نامايىش بۇ كۈنى مىسىرنىڭ بارچە رايونلىرىغا ئوقتەك تىز تاراپ، ھەممە جايدا ئومۇملاشتى. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، جۈمە كۈنى بىر كۈن ئىچىدە ئۆلگەن نامايىشچىلارنىڭ سانى قاھىرەدە5، سۇۋەيستا 13، جەمئىي 18گە يەتكەن، يارىلانغانلار سانى يۈزدىن ئاشقان. ئەمما، ئۆتكەن 5كۈن ئىچىدە تۈرمىگە ئېلىنغانلارنىڭ سانى بىر مىڭدىن ئاشقان. مىسىردا ئىنتېرنېت، تېلېفون قاتارلىق ئالاقىلىشىش ۋاسىتىلىرى ئىشتىن توختىغان.
قاتارنىڭ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جۈمە كۈنىدىكى نامايىشتا نامايىشچىلار ھاكىمىيەت ئۈستىدىكى پارتىيە «مىللىي دېموكراتىيە پارتىيىسى» نىڭ مىسىرنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى قارارگاھلىرىغا ئوت قويۇۋەتكەن. ئۇلار مىسىر دۆلەت تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ بىناسىغا بېسىپ كىرگىلى ئاز قالغاندا مىسىر ئارمىيىسى ئارىلىشىپ ئۇلارنى توختاتقان.
مىسىرنىڭ ۋەزىيىتى تۇنىسقا ئوخشامدۇ؟
قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي ئىلىملەر ئۇستازى دوكتور سەيفۇددىن ئابدۇلفەتتاھ «ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى مۇخبىرىنىڭ مىسىر تۇنىسقا ئوخشامدۇ؟ دېگەن سوئالغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "دىكتاتورلۇقتا مىسىر ھاكىمىيىتى بىلەن تۇنىس ھاكىمىيىتى پەرقلەنمەيدۇ. خەلقنىڭ زالىملاردىن قۇتۇلۇش ئىرادىسى بۇ ئىككى مەملىكەتتە ئوخشاش. ئەمما، تۇنىستا 4 ھەپتىدە قولغا كەلگەن غەلىبە، مىسىردا 4 كۈندە قولغا كېلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇنىستا دۆلەت ئارمىيىسى سىياسەتنىڭ سىرتىدا تۇرغان بولسا، مىسىردا دۆلەت ئارمىيىسى سىياسەتنىڭ ئىچىدە، ھەمدە مۇبارەكنىڭ قولىدا تۇرماقتا. شۇڭا مىسىر بۇ جەھەتتە تۇنىستىن پەرقلىقتۇر. ئەمما، غەلىبە چوقۇم بىر خىل بولىدۇ، يەنى نامايىشچىلار غەلىبە قىلىدۇ، زالىملار يوقىلىدۇ."
مۇبارەكنىڭ نۇتقى
مىسىر رەئىسى مۇھەممەد ھۆسنى مۇبارەك جۈمە كۈنى كېچە سائەت 12دىن ئاشقاندا، مىسىرنىڭ دۆلەت تېلېۋىزىيىسىدە سۆزگە چىقىپ مۇنداق دېدى: "مىسىردا نامايىش باشلانغىنىغا بۈگۈن 4 كۈن بولدى. خەلق ئۆز پىكرىنى ئەركىن نامايان قىلسۇن دەپ ئۇلارنى نامايىشتىن توسمىدۇق. چۈنكى، بىزدە دېموكراتىيە بار. ئەمما، نامايىشچىلار ئىچىدە بەزى يامان نىيەتلىك كىشىلەر ئوت قويۇش، بۇزۇپ، چېقىش قاتارلىق ئىشلارنى سادىر قىلدى. بىز نامايىشچىلارغا قارشى كۈچ ئىشلەتمىدۇق. مەن خەلقنىڭ بۇ نامايىشىنى قوللايمەن. شۇڭا نامايىشچىلارغا كۈچ ئىشلەتمەسلىك ھەققىدە ئەمىر بەردىم. مىسىرلىق ياشلارنىڭ ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پروگراممىلىرىمىز بار ئىدى. بىز خەلق بىلەن بىرگىمىز. بىز ئىسلاھات ئۈچۈن باشلىغان يولىمىزدىن قايتمايمىز. مىسىردا ھاكىمىيەت سۈرۈۋاتقان پارتىيىنى ئىستېپا سوراشقا بۇيرۇدۇم. ئەتە يېڭى ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىقىمىز. خەلقنىڭ تەلىپىنى ئورۇندايمىز."
