"21-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق خەلقئارالىق يىغىننىڭ قارارىغا ئۇيغۇر مەسىلىسىمۇ كىرگۈزۈلدى

12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شىمالىي سىپرۇستا "21-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق خەلقئارالىق ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىلغان ئىدى. بۇ يىغىنغا تۈركىيە، شىمالىي سىپرۇس، ئەزەربەيجان، قىرغىزىستان، قازاقىستان، تۈركمەنىستان، ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن شۇنىڭدە يەنە قىرىم تاتارلىرى، ئۇيغۇر قاتارلىق تۈركىي مىللەتلەردىن 61 كىشى قاتناشتى.

0:00 / 0:00

يىغىندا، تۈرك دۇنياسىنىڭ 21-ئەسىردىكى ۋەزىيىتى، تۈرك دۇنياسىدىكى خەۋپلەر ۋە پۇرسەتلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. يىغىن ئاخىرىدا تۈرك دۇنياسى ھەققىدە قارار ماقۇللانغان.

تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سىياسىي، سودا، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي -مائارىپ جەھەتتىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، تۈرك دۇنياسىدىكى قېرىنداش مىللەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشنى يوق قىلىش ئۈچۈن تىرىشىش قاتارلىق بىر يۈرۈش مەسىلىلەر مەزكۇر قاراردىن ئورۇن ئالغان.

سىپرۇستا چاقىرىلغان "21-ئەسىردىكى تۈرك دۇنياسى" ناملىق يىغىننىڭ قارارىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئورۇن بېرىلىپ مۇنداق يېزىلغان:
"مۇستەقىل دۆلىتى بولمىغان تۈركىي مىللەتلەر دۇچار بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى يېقىندىن كۆزىتىش، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك. تۈرك دۇنياسىنىڭ بىر پارچىسى بولغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى قانۇنىي بىر مەسىلە سۈپىتىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسى بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش لازىم.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تىنچ يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كېلىش كېرەك. شۇڭا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر ۋە تۈركىيە يېقىندىن دىققەت قىلىشى كېرەك. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياۋروپا بىخەتەرلىك تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭمۇ كۈن تەرتىپىگە ئېلىپ كېلىش لازىم ".

12-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە شىمالىي سىپرۇسنىڭ لەفكە شەھىرىدە چاقىرىلغان يىغىندا ئۇيغۇرلار ھەققىدە يەنە نېمە مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ بۇ ھەقتە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك مەلۇمات بەردى.