تورونتودا ھۈسەيىن جېلىلغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى

خىتاي دائىرلىرىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنىڭ ھارپىسىدا، كانادا پۇقراسى ھۈسەيىن جېلىلنى يەنىلا تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلىقى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن يەكشەنبە كۈنى كانادانىڭ تورونتو شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى.

0:00 / 0:00

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تورونتو شەھىرىدىكى باش كونسۇلخانىسى ئالدىدا باشلانغان ۋە تورونتونىڭ ئاۋات كوچىلىرىنى ئايلىنىپ، ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدە تەشۋىقات ۋاراقلىرى تارقىتىلغان بۇ نامايىشقا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان 100 دىن ئوشۇق كانادالىق قاتناشتى. بۇ نامايىش ھۈسەيىن جېلىلنى قۇتقۇزۇش كومىتېتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان.

كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم بۈگۈنكى نامايىشنىڭ ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا، خىتاينى ھۈسەيىن جېلىلنى قويۇۋېتىشكە قىستاش پائالىيىتى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

بۈگۈنكى پائالىيەتنىڭ ئاساسلىق ئۇيۇشتۇرغۇچىسى بولغان "نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەشكىلاتى"نىڭ مەسئۇلى ماتتھېۋ ئەپەندى نامايىشتا سۆز قىلغاندا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقلىرىنى ئېغىر ھالدا دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ: " بۈگۈن خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نارازىلىق پائالىيىتى ئېلىپ بېرىشىمىزدىكى سەۋەب، خىتاي ھۆكۈمىتى ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرىدىغان چاغدا، كىشىلىك ھوقۇقنى ياخشىلايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە قىلغانىدى. ئەپسۇسكى بۈگۈنكى كۈندە خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى ياخشىلىنىش تۈگۈل، ئەكسىچە بارغانسىرى ناچارلاشماقتا. بۇنىڭ دېلىللىرى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كانادا پۇقراسى بولغان ھۈسەيىن جېلىلنى ئىككى يىلدىن بېرى،قانۇنسىز ھالدا تۇتۇپ تۇرۇشى شۇنداقلا ئولىمپىكنىڭ ھارپىسىدا، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى كۈچەيتكەنلىكىدۇر،" دېدى.

ماتتھېۋ ئەپەندى سۆزىدە ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا قانۇنلار بۇيىچە، ھۈسەيىن جېلىلنى دەرھال كاناداغا قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى بىلەن جەم بولۇشىغا يول قويۇشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.

نامايىشقا قاتناشقان كانادادىكى ئۇيغۇر زىيالىسى گۈلشەن خانىم بىلەن دىنى زات نۇر مۇھەممەت ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىشقا كانادالىقلارنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشقانلىقىنى، نامايىشتا ھۈسەيىن جېلىل ھەققىدىكى تەشۋىقات ۋاراقلىرىنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى تونۇشتۇردى.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رۇقىيە خانىم نامايىشنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتە چېكىۋاتقان ئازاپلىرىنى كانادالىقلارغا ئاڭلىتىش پۇرسىتى ياراتقانلىقىنى بىلدۈردى.