ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈرك دۇنياسى يىغىنىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىندى
2011.04.18
يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى جەمئىيەت ۋە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پروف. در. سەما بارۇتجۇ ئۆزۆندەر خانىم قىلدى.
يىغىنغا سابىق دۆلەت مىنىستىرى سادى سومۇنجۇ ئەپەندى، ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدىكى ئۇنىۋېرسىتېتلاردىكى ئوقۇتقۇچىلار، دوكتورلۇق ۋە ماگىستىرلىق ئۇنۋانلىرى ئۈچۈن ئوقۇۋاتقانلاردىن بولۇپ 200 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىندا ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى نادىر بىيىقوغلۇ ئەپەندى «تۈرك دۇنياسىنىڭ ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە تۈركىيە» تېمىسىدا، ئەزەربەيجان تەتقىقاتلىرى ۋەخپى باشلىقى پروفېسسور در. نەسىب نەسىبلى «تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت مەسىلىلىرى» تېمىسىدا، دوكتور ئايدىن بەياتلى ئەپەندى «تۈركىيىنىڭ ئىراققا ئېلىپ بېرىۋاتقان تاشقى سىياسىتى ۋە ئىراقتىكى تۈركلەر» تېمىسىدا، در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى بولسا «خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا سۆز قىلدى.
ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسى نادىر بىيىقوغلۇ تۈرك دۇنياسى ئېنېرگىيە بايلىقلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، قازاقىستان، تۈركمەنىستان ۋە ئەزەربەيجان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ باي نېفىت ۋە تەبىئىي گاز مەنبەلىرىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى، تۈركىيە دۆلىتى بۇ قېرىنداش دۆلەتلەرنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گېزىنى غەربكە سېتىشىغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن ھەر خىل ئىش پىلانلىرىنى تۈزگەنلىكىنى ئەمما داۋاملىق ھالدا رۇسىيە بىلەن ئىراننىڭ توسالغۇسىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. 1999-يىلى تۈركمەنىستان بىلەن تەبىئىي گاز توختامنامىسى تۈزۈلگەنلىكى، ئەمما ئىران بىلەن رۇسىيىنىڭ بېسىمى بىلەن تۈركمەنىستاننىڭ بۇ توختامنامىنى بىكار قىلىۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ھازىر پەقەتلا ئەزەربەيجان نېفىتىنى غەرب دۆلەتلىرىگە سېتىش ئۈچۈن ياسالغان باكۇ-جەيخان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ ياخشى مېڭىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئەزەربەيجان تەتقىقات ۋەخپى باشلىقى پروف. در. نەسىب نەسىبلى ئەپەندى تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مىللەت ۋە دۆلەت مەسىلىلىرى تېمىسىدا قىلغان سۆزىدە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرىنىڭ ئىنسانلاردا مىللىي غۇرۇرنىڭ ئاجىزلىقى ئىكەنلىكىنى، مىللىي غۇرۇرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ دېموكراتىيە يولىغا مېڭىشى كېرەكلىكىنى ئېيتتى. دېموكراتىيىلەشسە مىللىي غۇرۇرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شەرت-شارائىت ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ تارىخىنى بۇرۇن رۇسلارنىڭ يېزىپ بەرگەنلىكى، ھازىرغىچە مەكتەپلەردە رۇسلار يېزىپ بەرگەن تارىخ كىتابلىرىنىڭ ئوقۇتىلىۋاتقانلىقى، تۈركىي مىللەتلەر ئۆزلىرىنىڭ تارىخىنى يېزىپ چىقىشىنىڭ زۆرۈر ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى ۋە مۇستەقىل بولالمىغان تۈركىي مىللەتلەرگە قارىتا قانداق سىياسەت ئېلىپ بېرىشى كېرەكلىكى ھەققىدە توختىلىپ، «تۈركىيە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ھۆكۈمەتلىرى بىلەنلا ئەمەس، خەلقى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇشى كېرەك. چوڭ ۋە كىچىك شەھەرلەردە مەدەنىيەت مەركەزلىرى ۋە كىتابخانىلار ئېچىشى كېرەكلىك» دەپ كۆرسەتتى.
تۈركىيە ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، «خەلقئارا كۈچ تەڭپۇڭلۇقلىرىنىڭ بەلگىلىنىشىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى» تېمىسىدا قىلغان سۆزىدە نوختىلىق ھالدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ گېئوستراتېگىيىلىك ئورنى ھەققىدە توختالدى. خىتايلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇندىن بۈگۈنگىچە ئوتتۇرا ئاسىيانى 4 قېتىم بېسىۋالغانلىقى، ھەر قېتىم بېسىۋالغاندا خىتايلارنىڭ كۈچلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە قەدىمدىن بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاندا قۇرۇلغان دۆلەتلەر ھەققىدىمۇ توختالدى. در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى سۆزىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بۈگۈن خەلقئارالاشقانلىقىنى، ئەمما بۇ داۋانى خەلقئارادا ئېلىپ بارىدىغان ئىختىساسلىق كادىرلار قوشۇنىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ كېلەچىكى ھەققىدىمۇ توختالدى.