مۇبارەكنىڭ نۇتقىغا جاۋاب
«ئەل جەزىرە» تېلېۋىزىيە قانىلى مىسىر رەئىسى مۇبارەكنىڭ نۇتقىدىن كېيىن، مىسىر كارامەت پارتىيىسىنىڭ رەئىسى دوكتور ئەمىن ئىسكەندەرنى سۆزگە تەكلىپ قىلغان بولۇپ، ئۇ مۇبارەكنىڭ نۇتقىغا رەددىيە بېرىپ مۇنداق دېدى: "مىسىر رەئىسى مۇبارەكنىڭ باشقا پارتىيە قۇرۇپ مەسىلىنى ھەل قىلىمىز دېگەنلىكى ئوپئوچۇق ئالدامچىلىق بولۇپ، ئۇ ۋاقىت قازىنىش ئۈچۈن يېڭى بىر سېنارىيىنى پىلانلىماقتا. چۈنكى، خەلقنىڭ تەلىپى مۇبارەكتىن قۇتۇلۇش تۇرسا، ئۇ باشقا بىر پارتىيە قۇرغاندىمۇ ئۆزىنىڭ قول چوماقلىرىنى تىكلەيدۇ، ئىشنىڭ ئارقىسىدا يەنە ئۆزى بولىدۇ ئەمەسمۇ. يەنە مۇبارەك نامايىشچىلارغا قارشى كۈچ ئىشلەتمىگەنلىكىنى دەۋا قىلدى. ئۇنداقتا 20گە يېقىن ئادەمنى كىم ئۆلتۈردى؟ مىڭلارچە بىگۇناھ خەلقنى كىم تۈرمىلەرگە تاشلىدى؟ مۇبارەك ئوپئوچۇق يالغان سۆزلىمەكتە. ئۇ گويا ھېچ ئىش بولمىغاندەك مەسىلىنى يۆگىمەكچى بولىدۇ. لېكىن، مەيلى مۇبارەك بولسۇن، مەيلى باشقا زالىملار بولسۇن، ئۇلارنىڭ تەختتىن چۈشىدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بۇ نامايىش توختىمايدۇ. نامايىشچىلار مەقسىتىگە يەتمەي توختىمايدۇ."
دوكتور ئەمىن ئىسكەندەر ئەل جەزىرە مۇخبىرىنىڭ "مۇبارەك نېمە ئۈچۈن باشقا پارتىيە قۇرۇشنى تاللىدى؟" دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، "چۈنكى، مۇبارەك ۋەزىيەت بۇ ھالغا كەلگەن بىر ۋاقىتتا باشقا ئىش قىلالمايدۇ. ئۇ ھازىر چارىسىز. شۇڭا خەلقنى ئاچچىقىدىن قايتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئويۇننى پىلانلاپ چىقتى. ئەمما، خەلق ئەقىللىق. بۇنىڭغا ئالدانمىدى. نامايىشچىلار قاھىرەنىڭ ئازادلىق مەيدانىدا مۇبارەكنىڭ سۆزىنى قۇلاق سېلىپ ئاڭلىدى. ئۇنىڭ سۆزى تۈگىگەن ھامان "يوقال مۇبارەك!"، "تەختتىن چۈش!"، "سەن كەتسەڭ مەسىلە ھەل بولىدۇ" دەپ ۋارقىرىشىپ نامايىشنى داۋام قىلدۇردى. بۇ نامايىش ئاخىرغىچە شۇنداق داۋام قىلىپ چوقۇم كۆزلىگەن نىشانىغا يېتىدۇ."