2-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا 5 دۆلەتتىن 20 ئۇيغۇر ۋەكىل قاتناشتى

8-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 12-كۈنىگىچە داۋاملاشقان 2-نۆۋەتلىك تۈرك تۇران قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيىنىڭ بۇگاج يېزىسىدا غەلىبىلىك ئاخىرلاشتى.
ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2012-08-13
Share
turan-qurultiyi-wengeriye-305.jpg 2-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىدىكى پائالىيەتلەردىن كۆرۈنۈش. 2012-يىلى 8-ئاۋغۇست، ۋېنگرىيە.
RFA/Erkin Tarim

بۇ قۇرۇلتايغا 21 دۆلەتتىن ۋەكىللەر قاتناشقان بولۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى ۋېنگرىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى ساندور لەزساك ئەپەندى قىلدى. ئېچىلىش نۇتقى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن قەدىمكى ھۇن مەدەنىيىتىنى، بولۇپمۇ قەدىمكى ھونلارنىڭ تۇرمۇشى ۋە ئۇرۇش ماھارىتى جانلىق ھالدا تونۇشتۇرۇلدى. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان ۋېنگرىيە تۇران بىرلىكى باشلىقى تونۇلغان تۈركولوگ ئاندراس بىرو ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، 2010-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1-نۆۋەتلىك تۇران قۇرۇلتىيىغا 18 دۆلەتتىن ۋەكىل قاتناشقان بولسا، بۇ يىل چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىكىگە 21 دۆلەتتىن كەلگەن كۆپ ساندا قېرىنداش مىللەتتىن ۋەكىللەر قاتناشقان. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ئۆتكۈزۈلگەن مەيدانغا ئوتتۇرا ئاسىيادىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ 200 چىدىرى ئورنىتىلغان بولۇپ، 350 خىل ئۇرۇش ماھارىتى تونۇشتۇرۇلغان.ھون قۇرۇلتىيىدا كۆك بايراق. 2012-يىلى 8-ئاۋغۇست، ۋېنگرىيە.

بۇ قۇرۇلتايغا ۋېنگرىيە پارلامېنت ئەزالىرىدىن باشقا تۈركىيە-ۋېنگرىيە پارلامېنتلىرى دوستلۇق كومىتېتى رەئىسى دوكتور سەلجۇق ئۆزداغ ئەپەندى بىلەن پارلامېنت ئەزاسى ۋۇرال قاۋۇنجۇ ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن گېرمانىيە، قازاقىستان، ئەنگلىيە، گوللاندىيە، شۋېتسارىيە ۋە تۈركىيىدىن كەلگەن 20 ئەتراپىدا ئۇيغۇر قاتناشتى. قۇرۇلتايدا ئۇيغۇر سەنئەتچىلەر سەنئەت نومۇرلىرىنى كۆرسەتتى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد خەمىت ئەپەندى بىلەن قازاقىستاندىن كەلگەن ۋەكىل ۋاققاس ئەپەندىلەر 21 دۆلەتنىڭ بايرىقىنىڭ يېنىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنىڭ لەپىلدەپ تۇرۇشى ئۇيغۇر ۋەكىللەرنى قاتتىق ھاياجانلاندۇرغانلىقىنى دېدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، قۇرۇلتايغا قاتناشقان ئۇيغۇر سەنئەتچى ۋە باشقا ۋەكىللەرنىڭ تەسىراتىنى ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت