تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى

2008 ‏ - يىلى 7 ‏ - ئاينىڭ 18 ‏ - كۈنىدىن 25 ‏ - كۈنىگىچە تۈركىيىنىڭ يالوۋا شەھىرىدە تۈرك دۇنياسى مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلدى. بۇ كۆرگەزمە يالوۋا فولكۇر ۋە مائارىپ مەركىزى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە تۈرك تىلى سىستېمىسىدىكى 25 دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلدى.

0:00 / 0:00

بۇ كۆرگەزمىگە شەرقىي تۈركىستانغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى قاتناشتى.

بۇ كۆرگەزمىنىڭ ئاساسىي مەقسىدى، "تۈركىي سىستېمىدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل بىرلىكى، پىكىر بىرلىكى، خىزمەت بىرلىكى" بولۇپ، دۇنيانىڭ تۈرك مەدەنىيىتى تارقالغان رايونلاردا ياشىغان، تۈرك تىلىدا سۆزلىشىدىغان ئىنسانلارنىڭ ۋە ئىرقىي تۇغقانچىلىقلارغا تەۋە قېرىنداش مىللەتلەرنىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ساھەلەردە ئۆز ‏ - ئارا چۈشەنچە ھاسىل قىلىش، چوڭ بىر جۇغراپىيىگە تارقالغان تۈرك مىللىي مەدەنىيىتىنى تۈرك تىل سىستېمىدىكى ئوخشىمىغان مىللەتلەر ئارىسىدا ئۆز ‏ - ئارا تونۇشتۇرۇش ۋە بۇ ئارقىلىق تۈرك تىلىنى ئورتاق قوللىنىش پىلانىغا ھەسسە قوشۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

كۆرگەزمىنىڭ5 ‏ - كۈنى يەنى 7 ‏ - ئاينىڭ 23 ‏ - كۈنى "تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنى" ئېچىلغان بولۇپ، يىغىندا ئىستانبۇل شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى مۇرات ئەپەندى سۆز قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈركىي خەلقلەرگە شۇنداقلا دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلىرىنىڭ ئورتاق كۆچ چىقىرىشىنى تەلەپ قىلدى.

يىغىندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۇركوز ئەپەندى سۆز قىلىپ، ئاخباراتچىلارغا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تەپسىلىي ئاڭلىتىپ شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئاسسىمىلاتسىيە قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئىلمىي پاكىتلار بىلەن ئاڭلاتتى.

بىز بۇ ھەقتە تولۇق مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان كۆچمەنلەر جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى دوكتۇر ئەخمەت تۈركوز ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق. ئەخمەت تۈركۈز ئەپەندى بۇ يىغىن ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بىز يىغىندا تۈرك ئاخباراتچىلىرى ۋە كىنو ئارتىستلىرىغا خىتاپ قىلىپ، دۇنيا خەلقى تىبەت مەسىلىسىنى تونىغاندەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ياخشى بىلمەيدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلارنىڭ تەلەپكە لايىق بولمىغانلىقىدا. شۇنىڭ ئۈچۈن ئاخباراتچىلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى ئاخباراتلاردا كەڭ تۈردە تەشۋىق قىلىشنى شۇنداقلا فىلىم شىركەتلىرىنىڭ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە فىلىم ئىشلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ تۈرك فىلىم شىركەتلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە فىلىم ئىشلەشكە ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردۇق."

"تىبەت مەسىلىسىنى دۇنيا تونۇشتا، ھوللېۋۇدتىكى خەلقئارالىق فىلىم شىركەتلىرى ئالاھىدە رول ئوينىدى. خەلقئارالىق فىلىم شىركەتلىرى تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە، دالاي لاما ھەققىدە فىلىم ئىشلەپ چىقتى. تىبەت مەسىلىسى ھەققىدە ئىشلەنگەن فىلىملەر دۇنياغا تارقىتىلدى. شۇ سەۋەبتىن تىبەت مەسىلىسىنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ ھەمدە تىبەت مەسىلىسىنىڭ ھەل بولۇشىغا قىزىقىدۇ. دۇنيانىڭ مەشھۇر ناخشىچىلىرى تىبەت مەسىلىسىنى كۆيلەپ ناخشا ئوقۇيدۇ. تىبەت مەسىلىسىگە ئوخشايدىغان شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيىتىنى دۇنيا خەلقى بىلمەيدۇ. ئىستانبۇل مۇئاۋىن ۋالىسى مۇرات ئەپەندىنىڭ دېگىنىدەك شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تۈرك دۇنياسىنىڭ يۈزدە توقسان پىرسەنتى بىلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۈرك فىلىم شىركەتلىرى ۋە سەنئەتچىلىرى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى تونۇتۇشقا چوڭ كۈچ چىقىرىشى لازىم."

ئەخمەت تۈركوز ئەپەندى يىغىندا يەنە، خىتاينىڭ قوش تىللىق مائارىپىنىڭ ئاساسىي مەقسىتىنىڭ ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: "خىتايلار شەرقىي تۈركىستاندا قوش تىللىق مائارىپنى باھانە قىلىپ، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە خىتاي تىلىدا دەرس ئۆتۈۋاتقانلىقىنى، ئانا تىلدا دەرس ئۆتۈشنى چەكلىگەنلىكىنى، بۇنىڭ ئاساسىي مەقسىتى شەرقىي تۈركىستان خەلقنى ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. شۇنداقلا خىتاينىڭ بۇ جىنايى قىلمىشلىرىغا تۈرك دۇنياسىنىڭ سۈكۈت قىلماسلىقىنى. شەرقىي تۈركسىتان خەلقىگە ساھىپ چىقىشىنى تەلەپ قىلدۇق."