2 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئويۇشمىسى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى چاقىردى. بۇ يىل 2 - نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان بۇ قۇرۇلتاي 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتىتىنىڭ زالىدا رەسمى باشلاندى.

0:00 / 0:00

بۇ قۇرۇلتايغا ئازەربايجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى ۋەكىللىرى قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دىلارا ۋە ئايتېكىن قاتارلىق 3 ئوقۇغۇچى قاتناشماقتا بولۇپ، دىلارا بۇ يىغىندا "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ مەسىلىلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى.

1991 - يىلى سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلىنىپ تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەر مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، تۈركىيە تۈركىي مىللەتلەردىن 10 مىڭ ئوقۇغۇچى ئېلىپ كېلىپ ئوقۇتۇش ئىش پىلانىنى يولغا قويغان ئىدى. بۇ پىلان بۈگۈنگىچە داۋام قىلماقتا.

ھازىر تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا 30 ئەتراپىدا تۈركىي مىللەتتىن ئوقۇغۇچىلار ئوقۇماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈزلەرچە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارمۇ بار. بۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئۆزئارا ئۇچراشتۇرۇش ئۈچۈن ئەنقەرە بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات مەركىزى "تۈرك دۇنياسى ئوقۇغۇچىلار قۇرۇلتىيى" چاقىرغان ئىدى.

بۇ يىل 2 - نۆۋەتلىكى چاقىرىلغان بۇ قۇرۇلتاي 5 - ئاينىڭ 2 - كۈنى بىلكەنت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ زالىدا رەسمى باشلاندى. بۇ قۇرۇلتايغا ئازەربايجان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەردىن تۈركىيىگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى قاتناشماقتا. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دىلارا ۋە ئايتېكىن قاتارلىق 3 ئوقۇغۇچى قاتناشماقتا ، دىلارا بۇ يىغىندا "شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنىڭ مەسىلىلىرى" تېمىسىدا سۆز قىلدى.

قۇرۇلتاي جەريانىدا پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغاندىن باشقا، ھەر قايسى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرىدىن نەمۇنىلەر سۇنۇلدى.

ئەنقەرەدىكى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمىيىتى قۇرۇلتاي مەيدانىدا كۆرگەزمە ئېچىپ، قۇرۇلتاي ئەھلىگە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا مەكتەپ رەھبەرلىرى، تۈرك دۇنياسى ھەققىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.

يىغىنغا قاتناشقان ئۇيغۇر قىزى دىلارا قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدىكى ئەڭ مەدەنىيەتلىك، تۇنجى قېتىم كۆچمەن ھاياتىدىن شەھەر ھاياتىغا ئۆتكەن مىللەت ئىكەنلىكىنى، تۈرك دۇنياسىنىڭ ئۇلۇغ ئالىملىرىدىن مەخمۇت قەشقىرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئاخمەت يۈكنەكى ۋە ئالىشىر ناۋايىلەردەك يۈزلەرچە ئالىمنى يېتىشتۈرگەنلىكىنى، دۇنيا مەدەنىيىتىگە بۈيۈك تۆھپىلەرنى قوشقان بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ئاڭلاتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە بۇنداق بىر مىللەتنىڭ بۈگۈن خىتايلار تەرىپىدىن ھەقسىز ھالدا بېسىمغا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.