تۇنىساخان :« خىتاينىڭ ئەقىلگە سىغماس زۇلۇمى ئىككى بالامنى تاشلاپ چەتئەلگە قېچىشقا مەجبۇر قىلدى» (2)

تۈنۈگۈنكى پروگرامىمىزدا شىۋىتسىيدە پاناھلىق تىلەپ تۇرۇۋاتقان تۇنىسا خانىم بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىغان ئىدىڭلار. بۈگۈنكى ئاڭلىتىشىمىزدا داۋامىنى ئاڭلىغايسىلەر.

0:00 / 0:00

31 ياشلىق تۇنىسا ئۈرۈمچى جىمىسار ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇزۇن يىل خىتاينىڭ ئۆلكىلىرىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان. 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن 25 - ئىيۇلدا تۇغقان يوقلاش ئۈچۈن جىمىسارغا بارغىنىدا 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە بالىسى يوق بولۇپ كەتكەن 2 ئايال ئۇنىڭدىن ئىككى بالىسىنى تېپىش ئۈچۈن ياردەم تەلەپ قىلغان. دەل شۇ چاغدا ساقچى كېلىپ ئۇنى تۇتۇپ ساقچى ئىدارىسىگە ئاپىرىپ سوراققا تارتقان. ساقچىلار ئۇنى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە قاتناشقانلارغا ئىقتىسادى ياردەم قىلدى دەپ ئەيىبلەپ قىيىنغان. تۇنىساخان ساقچى ئىدارىسىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان، كېيىن خىتاي ئەمەلدارلارغا پۇل بېرىپ مالايشىياغا چىقىپ، ئۇ يەردىن شىۋىتسىيىگە قېچىپ كەلگەن. ھازىر شىۋىتسىيىنىڭ ستوكھولىم شەھىرىدە تۇرماقتا.