مەزكۇر ماقالە ھەققىدە توختالغان ماقالە ئاپتورى پروفېسسور ئىساك شىكۇر، بۇ ماقالىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان تەتقىقات نەتىجىسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىساك شىكۇر: " بۇ ھەقتىكى 50 - 60 بەتلەر ئەتراپىدىكى تەتقىقات ماقالەم، يېقىندا ۋاشىنگتونغا جايلاشقان شەرق - غەرب مەركىزى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىدۇ. ئۇ ماقالىدە مەن، خىتاي - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرىدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ ئورنى ھەققىدە بىر قەدەر تەپسىلىي توختالدىم".
پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆز ئىچىدىكى خىتاي ھەمتاۋاقلىرىنى ئاشكارىلاش
مۇلاھىزىدە، تۈركىيىنىڭ خىتاي ھەربىي تېخنولوگىيىسىگە ئېرىشىش ئارزۇسىدىن پايدىلىنىپ، خىتاينىڭ تۈركىيىنى " تېررورلۇققا" بىرلىكتە قارشى تۇرۇش نامىدا، تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىگە بىرلىكتە زەربە بېرىشكە قىستاپ كەلگەنلىكى، گەرچە تۈركىيە دائىرىلىرى خىتاينىڭ بۇ تەلەپلىرىنى ئىزچىل رەت قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما تۈركىيىنىڭ "1990 - يىللارنىڭ كېيىنكى يېرىمىغا كەلگەندە، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى تەلەپلىرىگە كۆنۈشكە" باشلىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
1999 - يىلى 28 - مايدا "خىتاي - تۈركىيە ھەربىي تەربىيىلەش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى" تۈزگەن
ماقالىدە، تۈركىيىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرگە قوشۇلۇش تۇنجى قەدىمىنىڭ، تۈركىيە ئارمىيىسى مۇئاۋىن شىتاب باشلىقىنىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا 1999 - يىلى 28 - مايدا "خىتاي - تۈركىيە ھەربىي تەربىيىلەش ۋە ھەمكارلىق كېلىشىمى" تۈزگەندىن كىيىن ئېلىنغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، مۇنداق كۆرسىتىلگەن: " تۈركىيىدە ئاندا - ساندا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئۇيغۇر نامايىشلىرى، ۋە تۈركىيىدە تۇرۇشلۇق خىتاي پۇقرالىرىغا قارشى ئېلىپ بارغان زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرى 2000 - يىلى 14 - فېۋرالدىكى خىتاي - تۈركىيە خەۋپسىزلىك ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ تۈزۈلۈش ئاساسىنى ياراتقان بولۇشى مۇمكىن".
ماقالىدە ئوتتۇرىغا قويۇلىشىچە، يۇقىرىقى خەۋپسىزلىك كېلىشىمىدە، تۈركىيىنىڭ كۇرت ۋە سىپرۇس رايونلىرىدىكى زېمىن پۈتۈنلۈكى، خىتاينىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلاردىكى زېمىن پۈتۈنلۈكىگە قارىشى ھەرقانداق ھەرىكەتلەرگە قاتتىق ۋاسىلارنى ئىشقا سېلىپ زەربە بېرىش قاتارلىق مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن.
ئىساك شىكۇر:" تۈركىيىدىكى خىتاي پۇراقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ياكى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن"
پروفېسسور ئىساك شىكۇر، بۇ خىل كېلىشىملەرنى تۈزۈشتە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان نامايىشلاردا خىتاي پۇقرالىرىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كوزىر قىلغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مۇنداق دېدى:" تۈركىيىدىكى خىتاي پۇراقلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلتۈرگەن ياكى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى مەن بىلمەيمەن. ئەمما مەسىلە خىتاينىڭ نېمە دېيىشىدە. ئۇلار شۇنى باھانە قىلىپ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى بۇ خىلدىكى خەۋپسىزلىك كېلىشىمىگە ئىمزا قويۇشقا قىستىدى."
"پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆز ئىچىدىكى خىتاي ھەمتاۋاقلىرىنى ئاشكارىلاش"
ماقالىدە يەنە، خىتاي رازۋېتكا ئورگانلىرىنىڭ تۈركىيىدە كەڭ ھەم ئاكتىپ ھالدا ھەرىكەت قىلىدىغانلىقى، بۇلارنىڭ تۈركىيىدە ھەربىي ئاخبارات توپلاش بىلەنلا ئەمەس، بەلكى يەنە ئۇيغۇر سىياسىي تەشكىلاتلىرى ئىچىگە ئۇيقۇدىكى جاسۇس ۋە ئىشپىيونلارنى سىڭدۈرۈش بىلەن شۇغۇللانغانلىقى كۆرسىتىلگەن ۋە مۇنداق دېيىلگەن:" تۈركىيىدىلا ئەمەس بەلكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى نۆۋەتتە يولۇقۇۋاتقان ئەڭ ئۆتكۈر مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولسا، ئۆز ئىچىدىكى خىتاي ھەمتاۋاقلىرىنى ئاشكارىلاش مەسىلىدۇر. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر ۋە بەزى يۇقىرى دەرىجىلىك پائالىيەتچىلەرگە نىسبەتەن دېلىغۇل بولۇش، گۇمانسىراش تۇيغۇلىرى شەرقىي تۈركىستان تەشكىللىرىنىڭ پاسسىپ ۋە پالەچ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ دەل بېيجىڭ دائىرىلىرى كۈتىدىغان ئىش ئىدى" دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
پروفېسسور ئىساك شىكۇر بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئۇيغۇر سىياسىي داۋاسىنى پالەچ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويىدىغان جاسۇسلارنىڭ ئۇيغۇرلاردىن ئىكەنلىكىنى ھەتتا بەزىلىرىنىڭ خىتايدا تەربىيىلەندى دەپ ئېيتىشقىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
" مەن بۇلارنى تەربىيىلەندى دەپ قارايمەن. ئۇلار بەزىدە ئۇيغۇر يىغىنلىرىغا قاتنىشىدۇ ۋە خەۋەر ئۇچۇخلارنى توپلاپ خىتايغا يەتكۈزىدۇ."
پروفېسسور ئىساك شىكۇر، ئىسرائىلىيىنىڭ يېرۇسالېم شەھىرىگە جايلاشقان. ئىبرانىيلار ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ۋە شەرقىي ئاسىيە تەتقىقاتى فاكۇلتېتى خىتاي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى. پروفېسسور ئىساك شىكۇر ئىلگىرىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە بىر نەچچە ماقالە ئېلان قىلغان.