15 يىلدىن بېرى بۇ مۇكاپاتنى تارقىتىپ كەلگەن تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپى باشلىقى شائىر ياھيا ئاقئەنگىن ئەپەندى، مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، بۇ مۇكاپاتنىڭ 15 يىلدىن بېرى داۋاملىق ھالدا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان، شەخس ۋە ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە بېرىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ يىل 6 دۆلەتتىن 10 كىشى ۋە ئىدارە - جەمئىيەتكە بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆرگەنلىكىنى، بۇرۇنقى يىللاردا تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن ئۇيغۇرلارغىمۇ بۇ مۇكاپاتنى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. ياھيا ئاقئەنگىن 1-ئاينىڭ 2-كۈنى تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپى ئىشخانىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى دىپلوماتلىرى، بەزى ئاممىۋى تەشكىلات مەسئۇللىرى ۋە كۆپ ساندا تېلېۋىزىيە، گېزىت ۋە رادىئولارنىڭ مۇخبىرلىرى قاتناشتى. ۋەقىپ باشلىقى ياھيا ئاقئەنگىن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىنى مۇنداق باشلىدى:
قىممەتلىك ژۇرنالىستلار، قىممەتلىك مېھمانلار تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپىنىڭ 15-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسىغا تۆھپە قوشقان كىشىلەرگە بېرىلىدىغان تۈرك دۇنياسى مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كىشىلەرنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بۇ يەرگە يىغىلدۇق. كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن ھەممىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن. 15 يىل ئىچىدە جەمئىي 150 ئەتراپىدا شەخس ۋە ئىدارە - جەمئىيەتكە بۇ مۇكاپاتنى بەردۇق. مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىمىز رەئىس جۇمھۇرىمىزنىڭ سارىيىدا ئۆتكۈزۈلگەن. بۇ يىلقىسىنى ئەزەربەيجاننىڭ پايتەختى باكۇدا ئۆتكۈزمەكچى."
ئۇ بۇ مۇكاپاتنىڭ 15 يىلدىن بېرى تارقىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىغا ئۆز ساھەسىدە تۆھپە قوشقان، تۈرك دۇنياسى توغرىسىدا ئەسەر يازغان كىشى ۋە ئىدارە - جەمئىيەتلەرگە تارقىتىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، 2010-يىلى بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن كىشىلەر ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:

"بۇ يىل 6 دۆلەتتىن 10 كىشى ۋە ئىدارە - جەمئىيەتكە مۇكاپات بېرىشنى قارار قىلدۇق. بۇلار گېرمانىيىدىن يۈجەل فەيزىئوغلۇ، ئۇ تۈرك دۇنياسى چۆچەكلىرى ناملىق كۆپ قىسىملىق ئەسەرنى نەشر قىلدۇرغان. ئىككىنچى كىشى ’ئەزەربەيجاننىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى ھەيدەر ئەلىيېفنىڭ نامىغا قۇرۇلغان ھەيدەر ئەلىيېف ۋەقپىنىڭ رەئىسى مېھرىبان ئەلىيېۋا خانىمغا، قاراباغدىن ئەزەربەيجانغا كۆچۈپ كەلگەن كۆچمەن مۇساپىرلارغا قىلغان ياردىمى ئۈچۈن بېرىلدى. قازاقىستان خەلقئارا ئەخمەت يەسەۋى ئۇنىۋېرسىتېتىدىن پروفېسسور دوكتور دوساي كەنجەتايغا، ۋېنگرىيىلىك تۈركولوك پروفېسسور دوكتور ئېدىت تاسنادىگە، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروفېسسور دوكتور شۈكرى ھالۇق ئاقالىن ئەپەندىگە، ھازىرقى زامان تۈركىي مىللەتلەر ئەدەبىياتىنى يېزىپ چىققان پروفېسسور دوكتور ئالىي ئېھسان قولجۇ ئەپەندىگە، تۈرك تارىخى ھۆججەتلىرى ناملىق ئەسەرنى يازغان دوكتور چىڭگىز ئاليىلماز ئەپەندىگە ۋە يېڭى سەس ژۇرنىلىدىن ئىبارەت. بۇ مۇكاپات ھەر يىلى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ سارىيىدا مۇراسىم بىلەن تارقىتىلغان. بۇ مۇكاپاتنى بۇ يىل 5-ئايدا ئەزەربەيجاندا تارقىتىمىز."
مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلار ۋەقىپ باشلىقى يەھيا ئاقەنگىن ئەپەندىدىن سوئاللارنى سورىدى. ئۇ بىزنىڭ، "سىز شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ ئايرىلماس بىر پارچىسى دەپ ئۆتتىڭىز، بۈگۈن ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىنى، ئەدەبىياتىنى، مەدەنىيىتىنى قوغداپ قېلىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتىدۇ. مەسىلەن، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتېيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم رافتو مۇكاپاتى ئالدى، 3 قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلدى، سىلەر نېمە ئۈچۈن بۇ مۇكاپاتنى رابىيە قادىر خانىمغا بەرمىدىڭلار؟ " دېگەن سوئالىمىزغا مۇنداق جاۋاب بەردى:
"ئۆتكەن يىللاردا شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا بۇ مۇكاپاتنى بەرگەن ئىدۇق. دۇنيانىڭ 20 دۆلىتىدە تۈركىي مىللەتلەر بار، ھەممىسىگە ئۈلگۈرۈپ بولالمايۋاتىمىز. ئەمما، بىز ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستاندا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقان، ئېزىلىۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنى، ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنى يېقىندىن تەقىب قىلىۋاتىمىز. شەرقىي تۈركىستان تۈرك مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى، تۈركىي تىللار دىۋانىنىڭ ئاپتورى مەھمۇت قەشقىرى، قۇتاتقۇبىلىك ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى يۈسۈپ خاس ھاجىپ شەرقىي تۈركىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىدىن ئوزۇقلانغان. تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەقپى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستان داۋاسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلىمەكچىمەن. بىز يېقىندا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 20-يىللىقىغا ئاتاپ مەخسۇس بىر كىتاب نەشر قىلدۇرىمىز. بۇ كىتابتا تۈرك دۇنياسىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر ۋە ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر بايان قىلىنغان."