سۇ چېچىش بايرىمى كۈنى كامبودژادا كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىپ كۆپ ئادەم ئۆلۈش پاجىئەسى يۈز بەردى
2010.11.25
ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خۇڭ سەن ئايالى بىلەن بىرلىكتە كامبودژالىقلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتى بويىچە دىنىي تەزىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، ئۆلگۈچىلەرگە گۈلچەمبىرەك قويغان.
22-نويابىر كۈنى، يەنى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىنىڭ سۇ چېچىش بايرىمىنىڭ ئاخىرقى كۈنى كامبودژادا كۆۋرۈك چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسى يۈز بېرىپ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 456 كە يەتكەن، يارىلانغانلارنىڭ سانى 700دىن ئاشقان. بىراق، بۇ ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ھەققىدە ئوخشىمىغان مەلۇماتلار بار بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقى ئۆلگەنلەرنىڭ سانىنىڭ 350 ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى خەۋەر قىلغان.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن ئاشكارىلىنىشىچە، بۇ پاجىئە 2006- يىلى مەككىدە يۈز بەرگەن ھەج پائالىيىتىدىكى قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن 362 ئادەم ئۆلگەن ۋەقەدىن كېيىنكى يەنە بىر قېتىملىق ئاممىۋى پائالىيەت جەريانىدا كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ھادىسىسى ھېسابلىنىدىكەن. كامبودژا ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى كامبودژادا يۈز بەرگەن ئەڭ ئېغىر تراگېدىيە دەپ ئېلان قىلغان.
نۆۋەتتە، بۇ قېتىملىق پاجىئە ھەققىدە خىلمۇ-خىل پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا ئىكەن. كامبودژانىڭ ھۆكۈمەت مەلۇماتلىرىدا دېيىلىشىچە، 22-نويابىر كۈنى كېچىدە تەخمىنەن 3 مىليوندەك كىشى پايتەخت پخنوم پېن شەھىرىگە ئوردا ئالدىدىكى دەريادا ئۆتكۈزۈلىدىغان قولۋاق مۇسابىقىسىنى كۆرۈشكە توپلانغان. مۇسابىقە ئاياغلىشىشقا ئاز قالغاندا، كىشىلەر ئارىسىدا ئارالغا تۇتۇشىدىغان چوڭ كۆۋرۈك مۇستەھكەم ئەمەسكەن دېگەن ئۆسەك سۆزنىڭ تارقىلىشى بىلەن ۋەھىمە پەيدا بولۇپ، كۆۋرۈكتە ئېغىر قىستاڭچىلىق يۈز بەرگەن. ھەتتا بەزىلەر ئۆزىنى كۆۋرۈك ئۈستىدىن دەرياغا ئېتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئادەمنىڭ ئۆلۈش-يارىلىنىش ۋەقەسى كېلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.
ئەمما، يەنە باشقا ئىنكاسلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ساقچىلار كۆۋرۈك ئۈستىدىكى قىستاڭچىلىقنى پەسەيتىش ئۈچۈن، كىشىلەر توپىغا يۇقىرى بېسىملىق سۇ چاچقان. نەتىجىدە كىشىلەر ئارىسىدا پاراكەندىچىلىك يۈز بېرىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئۆز جېنىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەر تەرەپكە قاچقان. ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى دەسسىلىپ ئۆلگەن ھەم قىستاڭچىلىق سەۋەبىدىن نەپسى بوغۇلۇپ ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن ئىكەن. مەلۇم بولۇشىچە ، بۇ قېتىم ئۆلگەنلەر ئىچىدە ئاياللار نىسبەتەن كۆپ بولۇپ، ئۆلگەنلەر ئارىسىدا يەنە كامبودژاغا ساياھەت ئۈچۈن كەلگەن چەتئەللىكلەرمۇ بار ئىكەن.
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70-يىللىرىدا كامبودژادا كوممۇنىست قىزىل كىخمېر ھۆكۈمىتى ھاكىمىيەت سۈرگەندە بىر مىليون 700 مىڭ ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغانلىقى مەلۇم.