ئۇيغۇرلار ھەققىدە ماقالە يازغان تۇڭگان يازغۇچىسى ئەنرەن ئۈستىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلدى

جىنەن شەھىرىدىكى ئەنرەن ئىسىملىك تۇڭگان يازغۇچىسى خىتايدىكى مىللىي تەڭسىزلىك ھەم ئۇيغۇرلار ھەققىدە يازغان ماقالىلىرى سەۋەبلىك خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «سەزگۈر سەخس» دەپ قارىلىپ كەلگەن.

0:00 / 0:00


يېقىندا ئەنرەن ئۆزىنىڭ بلوگىدا 2 - ماي كۈنى كولا ساقچىخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر مىرزاھىد ھەققىدە ماقالە ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خىتاي ساقچىلىرى ئۇنى «توردا ئۆسەك سۆز تارقاتقان» دەپ ئەيىبلەپ تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان.

ئەنرەن 15 - ئىيۇن ئېلان قىلغان «قوغلاپ تۇتۇش»ناملىق ماقالىسىدە، ئۆتكەن ھەپتە ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلىنغان «قۇرئان ئۆگەنگەن ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق ماقالىسى ۋە باشقا يازمىلىرى سەۋەبلىك، ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە ئۆزىنىڭ قېچىپ يۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئەنرەن «قوغلاپ تۇتۇش» ناملىق ماقالىسىدە ئۆزىنىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق بايانلارنى بەرگەن: «14 - ئىيۇن شەندۇڭ جىنەن شەھىرى لىشا ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ كېچاڭ ياشىنىپ قالغان دادامغا تېلېفون قىلىپ، مېنى ئۇلارغا تاپشۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپتۇ. ئۇلار مېنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان ھەقسىزلىقلار ھەققىدە سۆزلىشىمگە يول قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپتۇ. ۋاڭ فامىلىلىك ساقچى باشلىقى دادامغا مېنىڭ توردا ئېلان قىلغان قۇتراتقۇلۇق خاراكتېرىدىكى يازمىلىرىم سەۋەبلىك ماڭا ئالاھىدە تەدبىر قوللىنىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپتۇ. بىر يىلدىن ئاشتى مەن بلوگىمدا ئېلان قىلىنغان ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىق قىلىنغان يازمىلىرىم سەۋەبلىك، ساقچىلارنىڭ تۇتقۇن قىلىشىدىن قېچىپ سىرتلاردا تەمتىرەپ يۈرۈپتىمەن. مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىمنى ئۆيىدىن ئايرىلغان ئىتقا ئوخشىتىش مۇمكىن. ئەمما مەن ھاياتلا بولسام ھەقىقەت ئۈچۈن، ئېزىلگەن مىللەتلەر ئۈچۈن سۆزلەيمەن. مەن ھازىر خەتەر ئىچىدە. ئەگەر مەن بلوگىمدا يېزىشتىن توختاپ، جىمىپ كەتسەم مېنى تۇتقۇن قىلىنىپتۇ، ياكى ئۆلتۈرۈلۈپتۇ دەپ بىلسەڭلەر بولىدۇ. ئاللا ھەممىگە قادىر!»

ئەنرەن 4 - ئىيۇن ئېلان قىلغان «قۇرئان ئۆگەنگەن ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق ماقالىسىدە، 22 - ماي كورلا ساقچىخانىسىدا ئۆلتۈرۈلگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈر مىرزاھىد ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق چەتئەل ئاخباراتلىرى بەرگەن خەۋەر بىلەن خىتاي مەتبۇئاتلىرى بەرگەن خەۋەرنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ يالغانچىلىقىنى پاش قىلغان. ھەمدە ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرنى خىتاي تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقاتقىنى ئۈچۈن خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان پامىر ياسىن ۋەقەسىنى بايان قىلىپ، خىتايدا پۇقرالار پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىنىپ، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن سۆزلىگەنلەرنىڭ باستۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى تەنقىدلىگەن ئىدى.

يازغۇچى ئەنرەن 4 - ئىيۇن ئېلان قىلغان «قۇرئان ئۆگەنگەن ئۆسمۈرنىڭ ئۆلۈمى» ناملىق ماقالىسىدە، «نۆۋەتتە ئۆزىنى قۇدرەتلىك سانىغان تەڭرى خانىدانلىقى(خىتاي ھۆكۈمىتىنى دېمەكچى) جەنۇبىي دېڭىزدا فىلىپپىن بىلەن ئۇرۇش قىلىشتىن ئېھتىيات قىلغىنى ئۈچۈن «ئۇرۇش قىلغۇدەك دېڭىز ئارمىيىسىمۇ يوق» دەپ مەسخىرە قىلىنىۋاتىدۇ. ئەمما ئۆزىنىڭ قۇدرىتىنى نامايان قىلىشقا ئامراق تەڭرى خانىدانلىقى ھازىر پۈتۈن كۈچىنى ئىشقا سېلىپ دۆلەت ئىچىدە ئۆزىگە قارشى گەپ قىلغۇچىلارنى باستۇرۇۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە پامىر ياسىن ئەپەندىگە ئوخشاش تۇتقۇن قىلىنىش قىسمىتى مېنىڭ بېشىمغىمۇ كېلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ» دېگەن بايانلارنى بېرىپ، ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېلان قىلغان ماقالىلىرى سەۋەبلىك ئۆزىنىڭمۇ خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن دەسلەپكى بېشارەتنى بەرگەن ئىدى.

تۇڭگان يازغۇچىسى ئەنرەننىڭ خەتەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقى ھەققىدە بۈگۈن «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىمۇ خەۋەر بەردى. «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئەنرەن ئىلگىرى خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 6 - نۆۋەتلىك تۇڭگان قەلەمكەشلىرى يىغىنىغا قاتناشقان. ئۇ يەنە «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن. بولۇپمۇ «5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى» دىن كېيىن ئەنرەن يەنە «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىدىكى يازمىلىرى سەۋەبلىك ھۇجۇم نىشانىنىڭ بىرىگە ئايلانغان.

ئەنرەننىڭ بلوگىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولىشىچە، ئەنرەن 1979 - يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇنىڭ «ئەنرەن شېئىرلىرى»، 2004 - يىلدىن 2010 - يىلغىچە يېزىلغان ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن «ئىسسىق قان ھەم مۇزدەك رېئاللىق» ناملىق ماقالىلەر توپلىمى بار. ئۇنىڭ يەنە بۇ يىل 6 - ئايدا ئۆزىنىڭ بلوگىدا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى يازمىلىرىدىن «كونا دۇنياغا ئوت قويغۇچى»، «ئۇنتۇلغان ھەم خاتىرىلەش ئوبيېكتى قىلىنغان ئىپارخان مازىرى»، ناملىق ماقالىلىرى ۋە «ھەقىقىي تۇڭگان مىللىتى ئۈچۈن ناخشا ئېيتىمەن»، «مەن بىر دانە پىچاقنى ياستۇق قىلغىنىمچە ئۇيقۇغا كېتىمەن» قاتارلىق شېئىرلىرى بار.