بېيجىڭ ۋە گېرمانىيىدىن كەلگەن ھەمدە تۈركىيىنىڭ ھەرقايسى ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىشلەۋاتقانلاردىن بولۇپ 10 نەپەر ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس بۇ مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. 4 - ئاينىڭ 25 - كۈنىگىچە داۋام قىلىدىغان مەزكۇر ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا مۇتەخەسسىسلەر تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخى، تىلى، ئەدەبىياتى، سەنئىتى، ئۆرپ - ئادەتلىرى ۋە بۈگۈنكى مەسىلىلىرى ھەققىدىكى ئىلمىي ماقالىلىرىنى ئوقۇماقچى.
4 - ئاينىڭ 19 - كۈنى ئەتىگەن سائەت 10دىكى ئېچىلىش مۇراسىمىدا بۇ يىغىننىڭ ساھىبخانلىقىنى قىلىۋاتقان، ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى مۇدىرى پروف. در. فىكرەت تۈركمەن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە، بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2006 - يىلى، بىرىنچى قېتىملىقىنى چاقىرغانلىقىنى، ئۇنىڭغا 800 ئەتراپىدا مۇتەخەسسىس قاتناشقانلىقىنى، ئۇلار ئوقۇغان ئىلمىي ماقالىلارنى 4 توم قىلىپ نەشىر قىلدۇرغانلىقىنى، بۇنىڭدىن كېيىن ھەر 4 يىلدا بىر قېتىم بۇ يىغىننى چاقىرىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنى بىرلەشتۈرىدىغان ئەڭ مۇھىم ئامىللاردىن بىرىنىڭ مەدەنىيەت ئىكەنلىكىنى، شۇڭا بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئارقىدىن تۈرك تىل تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. شۈكرۈ خالۇق ئاقالىن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ 80 يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان تەتقىقاتلىرى ھەققىدە توختالدى.
كېيىن، تۈركىيىنىڭ ئىزمىر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىسى جاھىت قىراچ ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە ئالبانىيىدىن سەددىچىنگىچە بولغان ئارىلىقتا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ياشاۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ تىلى، دىنى ئوخشاش بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى، بۇنداق بىر يىغىنغا ساھىبخانلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن ئىزمىر ۋالىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنى بەختلىك ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. سۆزىنىڭ ئاخىرىدا بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلىدى.
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن كېيىن، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ باش سېكرىتارى پروف. در. مۇستافا ئىسەن سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى. ئۇ، ئۆتكەن يىلى "تۈرك جۇمھۇرىيەتلىرى كونسېيى" نامىدا بىر بىرلىك قۇرۇش ئۈچۈن قارار ماقۇللانغانلىقىنى، بۇ بىرلىككە قازاقىستان، قىرغىزىستان، ئەزەربايجان، تۈركىيىنىڭ قوشىلىدىغانلىقى ھەققىدە قارار ماقۇللىغانلىقىنى، تۈركمەنىستان كۆزەتكۈچى بولۇپ قاتناشقانلىقىنى، ئەمما ئۆزبېكىستاننىڭ بۇ بىرلىككە قاتناشمىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ سۆزىدە يەنە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بۈگۈنكى كۈندە ئەڭ پارلاق دەۋرىنى ياشاۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىر تۈركشۇناس بولۇش سۈپىتى بىلەن، تۈرك دۇنياسىدىكى تۈركولوگىيە تەتقىقاتىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، بۇ ھەقتە ئىش پىلانلىرى ھازىرلانسا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
بۇ يىغىننىڭ ساھىبخانى ئىزمىر ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى ئوقۇتچۇچىسى پروف. در. ئالىمجان ئىنايەت ئەپەندى مەزكۇر يىغىن ھەققىدە توختىلىپ، بۇ يىغىنغا خىتاي تەۋەسىدىن 8 ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسنى تەكلىپ قىلغانلىقىنى، بۇلارنىڭ تۈركىيىنىڭ بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىدىن ۋىزا ئالغان بولسىمۇ، بىراق خىتاي خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئۇلارنىڭ بىر قىسىمىنىڭ تۈركىيىگە كېلىشىگە رۇخسەت قىلمىغانلىقىنى، كېلەلمىگەنلەر ئىچىدە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختىنىڭمۇ بارلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.