يۇقىرىقى سۆزلەر، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سانجى شەھىرىدە ئۆسۈپ يېتىلگەن، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن خا شىنفاڭ خانىمنىڭ ماقالىسىدىن بىر پارچىدۇر.
"ئەگەر جۇڭگو راستىنلا 56 مىللەتنىڭ چوڭ ئائىلىسى بولسا، بۇ ئائىلىنىڭ ئەزالىرى چوقۇم باراۋەر بولۇشى كېرەك. ئەپسۇسكى جۇڭگودا مىللەتلەر باراۋەر ئەمەس؛ شىنجاڭدا ۋەزىيەت تېخىمۇ شۇنداق."
ئاپتور ماقالىسىنى ئامېرىكا پرېزىدېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسىدىن ئىلھاملىنىپ يازغان. شۇڭا ماقالە مۇنداق باشلانغان: " ئوباما پرېزىدېنتلىققا سايلاندى، ئامېرىكىدا مىللەتلەر مەسىلىسىدە تارىخ يارىتىلدى. ئوبامانىڭ دېگىنىدەك ئامېرىكىغا ئۆزگىرىش دەۋرى يېتىپ كەلدى، مېنىڭچە بۇ ئۆزگىرىش دەۋرى چوقۇم جۇڭگوغىمۇ يېتىپ كېلىدۇ. ئۇنداقتا جۇڭگو مىللىي مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا نۆۋەتتە قايسى باسقۇچتا؟"
خا شىنفاڭ خانىم يۇقىرىقى سوئالىدىن كېيىن، خىتاينىڭ مىللەتلەر مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىشتا خاتا يولدا كېتىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا بايان قىلىدۇ ۋە مۇنداق يازىدۇ: " دۆلەت شىنجاڭ مەسىلىسىگە ھەقىقەتەن دىققىتىنى مەركەزلەشتۈرۈۋاتىدۇ؛ ئەمما قوللانغان چارىلىرى مەسىلىنى ھەل قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۇلغايتىۋاتىدۇ. مىللەتلەر ئارىسىدا يېقىنلىشىش ئەمەس، ھاڭ پەيدا قىلىۋاتىدۇ."
خا شىنفاڭ خانىم بۇ قارىشىغا پاكىت سۈپىتىدە ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنى تىلغا ئالىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەۋجۇدىيىتى ۋە ئۇنىڭغا بېرىلگەن ئىمتىيازلار، دۆلەتنىڭ مىللىي ئايرىمچىلىق قارىشىنىڭ ئىنكار قىلىنماس دەلىلى. چۈنكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ۋەزىپىسى ئاشكارا ھالدا مۇقىملىقنى قوغداش دەپ كۆرسىتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقى بۇ جاينىڭ ئاساسلىق خەلقى بولغان ئۇيغۇرلارغا تاپشۇرۇلماي، خەنزۇلارغا يەنى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە تاپشۇرۇلۇشى، دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى ھەم بۇ ئىشەنچسىزلىكىنى يوشۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛ ئاپتور بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسى شىنجاڭدا ياشايدۇ، ئەمما شىنجاڭ ئۇلارنى باشقۇرالمايدۇ، مەركەزگە قارايدۇ؛ ئۇلار ھەربىي ئورۇن ئەمەس، ئەمما ئەمەلدارلىرى ھەربىي ئۇنۋان قوللىنىدۇ، خەلقى ئەسكەر ئەمەس، ئەمما قورال - ياراق ساقلايدۇ، ئۇلار ھۆكۈمەت ئەمەس، ئەمما ئۆز ئالدىغا بانكىسى، باج ئىدارىسى ۋە بازار باشقۇرۇش ئىدارىسى مەۋجۇت. دېمەك ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش ئارمىيىسىگە بېرىلگەن بۇ ئىمتىياز، بۇ ئېتىبار، بۇ ئۈستۈنلۈك ھەممىگە مەلۇمكى، خەنزۇ خەلقىغە بېرىلىۋاتقان ئۈستۈنلۈكتۇر. چۈنكى بىڭتۇەن خەنزۇلاردىن تەشكىللەنگەن.
خا شىنفاڭ خانىم، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مىللىي ئايرىمچىلىقنى، جەمئىيەتتىكى ئىش تەقسىماتىدا تېخىمۇ ئاشكارا كۆرىلىدۇ دەپ يازىدۇ. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىكى دۆلەت ئىگىلىكىدىكى چوڭ كارخانىلارنىڭ، مەسىلەن بەزى نېفىت شىركەتلىرىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەردىن خىزمەتچى قوبۇل قىلماسلىق ھەققىدە مەخسۇس ھۆججىتى بار. شەخسى شىركەتلەر بولسا ھەر خىل باھانىلەر بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئالمايدۇ؛ ھەتتا ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇغان تەقدىردىمۇ ئۇيغۇر بولغانلىغى ئۈچۈنلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئاپتور بۇ سۆزلىرىدىن كېيىن، مۇنداق يازىدۇ: ئۇيغۇرلار ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىش تاپالمايدۇ، ئۆزىنىڭ ئانا يۇرتىدىمۇ ئىش تاپالمايدۇ، چەتكە قېقىلىدۇ؛ ئالىي مائارىپ تەربىيىسىگە يېتەرلىك ئېرىشەلمەيۋاتقان، ئېرىشكەنلىرىمۇ ئىش تاپالمايۋاتقان بىر ئەۋلاد ھاياتىنى قانداق داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىن؟
ئاپتور بۇ نۇقتىدا خىتاينىڭ جامائەت پىكرى ۋاستىلىرىنى تەنقىد قىلىدۇ. ئاپتور، "ئۇيغۇر" دېگەن نامنىڭ نۆۋەتتە، "ئوغرى - قاراقچى" ۋە "بۆلگۈنچى - تېررورچى" دېگەن ناملار بىلەن مەنىداش قوللىنىلىۋاتقانلىقىنى، خىتاي خەلقىنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئەيىبلەشتىن ئاۋۋال دۆلەتنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سىياسىتىنى كۆزىتىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق يازىدۇ: " ھۆكۈمەت ئولىمپىك مەزگىلىدە ئۇيغۇرلارنى بېيجىڭدىن قوغلىدى، مېھمانخانىلارغا ئۇيغۇرلارنى ياتقۇزماسلىق ھەققىدە ئاشكارا ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى. ئۇيغۇرلار مېھمانخانىغا تىزىملاتقىلى كەلسە، ساقچىغا مەلۇم قىلىشنى ئۇقتۇردى. قېنى ئۇيغۇرلارمۇ بۇ دۆلەتنىڭ پۇقراسى ئىدىغۇ؟ ئۇيغۇرلار 56 مىللەتلىك چوڭ ئائىلىنىڭ بىر ئەزاسى ئىدىغۇ؟ ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆز دۆلىتىنىڭ خۇشاللىقىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى يوق؟"
ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر، يۇقىرىدا سىلەرگە تۇڭگان زىيالىيلىرىدىن خا شىنفاڭ خانىمنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدىكى قاراشلىرىنىڭ بىر قىسمىنى تونۇشتۇردۇق، داۋامىنى كېيىنكى پروگراممىمىزدا تونۇشتۇرىمىز.