توختى مۇزئارتنىڭ خانىمى يولدىشى ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00
TothiTunyaz-150.jpg
توختى تۇنىياز (توختى مۇزئارت)

تۈركولوگىيە تەتقىقاتىدا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ياش ئالىم توختى مۇزئارت، يالغۇز بۇ ساھەسىدە مول بىلىمگە ئىگە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىمۇ كۆپ بىلىملەرنى تەھسىن قىلغان ئىدى.

بولۇپمۇ ياپونىيىدە ئۇزۇن يىل تەتقىقات ئېلىپ بېرىش جەريانىدا توختى مۇزئارت "ئۇيغۇرلار ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا" دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان ئاجايىپ تۆھپىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ياپونىيىلىك ئالىملارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشكەن. توختى موزئارتنىڭ نۇرغۇن ئىلمىي، تارىخى قىممەتكە ئىگە ماقالىلىرى ياپونىيىدىكى نوپۇزلۇق گېزىت، ژورناللاردا ئېلان قىلىنغاندىن سىرت، ياپونىيىنىڭ بۈيۈك شەرق مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن.

ئەپسۇس خىتاي ھۆكۈمىتى توختى مۇزئارتنى 1998 ‏- يىلى دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكىنى چەتئەللىكلەرگە بېرىشكە ئۇرۇنغان شۇنىڭدەك دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى پارچىلاشقا ئۇرۇنغان دېگەنگە ئوخشاش باھانىلەر بىلەن 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرىمىز ئەقىدە توختى موزئارتنىڭ ياپونىيىدە ياشاۋاتقان خانىمى رابىيە بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردى.