تۇنىستىكى يانغىن باشقا دىكتاتورلارغا تۇتىشىشى مۇمكىنمۇ؟

شىمالىي ئافرىقا دۆلىتى بولغان تۇنىستا، خەلقنىڭ ئىشسىزلىق ۋە پارىخورلۇققا قارشى بىر ئايغا يېقىن داۋام قىلغان نارازىلىق ھەرىكەتلىرى نەتىجىسىدە، مەزكۇر دۆلەتنى 23 يىل دىكتاتورىلىق بىلەن باشقۇرغان پرېزىدېنت زەينەل ئابىدىن بىن ئالىي قاتتىق-يۇمشاق ۋاسىتىلەر ئىشقا يارىمىغاندىن كېيىن، ئاخىرى سەئۇدى ئەرەبىستانىغا قېچىشقا مەجبۇر بولدى.

0:00 / 0:00

تۇنىسنى ئۇزۇن يىل قاتتىق قوللۇق بىلەن باشقۇرغان بىن ئالىي ھاكىمىيىتىنىڭ بىردىنلا غۇلاپ چۈشۈشى دۇنيادىكى باشقا دىكتاتورلارنى چۆچۈتكەن بولسا، ئامېرىكا، گېرمانىيە، كانادا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنى ۋە شۇنداقلا بىن ئالىنىڭ ئەنئەنىۋى دوستى فرانسىيىنىمۇ مەمنۇن قىلدى.

كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋرانكې كاننون ئالدىنقى كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ،تۇنىستا يېڭىدىن قۇرۇلغان بىرلەشمە مىللىي ھۆكۈمەتنى، ئىقتىسادىي ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش،دېموكراتىك تۈزۈلمىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىردى. ئادەتتە ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بېرىپ، ھاكىمىيەتتە ئالمىشىش بولغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، دىكتاتورىلىقنىڭ دادىدىن بالىغا مىراس قېلىشى ئەنئەنىگە ئايلانغان ئەرەب دۇنياسىدا، پرېزىدېنت بىن ئالىي سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ئەمەس، بەلكى خەلقنىڭ ئىسيانى بىلەن ئاغدۇرۇلغان تۇنجى ئەرەب دىكتاتورىدۇر.

پايتەخت كوچىلىرىدا ھارۋىسىنى سۆرەپ، سەييارە كۆكتات سېتىش ئارقىلىق جېنىنى جان ئېتىپ كەلگەن ئۇنىۋېرسىتېتنى پۈتتۈرگەن بىر نەپەر ئىشسىز ياشنىڭ، بىردىن ‏- بىر ئۈمىدى بولغان ھارۋىسىنى ساقچىلارنىڭ تارتىۋېلىشى ۋە بۇنىڭغا نارازى بولغان بۇ ياشنىڭ ئۈستىگە بېنزىن چېچىپ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەسى-- زۇلۇمدىن جاق تويغان، سەۋرى قاچىسى تۈگىگەن خەلقنى ئىسيانىغا ئۈندىگەن، ئوت تۇترۇقلۇق رول ئوينىغانىدى.

بىن ئالىنى ئوڭدا قويغان ئەڭ مۇھىم ۋەقە بولسا، ۋىكىلىكس تور بېتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىققان پرېزىدېنت، ئايالى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى پارىخورلۇقىغا ئائىت، ئامېرىكىلىق دىپلوماتلارنىڭ يازمىلىرى ئىدى. بۇ مەخپىي بەلگىلەردە تۇنىستىكى يۇقىرى نىسبەتتىكى ئىشسىزلىق، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ۋە بىن ئالىي ئائىلىسىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىقتىسادى مەنبەلىرىنى مافىيە شەكلىدە چاڭگىلىغا كىرگۈزۈشلىرى تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا بىن ئالىغا "زىقى توشقان رەھبەر" دەپ باھا بېرىلگەن. گەرچە تۇنىس دائىرىلىرى ئەنئەنىۋى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، ھۆكۈمدارنىڭ جىنايەتلىرىگە ئائىت ماتېرىياللارنىڭ تارقىلىشىنى توسقان بولسىمۇ،لېكىن بۇلارنىڭ فېيسبوك،تۋىتتەر ۋە يوتۇبقا ئوخشاش ئىجتىمائىي ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق كەڭ تارقىلىشىنى تولۇق چەكلىيەلمىدى.

