تۈركىيىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروئاسىيا تەتقىقات تەلىم - تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق فوندى رەسمى قۇرۇلدى

ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىگە كېلىپ جايلىشىشى بەكلا ئۇزۇن تارىخقا ئىگە بولسىمۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيىدە تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇشى 1950 - يىللارغا توغرا كېلىدۇ. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى بۈگۈنگىچە نۇقتىلىق ھالدا ئۆز يۇرتىدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ دەردىنى تۈركىيە جامائەتچىلىكىگە ئاڭلىتىشقا ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئۇيغۇرلار پائالىيەت ساھەلىرىنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ ئۇيغۇرلار ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ۋە رايونلار ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشكە باشلىدى. ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشرىياتى نامىدا ئۇيغۇرلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك كىتابلارنى چىقىرىۋاتقان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، پۈتۈن رەسمىيەتلىرىنى تاماملاپ، ياۋروئاسىيا تەتقىقات تەلىم - تەربىيە ۋە ئىجتىمائىي فوندىنىڭ رەسمى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

بۇ فوندىنىڭ قۇرغۇچىسى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بۇ ۋەخپىنىڭ پەقەتلا ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، ئوتتۇرا ئاسىيانى، كاۋكازىيىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ساھەدە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قانۇنىنى بويىچە پائالىيەتتە ئېلىپ بېرىشنى مەقسەت قىلغان بىر فوند ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بىز بۇ ۋەخپىنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىدى، پائالىيەت ئېلىپ بېرىش ئوبيېكتى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت پىلانىغا ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاب تېپىش ئۈچۈن فوندىنىڭ باشلىقى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.