نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەردە ھەر خىل تىللاردا ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ھاياتى، بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ۋە 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى توغرىسىدا كۆپلىگەن كىتابلار نەشر قىلىنىشقا باشلىدى. مانا شۇ خىل كىتابلاردىن بىرى، چەتئەلدىكى بىردىن-بىر خىتاي تىلىدىكى نەشرىيات بولغان ئەينەك نەشرىياتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ نيۇ-يورك شەھىرىدىكى تارماق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «شىنجاڭدىكى قالايمىقانچىلىق ۋە تۈگىمەس توقۇنۇش» ناملىق خىتايچە كىتاب. خىتاي يازغۇچى جياۋ يۇلۇ يازغان مەزكۇر كىتاب 536 بەت ۋە 14 بابتىن تەركىب تاپقان بولۇپ، ئاپتور كىتابىدا ئۇيغۇرلارنىڭ تارىخىنى ۋە ھەرقايسى تارىخىي باسقۇچلاردىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتتىق قول سىياسىتى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلدە ئېلىپ بېرىۋاتقان مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرى توغرىسىدا بىر قەدەر ئەتراپلىق ماتېرىياللارنى توپلاپ بۇنىڭغا ئاساسەن يېزىپ چىققان.
مەزكۇر كىتابتا ئاپتور خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق قوللۇق سىياسىتى بىلەن كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ ئازسانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى يورۇتۇپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ، ئەگەر خىتاي ھاكىمىيىتى ھوشيار بولمىسا دەرھال قولدىن چىقىپ كېتىش خەۋپىنىڭ بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق، خىتاي ھاكىمىيىتىگە سىگنال بېرىدۇ.
بىز بۇ كىتاب ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ياپونىيە كاگوشىما خەلقئارا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىر ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.