ئاتاقلىق ئالىم رەخا ئوغۇز تۈركقان ۋاپات بولدى

پروفېسسور دوكتور رەخا ئوغۇز تۈركقان تۈرك مىللەتچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىدىئوئىلوگلىرىدىن بىرىدۇر. ئۇ، تۈرك دۇنياسى ۋە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغان تۈرك زىيالىيلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

0:00 / 0:00

پروفېسسور دوكتور رەخا ئوغۇز تۈركقان ھاياتىداOpens in new window ]

تۈركىي خەلقلەرگە ئائىت نۇرغۇن كىتاب ۋە ماقالىلارنى يازغان بىر زىيالىدۇر. ئۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئامېرىكىنىڭ كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ئىدى. رەخا ئوغۇز تۈركقان ئالدىنقى كۈنى ئىستانبۇلدا ۋاپات بولغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، رەخا ئوغۇز تۈركقان ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.