىياسىي مەھبۇسلارنى قويۇۋېتىشكە چاقىرىدىغان شۇئارلار توۋلاندى.
كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم بىلەن كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ ۋانكۇۋېر شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ھەيئەت ئەزاسى ئۆمەرجان ئەپەندىنى ۋە بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى زىيارەت قىلغىنىمىزدا، ئۇلار بۈگۈنكى بۇ نارازىلىق نامايىشى ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.
بۈگۈنكى بۇ نامايىش كانادا تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئىككى شەھەردە بىرلا ۋاقىتتا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى پائالىيەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.