تۈركىيىنىڭ فەتىيە شەھىرىدە «تۈرك دۇنياسىدىكى بايراملار» تېمىسىدا خەلقئارالىق يىغىن چاقىرىلماقتا

3-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 23-كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي بايراملىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلەر ئوقۇلماقچى.

0:00 / 0:00

يىغىندا تۈركىي مىللەتلەر ئۆتكۈزۈۋاتقان دىنىي ۋە مىللىي بايراملارنىڭ كېلىپ چىقىشى، تارىخى ۋە باشقا مىللەتلەرگە بولغان تەسىرى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا.

بۇ يىغىنغا ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرى، رۇسىيە فېدېراتسىيىسى، گېرمانىيە، ئىران، ئىراق ۋە تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردىن بولۇپ 30 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىسلەر قاتناشقان.

يىغىندا پروفېسسور ئىرخان ئۈنۋەر ناسرەتتىن ئوغلۇ «تارىختىن-بۈگۈنگىچە شەرقىي تۈركىستاندا مىللىي ۋە دىنىي بايراملار» تېمىسىدىكى دوكلاتىنى سۇنماقچى.

3-ئاينىڭ 21-كۈنى فەتىيە شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئېچىلىش مۇراسىمىغا فەتىيە شەھەرلىك ھۆكۈمەت باشلىقى بەھچەت سائەتچى، داڭلىق قازاق شائىرى مۇختەر شاخانوف قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى. يىغىنغا تۈركىيە باش مىنىستىر رەجەپ تايىپ ئەردوغان، مەدەنىيەت مىنىستىرى ئەرتۇرۇل گۈنەي ۋە كۆپ ساندىكى پارلامېنت ئەزالىرى تەبرىكنامە ئەۋەتىپ يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ ۋە پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنىڭ نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى.