1 - ئاينىڭ 4 - كۈنى كەچتە ئېلىپ بېرىلغان بۇ زىيارەتكە كەلگەن 60 ئەتراپىدا ۋەكىلگە ۋاكالىتەن سۆز قىلغان تۈركىيە كۆڭۈللۈك ياردەم قىلىش تەشكىلاتلىرى بىرلىكىنىڭ مەسئۇلى ئەھمەت تاش ئەپەندى سۆز قىلىپ، بۇ زىيارەتنىڭ مەقسىتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "قەيسەرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان 60 ئاممىۋىي تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى بۇ يەردىكى شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىگە زىيارەتكە كەلدۇق. مەقسىتىمىز قەيسەرى خەلقىنىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىغە قىلىنىۋاتقان زۇلۇملارغا، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىگە قارشى نارازىلىقىنى ئىپادىلەش، شۇنداقلا 5 - ئىيۇلدىن كېيىن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز تارتىۋاتقان زۇلۇمغا ئورتاقلىشىشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھازىر ئۇيغۇرلار خىتاي زۈلمىدىن دۈنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا قېچىۋېتىپتۇ. ئۆتكەندە كامبودژانىڭ 20 ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ قاتتىق ئازاپلاندۇق. بۇندىن كېيىن بۇنداق ھادىسىلەرنىڭ مەيدانغا چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىشىمىز كېرەك دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەرنى مۈزاكىرە قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا كەلدۇق."
ئەھمەت تاش ئەپەندى ئاممىۋىي تەشكىلاتلارنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇندىن كېيىن قىلىدىغان خىزمەتلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز ئىسلام كونفېرانسى تەشكىلاتىنىڭ، مۈسۈلمان دۆلەتلىرىنىڭ خىتايغا ئىمبارگو ئېلىپ بېرىشىنى، خىتايغا سىياسىي بېسىم ئىشلىتىشىنى تەلەپ قىلىمىز. تۈركىيىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىپلوماتىك مۈناسىۋىتىدىن پايدىلىنىپ، ئۇ يەردىكى زۇلۇم، ئۆلۈم جازاسى ۋە دىنىي بېسىمنىڭ تۈگىتىلىشى ئۈچۈن بېسىم ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز. بۇلاردىن باشقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئارقىلىق خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى ئويلاۋاتىمىز."
بىز بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.