تۈرك دۇنياسى مۇخبىرلىرى كۇرسى

تۈركىيە دۆلەتلىك رادىئو تېلېۋىزىيە ئىدارىسى TRT ئاگېنتلىقى دۇنيا بويىچە تۈركىي تىللاردا ئاڭلىتىش بېرىدىغان رادىئو مۇخبىرلىرىغا تۈركىيىنىڭ ئانتالىيا شەھىرىدە ئۆگىنىش كۇرسى ئاچتى.

0:00 / 0:00

بۇ كۇرسقا 26 دۆلەتتىن 100 گە يېقىن مۇخبىر قاتناشتى. بۇ كۇرسقا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن سەئۇدى ئەرەبىستان رادىئوسىنىڭ ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ مۇخبىرلىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئۆمەرجان كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان بۇ مۇخبىرلارنى زىيارەت قىلىپ سۆھبەت ئېلىپ باردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.