تورونتودا 'غايىپ بولغان يىپەك يولى‏- خىتاينىڭ تۈركىستانى' رەسىم كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى

خىتايدىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ يوقاپ كېتىش گىردابىغا بېرىپ قېلىۋاتقانلىقىغا يېقىندىن دىققەت قىلىۋاتقان ياش فوتو ژۇرنالىست رايېن پايېل يېقىندا تورونتودا " غايىپ بولغان يىپەك يولى ‏- خىتاينىڭ تۈركىستانى" دېگەن ماۋزۇدا ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر كۇرگەزمىسى ئۆتكۈزدى.

0:00 / 0:00

كۆرگەزمىنىڭ 5 ‏- ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى كانادا خەلقىگە تونۇشتۇرۇش مەزمۇن قىلىنغان پائالىيەتلەر كانادادا داۋام قىلىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتكە توغرا كېلىشى، كانادا خەلقىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى رىئال ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.