بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ نىشانى، تۈرك دۇنياسى ئىچىدە ھەمكارلىق دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ۋە رەسمىي بىر ئورگان تەسىس قىلىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
يىغىنغا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل ساھىبخانىلىق قىلدى. يىغىنغا ئەزەربەيجان دۆلەت رەئىسى ئىلھام ئېلىيۇف، قازاقىستان دۆلەت رەئىسى نۇرسۇلتان نەزەربايېف، قىرغىزىستان دۆلەت رەئىسى روزا ئوتۇنبايېۋا ۋە تۈركمەنىستان دۆلەت رەئىسى قۇربانگۈلى بەردىمۇھەممەدوۋ قاتناشتى.
ئىگىلىنىشىچە بۇ يىغىنغا ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى ئىسلام كېرىمۇفمۇ تەكلىپ قىلىنغان بولسىمۇ، ئىسلام كېرىموف قاتناشمىغان ياكى ۋەكىلمۇ ئەۋەتمىگەن.
يىغىننىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى 9 - ئاينىڭ 15 - كۈنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى توپلىنىپ يىغىن ئاچقان ۋە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرگە ئالاقىدار مۇھىم قارارلار ئالغان.
يىغىننىڭ ئىككىنچى كۈنى، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى. خىتابنامە ئىمزالاش جەريانىدا، تۈركىيە پرېزىدېنتى ئابدۇللاھ گۈل، "ئورتاق داۋالىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا ۋە خەلقلىرىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن بىرلىكتە تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋاملاشتۇرىمىز،" دېدى.
تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت رەئىسلىرى 10 - قېتىملىق يىغىنى رەسمىي ئاخىرلاشقاندىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەئىسلىرى بىلەن بىرلىكتە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى. دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى ئوقۇدى.
تۈركىيىنىڭ موسكۋادىكى سابىق باش ئەلچىسى خېلىل ئاكىنجى ئەپەندىنىڭ، تۈرك ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەنگەنلىكىنى تىلغا ئالغان دۆلەت رەئىسى ئابدۇللاھ گۈل، قېرىنداش دۆلەتلەر ۋە خەلقلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز - ئارا پائالىيەتلەرنى، ھەمكارلىقنى، ئورتاق خىزمەت ئىشلەشنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈش مەقسىتىدە بۇ يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنى ئوقۇدى.
يىغىندا تۆۋەندىكى قارارلار ئېلىندى.
- ئىقتىساد ۋە تىجارەت مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۈرك ھەمكارلىق كېڭىشى قۇرۇش.
- تۈرك مەدەنىيىتى ۋە مىراسىنىڭ قوغدىلىنىشى ئۈچۈن باكۇدا بىر ۋەخپە قۇرۇش.
- قازاقىستاننىڭ ئاستانە شەھىرىنى تۈركىي مىللەتلەر تەرىپىدىن 2012 - يىلى تۈرك مەدەنىيەت مەركىزى دەپ ئېلان قىلىش. ئاستانىدىكى تۈرك ئاكادېمىيىسى باشقۇرۇشىدا بىر مۇزېي ۋە كۇتۇپخانا قۇرۇش.
- ئۇنىۋېرسىتېتلار ئوتتۇرىسىدا ئۆزئارا ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش.
- تەتقىقات ۋە تەرەققىيات پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر فوند قۇرۇش.
- 3 - ئۆكتەبىر كۈنىنى تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەر ھەمكارلىق كۈنى دەپ تەبرىكلەش. ئوتتۇرا ئاسىيا قېرىنداش تۈرك جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىللىقىنىڭ 20 - يىلىنى كېلەر يىلى بىرلىكتە تەبرىكلەش.
قېرىنداش تۈرك دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ پەقەت خەلقلىرىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ئەمەس، ئوخشاش ۋاقىتتا رايونلۇق ھەمكارلىقنىمۇ كۈچلەندۈرۈش ۋە بۇنىڭ بىلەن رايونلاردا ياشايدىغان پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىق، ھۇزۇر ۋە خاتىرجەملىكنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە تۆھپە قوشۇشنى نىشان قىلغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئابدۇللاھ گۈل، قاتناشقۇچى دۆلەتلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى ئورتاق ئىرادىسىنىڭ بۇ يىغىندا يەنە بىر قېتىم تەكىتلەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان دۆلەتلەرنىڭ يىغىنى كېلەر يىلى قازاقىستاندا، 2012 - يىلى قىرغىزىستاندا ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئابدۇللاھ گۈل، تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى دۆلەت رەئىسلىرىنىڭ، بۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە يىلدا بىر قېتىم ياكى بىر يىلدا بىر قېتىم ئەمەس بىر يىل ئىچىدە كۆپ قېتىم ئۇچرىشىۋاتقانلىقىنى ۋە ياكى ئايرىم - ئايرىم كۆرۈشۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئابدۇللاھ گۈل: "بىز بىر مىللەت ئالتە دۆلەت، بۇنىڭدىن ئىنتايىن غۇرۇرلىنىمىز، شەرەپلىنىمىز"
سۆزىدە يەنە مۇنداق دېدى: "بىز بىر مىللەت ئالتە دۆلەت، بۇنىڭدىن ئىنتايىن غۇرۇرلىنىمىز، شەرەپلىنىمىز. بۈگۈنگىچە بولغانغا ئوخشاش بۇنىڭدىن كېيىنمۇ تۈركىيىدىكى قېرىنداشلىرىڭىزنىڭ يۈرەكلىرى خۇشال ۋە قايغۇ كۈنلەردە داۋاملىق بىرلىكتە باراۋەر سوقۇشنى داۋام قىلىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش ئورتاق داۋالىرىمىزغا ئىگە چىقىشقا ۋە خەلقلىرىمىزنىڭ پارلاق كەلگۈسى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى داۋام قىلىمىز. بۇ جەھەتتىكى سىياسىي ئىرادىمىز تولۇق. ئىستانبۇلدا بۇنچىۋالا كەڭ ۋە ئەڭ ئالىي دەرىجىدە قاتنىشىشتىن تەركىب تاپقان بۇ كۈچنىڭ تۈرك ھەمكارلىق كومىتېتىنى ئالغا يۈكسەلدۈرۈدىغان كۈچنى مەيدانغا كەلتۈردى."
يىغىنغا قاتناشقان دۆلەت رەئىسلىرى ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خاتىرە رەسىمگە چۈشتى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.