شەنبە كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 1 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى فولكلور ۋە مۇزىكا بايرىمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلغان ئەنقەرە ئۈلكۈ ئوجاقلىرى جەمئىيىتى باشلىقى دۈندار گۈن قىلغان سۆزىدە تۈرك دۈنياسىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا تۈركىي مىللەتلەر زۇلۇمغا ئۇچرىماقتا، ئېزىلمەكتە. بىز ھەر دائىم ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇشقا تىرىشىۋاتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن 5 - ئىيۇلدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدە مەيدانغا كەلگەن ۋەقەدە ھاياتىدىن ئايرىلغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزنى ئەسلەيمىز. ھەر دائىم شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەقىقانىي داۋاسىنى قوللاپ - قۇۋەتلەيمىز.
كېيىن ئۈلكە ئوجاقلىرى جەمئىيىتى مۇئاۋىن باشلىقى سەيفەتتىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتى ھەققىدە مۇنداق دېدى:
بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسىتىمىز تۈركىيە چېگرىسى سىرتىدا ياشاۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بىر - بىرىنى چۈشىنىشىنى ۋە فولكلور مۇزىكىلىرىمىزدىن خەۋەردار بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت. بۇ پائالىيىتىمىزگە 9 تۈركىي مىللەتتىن سەنئەتچىلەر قاتناشتى. بىز بۇندىن كېيىن ھەر يىلى بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزىمىز.
ئۇ سۆزىدە شەرقىي تۈركىستاننىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:
«شەرقىي تۈركىستان تۈرك دۇنياسىنىڭ قانىغان يارىسى. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ئۇنتۇشىمىز مۇمكۈن ئەمەس. ئەپسۇسكى، ئۇلار خىتاينىڭ زۇلمى ئاستىدا، ئەمما ئەركىن دۈنيا ئۇلارنىڭ دەردىنى ئاڭلىمايۋاتىدۇ. 2 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى فولكلور ۋە مۇزىكا بايرىمىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار تارتىۋاتقان زۇلۇمنى خەلقىمىزگە ئاڭلىتىشقا تىرىشىمىز. بۇ ئارقىلىق ھۆكۈمىتىمىزنىڭ دىققەت - ئىتىبارىنى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە تارتىمىز.»
كېيىن شەرقىي تۈركىستان ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلدى. فىلىمدە ئۇيغۇرلارنىڭ قىسقىچە تارىخى بايان قىلىنغان بولۇپ، خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان كۆرۈنۈشلەرگىمۇ يەر بېرىلگەن. ھۆججەتلىك فىلىم ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىكى ئېچىنىشلىق كۆرۈنۈشلەر بىلەن ئاخىرلاشقان.
بىر كۈن داۋام قىلغان 1 - نۆۋەتلىك تۈرك دۇنياسى فولكلور ۋە مۇزىكا بايرىمى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ 1 - يىللىقىنى خاتىرىلەش ۋاقتىغا توغرا كەلگەن بولغاچقا، ئېچىلىش مۇراسىمىدىمۇ ئۇيغۇرلارغا ئالاھىدە يەر بېرىلدى. ھۆججەتلىك فىلىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى ئەنقەرە شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ سۆزىدە نوقتىلىق ھالدا ئۈرۈمچى ۋەقەسىنىڭ مەيدانغا كېلىش سەۋەبلىرى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيە تۈركلىرىدىن كۈتكەن ئۈمىدلىرى ھەققىدە توختالدى.
بىز بۇ سەنئەت بايرىمى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن مىكرافونىمىزنى خەيرۇللاھ ئەفەندىگىل ئەپەندىگە ئۇزاتتۇق.
ئۇ، بۇ پائالىيەتتە ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.