غەربنىڭ يېڭى تېخنىكىسى بىن ئالىنىڭ ھالاكىتىنى تىزلىتىش رولىنى ئوينىدى. ساقچىلارنىڭ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى بولسا، يانغىن ئۈستىگە بېنزىن چېچىشتىن باشقا ئىشقا يارىمىدى. بىن ئالىي 1987-يىلىدا ھەربىي سىياسىي ئۆزگىرىش بىلەن ھاكىمىيەتنى قولىغا ئالغاندا، بۇ دۆلەتتە دېموكراتىك تۈزۈلمىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ يەنىلا ئۆز دىكتاتورلۇقىنى قۇردى. ئۇ سىياسىي رەقىبلىرىنىڭ كۆپلىرىنى زىندانلاردا تۇتتى ياكى سۈرگۈنگە يوللىدى.ساقچىلار پۈتۈن خەلقنىڭ تېلېفونلىرىنى تىڭشىدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى بولسا بىن ئالىي ۋە ئايالىغا مەدھىيىلەر ياغدۇرۇپ، ئۇلارنى پەرىشتىلەر قىلىپ خەلققە تەشۋىق قىلدى.

شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، بىن ئالىي ھىيلىگەر دىكتاتور ئىدى. ئۇ كىشىلەردە بۇ مەملىكەتتە"دېموكراتىيە بار ئىكەن" دېگەن تۇيغۇنىمۇ پەيدا قىلالىدى. بولۇپمۇ ئۇ پۈتۈن ھۈنىرىنى، ھەقىقىي ئۆكتىچى پارتىيىلەرنىڭ ئېغزىغا يۈگەن سېلىپ قويۇپ،ئۆزى قۇرغان سىياسىي پارتىيىلەر ئارقىلىق"دېموكراتىيە ئويۇنى"نى ئويناشتا كۆرسەتتى. شۇڭا ئۇ شىمالىي ئافرىقىدىكى غەربكە مايىل رەھبەر دەپ قارالدى. بىن ئالىنىڭ پۈتۈن ئويۇنلىرى 23 يىللا بەرداشلىق بەردى. دىكتاتورىلىق پەقەت ھەيۋە بىلەن ئۆرە تۇرىدىغان، ئەمەلىيەتتە بولسا ئىچ-ئىچىدىن چاك كەتكەن تۈزۈم ئىكەنلىكى ھەممىگە ئايان بولسىمۇ، بىن ئالىنىڭ بۇنداق تىز زاۋاللىققا يۈز تۇتۇشىنى ھېچكىم ئويلاپ باقمىغانىدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بىن ئالىنى سىياسىي تۈزۈلمە مەسىلىسىدە، غەربنىڭ دېموكراتىيىسىنى قارىغۇلارچە قوغلاشماستىن، سىياسىي دېموكراتىيىنى مەملىكەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا تەتبىق قىلغان دۆلەت رەھبىرى دەپ كۆككە كۆتۈرگەنىدى. كانادا ك ت ۋ تېلېۋىزىيىسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان كانادا ئاتلانتىك كومىتېتىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھارلان ئۇللمان بىن ئالىي تراگېدىيىسىنىڭ ئەرەب دىكتاتورلىرىنى ساراسىمىگە سېلىپلا قالماستىن، خىتاينىمۇ چۆچۈتكەنلىكىنى، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ خەلقنىڭ تۇنىسنى ئۆرنەك ئېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ فېيسبوك، تۋىتتەرغا ئوخشاش ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە بولغان كونتروللۇقنى تېخىمۇ كۈچەيتكەنلىكىنى ۋە تۇنىستىكى ۋەقەلەرنى خەۋەر قىلىشنى چەكلىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تۇنىستىكى ۋەقەلەرنىڭ ئەرەب دۇنياسىدىكى باشقا پادىشاھلىق تۈزۈمدىكى دۆلەتلەرگە نىسبەتەن بىر قەدەر ئەركىن بولغان مىسىر، ئىئوردانىيە ۋە سۈرىيىگە ئوخشاش دۆلەتلەرگە كېڭىيىش مۇمكىنچىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بىن ئالىي ھاكىمىيىتىنىڭ غەرب دۆلەتلىرى ئىچىدە فرانسىيە ۋە ئىتالىيىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى ئەڭ ياخشى ئىدى. لېكىن بىن ئالىنىڭ "بېشىغا كۈن چۈشكەن"دە بۇ ئىككى دۆلەتمۇ ئۇنىڭغا تەتۈر قارىدى، ھەتتا ئۇلار ئۇنىڭ بۇ دۆلەتلەردە يەرلىشىش تەلىپىنى رەت قىلدى. شۇنداق بولسىمۇ، بىن ئالىي ۋە ئايالىنى يەنىلا ئامەتلىك دىكتاتورلار دېيىشكە بولىدۇ. چۈنكى، ئۇلار چىئوسېسكۇلارنىڭ ئاقىۋىتىگە قالمىدى.1990-يىلى رۇمىنىيە دىكتاتورى نىكولا چىئوسېسكۇ خەلقنىڭ ئىسيانىدىن كېيىن، ئايالى بىلەن چەتئەلگە قاچقاندا، ئۆكتىچىلەر تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ، ئېتىپ تاشلانغانىدى.