دېمەك بۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات ئاھالىلەر تۈرلۈك شەرتلەر بىلەن تەستە ئېرىشىۋاتقان تۆۋىنى 60 يۈەن، يۇقىرىسى 100 يۈەن تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئېرىشىش يەنىمۇ تەسلىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېرىلىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئۇيغۇرلارغا قانچىلىك نەپ ئېلىپ كەلدى؟ «ئىقتىسادى ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتقان» ئۇيغۇر ئېلىدە تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە موھتاجلار نېمە ئۈچۈن تۈگىمەيدۇ؟
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان ستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا شەھەر نوپۇسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى 862 مىڭ كىشى، يېزا نوپۇسىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى بىر مىليون 299 مىڭ كىشىدىن كۆپرەك بولۇپ، دېمەك ئەڭ تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر سانى ئىككى مىليوندىن ئاشىدۇ.
شەھەردىكىلەرگە بېرىلىۋاتقان تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىنىڭ يۇقىرىسى كىشى بېشىغا 227 يۈەن. يېزىلاردا يۇقىرىسى 101.3 يۈەن. ئۇيغۇر ئېلىدىكى ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى خەلق ئىشلىرى ئىدارىلىرىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى توغرىسىدىكى ھۆججەتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، ئۇيغۇر يېزىلىرىدا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغان كىشىلەرنىڭ ئاساسلىق شەرتى 60 ياشتىن ئاشقانلار، ئىككىنچى شەرتى بولسا يىللىق كىرىمى 700 يۈەنگە يەتمەيدىغانلار، يەنى بۇنى چاچقاندا ئايلىق كىرىمى 80 يۈەندىن تۆۋەن بولغانلار بولۇشى كېرەك.
تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلى ئوخشىمىغان جايلاردا ئوخشىمىغان شەرت ۋە دەرىجە بويىچە بېرىلىدىغان بولۇپ ئاساسەن 60 يۈەندىن 100 گە قەدەر ئىكەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە ئىگە نامرات دېھقان دېگەندە، كىشىلەرنىڭ كۆزىگە كەتمەن تۇتقان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى كېلىدۇ. بىر يوپۇرغا ناھىيىسىنى مىسال ئالساق، يوپۇرغا ناھىيىسىنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 170 مىڭ 96% ئىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدۇ. يوپۇرغا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت تور بېتىدە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بۇ ناھىيىدە ھازىر 25 مىڭ 883 كىشى شەھەر-يېزا تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى كابىنېتى يېقىندا «تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى پىكىر» نى ئېلان قىلدى. ئۇنىڭدا ئەسكەرتىلىشىچە، جايلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە كۆز بوياپ ئېرىشىۋالغانلارنى تەكشۈرۈش سالمىقىنى كۈچەيتىش، يالغان ئىسپات چىقىرىپ بەرگەن ئورگان ۋە شەخسلەرنى جازالاشنى كۈچەيتىش بىلەن بىرگە، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرنى ئىناۋەتلىك گۇۋاھلىق سىستېمىسىغا خاتىرىلىشى كېرەك ئىكەن.
بۇ پىكىرگە ئاساسەن جايلاردىكى ھەر دەرىجىلىك خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى مەسئۇل بولۇپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئالىدىغانلارنىڭ نوپۇسى، كىرىم ئەھۋاللىرى كاپالەت سوممىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى باشلايدىكەن.
رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلار ۋە ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان بەزى بىر ئۇچۇر ھەم نارازىلىق بايانلارغا قارىغاندا، جايلاردىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بېرىلىدىغان ئۇيغۇر ئائىلىلەرگە قارىتا قانۇنلۇق شەرتلەردىن باشقا «بۇ ئائىلىدە ئۈچ خىل كۈچلەر چىقمىغان بولۇشى، ياغلىق ئاتقان، ساقال قويغانلار بولماسلىقى... شەرت» دېگەندەك ئۆز ئالدىغا قانۇنسىز، يولسىز شەرتلەرنى قويۇپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت ئوبيېكتى بولغان نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ھەر ئايدا يۈز يۈەنگە يەتمىگەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى ئېلىشىمۇ تۈرلۈك توسالغۇغا ئۇچراۋاتقان ئىكەن.
بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بۈگۈنكى مال باھاسى، كۈندىلىك نورمال تۇرمۇش چىقىملىرىنى كۆز ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلگەندە، بۇ نامرات ئۇيغۇر دېھقانلىرى ئەگەر شۇ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىغا ئېرىشتى دېگەندە، بۇ خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى قايسى دەرىجىدە كاپالەتكە ئىگە قىلالىدى دېگەن سوئال كەلمەي قالمايدۇ.
تۇرمۇش كاپالەت سوممىسىغا تايىنىپ ياشايدىغان بىر دېھقان، گۆش باھاسى 50 يۈەن ئەتراپىدا بولۇۋاتقان ئەھۋال ئاستىدا، تۇرمۇش كاپالەت پۇلىنى تولۇق ئالدى دېگەن تەقدىردىمۇ بۇنىڭغا ئاران ئىككى كىلوگرام گۆش كېلىدۇ، كۈنىگە پەقەت بىر نان بىلەن جان باقتى دېگەن تەقدىردىمۇ ئاينىڭ يېرىمىنى ئاچ ئۆتكۈزۈشكە توغرا كېلىدۇ دېگەن گەپ.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، نۆۋەتتە دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىقى بۇيرۇقىنىڭ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىۋاتقان خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا پايدىسى بولمايلا قالماي، ئۇلارنىڭ ۋەزىيىتىنى يەنىمۇ ناچارلاشتۇرۇشى، تېخىمۇ زور سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي بېسىملارغا دۇچار قىلىشى مۇمكىن، دەپ مۇلاھىزە قىلدى.
مەركىزى ۋاشىنگتوندىكى خەلقئارا ئۇيغۇر ئىنسان ھەقلىرى پروگراممىسى خادىمى زۇبەيرە خانىم، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى دېگەندەك خىتاي سىياسەتلىرىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تېخىمۇ نامرات قالدۇرۇش، ئۇلارنى تېخىمۇ ياخشى كونترول قىلىشى ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
