21"-ئەسىردە تۈرك دۇنياسى " ناملىق يىغىن سىپرۇستا رەسمىي باشلاندى

"21-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ لەفكە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.

0:00 / 0:00

لەفكە ياۋروپا ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن تۈركىيە ياۋرو-ئاسىيا ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر جەمئىيىتى ئورتاق چاقىرغان بۇ يىغىندا تۈركىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى، پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار ۋە ئىلىم ئەھلىلىرى بولۇپ 61 كىشى دوكلات بەرمەكچى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىمغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ دۇنيادىكى رولى" تېمىسىدا سۆز قىلماقچى.

بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىيەت-مائارىپ جەھەتتىكى مەسىلىلىرى، تۈرك دۇنياسىدا ئورتاق ئېلىپبە مەسىلىسى، تۈرك دۇنياسىدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ رولى دېگەنگە ئوخشاش مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن. يىغىننىڭ 12-ئاينڭ 2-كۈنىدىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا شىمالىي سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى رەئىس جۇمھۇرى دەرۋىس ئەروغلۇ سۆز قىلغان.

15 ئەتراپىدا دۆلەت ۋە رايوندىن پارلامېنت ئەزالىرى، ئىلىم ئەھلىلىرى ۋە ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى قاتنىشىۋاتقان "21-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق خەلقئارالىق يىغىن 12-ئاينىڭ 5-كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن. بىز بۇ يىغىن ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ يىغىن ئەھلى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۆزلەم قىرىلماز ئىسىملىك مۇتەخەسسىس بۇ يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۇ يىغىن تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. ئىلىم ئادەملىرى پۈتۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىق ئىچىدە بولۇشى ھەققىدە توختىلىۋاتىدۇ. مېنىڭچە، تۈرك دۇنياسىنىڭ بىرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن بۇ خىل ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ رولى بەكلا چوڭ."

سەمرا ئىسىملىك يىغىن قاتناشقۇچىسى يىغىننىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
"بۇ يىغىن بەك ياخشى ئۆتۈۋاتىدۇ. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن مەشھۇر پروفېسسورلار بار، ئۇلار دوكلات بېرىۋاتىدۇ. ئىلىم ئادەملىرى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنى ۋە ئۇيغۇرچىنىڭ تۈرك مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىلىرى ھەققىدە توختالدى".

تەپسىلاتىنى ئەركىن تارىمدىن ئاڭلايسىلەر.