بۇ ئۆيلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېغىر سالامەتلىك تەھدىتى سېلىپ تۇرۇۋاتقانلىقى ئىلگىرى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.
بۇ خىلدىكى ئۆيلەردە ياشاپ باققان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆيلەر مۇھىتى ناچار ۋە يىراق يەرلەرگە سېلىنغان بولغاچقا، بۇ ئۇيغۇر ئاھالىلەرگە ھەر قايسى جەھەتلەردە قۇلايسىزلىق تۇغدۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا خىتاي ساقچىلىرى بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارنى دائىم ئاۋارە قىلىپ تۇرىدىكەن.
بىز بىلەن يۇقىرىقى ئۆيلەر ھەققىدە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ياش، ئۆزىنىڭ ھېس قىلغان ۋە كۆرگەن-ئاڭلىغانلىرىنى بايان قىلدى.
بۇ ئۇيغۇر ياشنىڭ بايان قىلغانلىرى، ئۈرۈمچىنىڭ مۇھىتى ناچار رايونلىرىغا سېلىنغان ئاتالمىش ئۇيغۇر «شەھەر نامراتلىرى» غا «ئېتىبار قىلىپ بېرىلگەن» ئاشۇ ئۆيلەرنىڭ پەقەت ۋە پەقەت بىرىدە ئولتۇرۇپ باققان بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ كۆرگەن ئاڭلىغانلىرى خالاس.
مەيلى بۇ ئۆيلەر يىراق، مۇھىتى ناچار ۋە قۇلايسىز رايونلارغا سېلىنغان بولسۇن ۋە مەيلى بۇ ئولتۇراق ئۆي بىنالىرى ئولتۇرۇۋاتقانلارنىڭ سالامەتلىك ۋە ھاياتى بىخەتەرلىكىگە قارا قولىنى سوزۇپ تۇرغان بولسۇن، بۇ خىل ئۆيلەردە ھېلى ھەم نۇرغۇن ئۇيغۇرلار چىشىنى چىشلەپ ئولتۇرۇشقا مەجبۇر.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.