2-نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى قانۇن قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2011.11.15
3 كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ قۇرۇلتايغا قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربەيجان، تۈركمەنىستان، بۇلغارىستان، گرۇزىيە، سىپرۇس، كوسوۋو، تۈركىيە، شەرقىي تۈركىستان، ئىراق كەركۈك، يۇنانىستان، قاراقالپاقىستان، ئالتاي جۇمھۇرىيىتى، باشقۇرتىستان، چاۋۇشىيە، خاكاسىيە، تاتارىستان ۋە توۋا قاتارلىق پۈتكۈل تۈركى خەلقلەرنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونومىيىلىك رايونلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتناشتى. بۇ يىغىنغا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى تەكلىپ بىلەن قاتناشتى ھەم ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.
يىغىنغا يەنە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىن كەلگەن دوكتور-پروفېسسورلار، تەتقىقاتچى ۋە قانۇنشۇناسلار، تۈرك دۇنياسىنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرى توغرىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى.
بۇ قېتىمقى قۇرۇلتاينىڭ ئاساسى مەقسىتى، بەزى دۆلەتلەردە ئاز سانلىق بەزى دۆلەتلەردە كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىدىغان تۈركىي خەلقلەرنىڭ قانۇنشۇناسلىرىنىڭ ھەر ساھە قانۇن توغرىسىدا سۆز قىلىش، تۈرك دۇنياسى قانۇنشۇناسلارنىڭ ئۆز-ئارا تونۇشۇش، پىكىر-ئالماشتۇرۇش، تۈركى خەلقلەرنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقىنى قوغداش، كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش، تەجرىبىلىرىدىن پايدىلىنىشتىن ئىبارەت ئىكەن.
بۇ قۇرۇلتاينىڭ 2-كۈنىدىكى يىغىنى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئاساسى قانۇن توغرىسىدا بولۇپ، بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيەتتە دۇچ كېلىۋاتقان كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىدە، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا، تۇغۇت چەكلەش ۋە پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى، دىنى ئەركىنلىككە ئالاقىدار چەكلىمىلەر، ئىنسان جىسمىدىن ئورگان ئوغرىلاش ۋە جىسىم پۈتۈنلۈك ھوقۇقى، ئۇيغۇرلاردا ئۆلۈم جازاسى، ياشاش ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقى، ناھەق تۈرمىگە قاماش، قىيىن-قىستاققا ئېلىش. ئوخشاش باراۋەرلىك ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىشى، مائارىپ ھوقۇقىنىڭ دەپسەندىچىلىكى ۋە مەكتەپ يېشىغا توشمىغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئۈچۈن مەخسۇس خىتايچە يەسلى ئېچىپ، ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىگە خىتاي تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆگىتىشتىن ئىبارەت خىتاينىڭ كىشىلىك دەپسەندىچىلىكلىرىنى دەلىل ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى.
ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يىغىن ئىشتىراكچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا سورىغان سوئاللىرىغا بىر-بىرلەپ جاۋاب بەردى. بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ دەرھال خەلقئارا كۈن تەرتىپكە كېلىشى كېرەكلىكىنى بۇنىڭ ئۈچۈن بىر قەدەم ئېلىش كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تۈركىيە غازى ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇن فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ئىلياس دوغان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ھەققىدە پىكىر بايان قىلىپ مۇنداق دېدى: غەرب دۇنياسى خىتاي بىلەن تىجارەت ئورتاق بولۇش يولىغا قاراشنىڭ ئورنىغا ئىنسانپەرۋەرلىك كۆزى بىلەن خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلەرگە قارىشى كېرەك.
يىغىندا يەنە كوسوۋو، يۇنانىستان ۋە ئەزەربەيجاندىن كەلگەن ۋەكىللەرمۇ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى پىكىر-قاراشلىرىنى ئىپادىلىدى.
بىز ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىراق تۈركمەنلىرى ۋەكىلى سادۇن كۆپرۇلى ئەپەندىنىڭ پىكىر-قاراشلىرىنى ئالدۇق. سادۇن كۆپرۇلى ئەپەندى، ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنىڭ ئىراق تۈركمەنلىرى بىلەن تەقدىرداش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى ئۆزىنىڭ قان قېرىندىشى دەپ بىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن پۈتكۈل يىغىنلاردا سۆز قىلغاندا ۋە ماقالە يازغاندا داۋاملىق ئۇيغۇرلارنى تىلغا ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىز يەنە بۇ يىغىن ھەققىدە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ رەئىسى ئىلغار ئالىپتېكىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.