يۆرك تۈركمەن قۇرۇلتىيىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى

3 - 4 - ماي كۈنلىرىدە ئەنقەرەدىكى بۈيۈك ئانادولۇ مېھمانخانىسىدا 2 - نۆۋەتلىك يۆرك تۈركمەن بۈيۈك قۇرۇلتىيى چاقىرىلدى. تۈركىي مىللەتلەر تەشكىلاتلىرى بىرلىكى، تۈركىيە خەۋپسىزلىك ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى ۋە تۈركىيەم جەمئىيىتى ئورتاقلىشىپ ئۆتكۈزگەن بۇ قۇرۇلتايغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، ئىراق، ئىران، كافكازىيىدىن كەلگەن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى، تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر بولۇپ 800 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان.

0:00 / 0:00

تۈركىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىغا ۋاكالىتەن ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى قاتناشتى.

قۇرۇلتايدا پۈتۈن دۇنيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى ھەققىدە تۈركىيىدە تونۇلغان تارىخچىلاردىن پروف. در مۇستافا كافالى، پروف. در. جەمالەتتىن تاشقىران، پروف. در. ئالەمدار يالچىن ۋە پروف. در. ئەكرەم مەمىش قاتارلىق ئىلىم ئادەملىرى مەلۇمات بەرگەندىن باشقا، بۈگۈنكى ئەھۋالى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بېرىپ ئۆتكەن. كېيىن پۈتۈن ۋەكىللەر گۇرۇپپىلارغا ئايرىلىپ تۈرك دۇنياسىنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي مائارىپ جەھەتتىكى مەسىلىلىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەر ئېلىپ بېرىپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدىگەن. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرىدا بىر قارار ماقۇللانغان بولۇپ، قاراردا ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولىۋاتقان مەسىلىلەرگىمۇ يەر بېرىلگەن.

بىز بۇ قۇرۇلتاي ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قۇرۇلتايغا قاتناشقان ھايرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ بىز بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىدە قۇرۇلتايدا سۆز قىلىپ قۇرۇلتاي ئەھلىگە ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولىۋاتقان خىتاينىڭ بېسىم سىياسىتىنى، بولۇپمۇ خىتايلارنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنى ھەر خىل يوللار بىلەن باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەنلىكنى ۋە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىرغانلىقنى ئېيتتى.