تۈركىيىنىڭ مەزلۇملار جەمئىيىتى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلدى

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا خوتەندە 600 نەپەر ئايال تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغانلىق توغرىسىدىكى خەۋەر ئارقا ‏- ئارقىدىن كەڭ تۈردە تارقالغاندىن كېيىن ، تۈركىيە خەلقى ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتايلارغا بولغان نارازىلىقىنى ۋە ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بىلدۈرۈپ يىغىن ۋە نامايىشلار ئويۇشتۇرماقتا.

0:00 / 0:00

ئۆتكەن ھەپتە سائادەت پارتىيسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بىرلىكتە خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش قىلىپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىشنى ۋە خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى شەرتسىز دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

بۇ ھەپتە يەنە 21 ‏- ئاپرېل دۈشەنبە كۈنى ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش ۋە زۇلۇمغا ئۇچرىغان خەلقلەرگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان "مەزلۇملار جەمئىيىتى" ۋە "شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى" نىڭ بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن 50 كىشىدىن تەركىپ تاپقان بىر گۇرۇپپا، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيىنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈپ "مەزلۇملارنىڭ ئاۋازىغا قۇلاق سالمىغانلارغا ئاھ ئۇرىمەن" ، "زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسەت ، بولمىسا ئۇنىڭغا كۆنۈپ قالىسەن"دېگەن چوڭ خەتلەر يېزىلغان ۋىۋىسكىلارنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتاي كونسۇلىنىڭ ئالدىغا توپلىنىپ نامايىش قىلدى.

نامايىشچىلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ۋە خوتەندە تۇتقۇن قىلىنغان ئاياللارنى شەرتسىز ھالدا دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى . خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلخانىسى ئالدىغا توپلانغان نامايىشچىلارغا ۋاكالىتەن مەزلۇملار جەمئىيىتىنىڭ ئىستانبۇل شۆبە باشلىقى ئايخان كۈچۈك سۆز قىلىپ 2008 ‏- يىلى 23 ‏- مارت كۈنى خوتەندە ئېلىپ بېرىلغان نامايىشتا تۇتقۇن قىلىنىپ تۈرمىگە قامالغان 600 نەپەر خانىم ‏- قىزلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ب د ت ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى ، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق پۈتكۈل دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشنى تەلەپ قىلدى. ھەمدە سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ۋەھشىيانە باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى توختىتىش ۋە خوتەندە قولغا ئېلىنغان 600 نەپەر خانىم ‏- قىزلارنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن خىتاي ھاكىمىيىتىگە بېسىم ئىشلىتىشتە خەلقئارالىق ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ قوللاپ ‏- قۇۋۋەتلىشىنى تەلەپ قىلدى.

نامايىشقا كۆپ ساندا رادىئو ‏- تېلېۋىزىيە مۇخبىرلىرى ۋە ئاخباراتچىلارمۇ كەلگەن ئىدى. ئاخباراتچىلار خىتاي كونسۇلخانا بىناسىنىڭ دېرىزىسىدىن مەخپىي شەكلىدە رەسىمگە تارتىۋاتقان ۋە سىنئالغۇغا ئېلىۋاتقان 2 نەپەر خىتاي قىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئۇلارمۇ رەسىم ۋە سىنئالغۇ ئاپپاراتلىرىنى خىتاي كونسۇلخانا بىناسىنىڭ ئىچىدىكى ئۇ ئىككى نەپەر خىتاي قىزغا توغرىلىدى. نامايىشنىڭ بىخەتەرلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ كۆپ ساندا ساقچىلارمۇ كەلگەن ئىدى.

بىز نامايىشقا قاتناشقان پىشقەدەم ۋەتەنپەرۋەر زات مەمەت سەلەي ھاجىم ئارتۇشى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.