تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى ئەنقەرەدە تۈركىيە تۈركچىسى ئۆگىنىشنى باشلىدى.

خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتى ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدا مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۈچەيتىش ئىش پىلانى بويىچە ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەردىن شائىرلارنى تۈركىيىگە يىغدى.

0:00 / 0:00

قازاقىستان، قىرغىزىستان، باشقۇرتىستان، تاتارىستان ۋە ئالتاي تۈركلىرىدىن تەشكىللەنگەن 10 كىشىلىك شائىرلار ھەيئىتى، خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن ئەنقەرەگە يېتىپ كېلىپ تۈركچە ئۆگىنىشكە باشلىدى. قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ شائىرلىرى ئەنقەرەدە 3 ئاي تۈركىيە تۈركچىسىنى ئۆگىنىدۇ. ئۇلارغا غازى ئۇنىۋېرسىتېتىدا تۈركچە دەرس بېرىلىدۇ.

بۇ ئىش پىلانىنىڭ مەقسىتى ھەر قايسى تۈركىي تىللار ئارىسىدىكى ئوخشىماسلىقنى ئازايتىش ۋە ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ھەر قايسى تۈركىي تىللارغا تەرجىمە قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
تۈرك دۇنياسى يازغۇچىلار ۋە سەنئەتچىلەر ۋەخپىنىڭ باشلىقى يەھيا ئاقئەنگىن ئەپەندى مۇخبىرلارغا بەرگەن باياناتىدا تۈركىيىنىڭ بۇ مەسىلىدە نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئىشلىشى كېرەكلىكى، چۈنكى بەزى تۈركىي تىللارنىڭ يوق بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچار بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

turkiy-milletler-edebiyat-385i.jpg
تۈركىي مىللەت شائىرلىرىنىڭ ئەسەرلىرى. 2011-يىلى فېۋرال. (RFA/Erkin Tarim)

ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۆزئارا تونۇشۇش يىغىنىدا ھەرقايسى تۈركىي مىللەتلەر شائىرلىرى ئۆزلىرى يازغان شېئىرلىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى.

باشقۇرتىستاندىن كەلگەن شائىرە لىلىيا ساكمار، باشقۇرتلارنىڭ ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ئۇچراشقان مۇھىتتا ھايات كەچۈرۈۋاتقانلىقى ئۈچۈن ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ، تۈركىيىنىڭ باشقۇرتىستانلىقلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە دۆلەت ئىكەنلىكى، تۈركىيىدە باشقۇرت تىلى ۋە ئەدەبىياتىنى ئۆگىنىش ئىمكانىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە ئىنژېنېرلار ۋە بىناكارلار بىرلەشمىسى باشلىقى ئىلياس دېمىرجى، كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى يۈزىسىدىن خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپىنىڭ مەسلىھەتچىسىلىك ۋەزىپىسىگە تەيىنلەندى.

خەلقئارا تۈركىي مىللەتلەر مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى دۈشەن كاسېنوۋ، بۇندىن كېيىن تۈرك دۇنياسى شائىرلىرى ۋە سەنئەتچىلىرىنىڭ ئۆزئارا ئۇچرىشىشىنى ھەر يىلى ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن تۈركىيە تۈركىي مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن داۋاملىق ھالدا ھەرخىل پائالىيەتلەرنى ئۇيۇشتۇرماقتا. ئازاتجان بۇغرا ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، ئەمما ئۇيغۇر دىيارىدىكى ئۇيغۇرلار بۇ خىل پائالىيەتلەرگە قاتنىشالمايۋاتىدۇ. تۈركىيە ئۇلارنى تەكلىپ قىلغان تەقدىردىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل توسالغۇلارنى پەيدا قىلىپ، ئۇلارنىڭ تۈركىيىگە بېرىشىغا رۇخسەت قىلمايۋاتىدۇ.