خىتاي مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسى تەرىپىدىن بېيجىڭدا مەخسۇس چەتئەللىك ئاخباراتچىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىر پائالىيەتكە 20 دۆلەتتىن ئاخباراتچى قاتناشقان بولۇپ تۈركىيە ھۆررىيەت گېزىتىنىڭ چەتئەل خەۋەرلەر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ئىرەم كۆكەر خانىممۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۈچۈن خىتايغا بارغان ۋە خىتايدا 11 كۈن قالغاندىن كېيىن تۈركىيىگە قايتىپ كېلىپ، خىتايدا كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرى توغرىسىدا 5 پارچە ماقالە يېزىپ ھۆررىيەت گېزىتىدە ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلدى.
يېقىندا ھۆررىيەت گېزىتىدە ئىرەم كۆكەر خانىمنىڭ «خىتايدا ھايات جىمجىت قاينام» دېگەن تېمىدا بىر ماقالىسى ئېلان قىلىندى
ئىرەم كۆكەر خانىم ماقالىسىدە خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ ئاخباراتچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشتە بەلگىلەنگەن ساھەدە سوئال سوراشنى، سىياسىي خاراكتېرلىك سوئال سوراشنى چەكلىگەنلىكىنى ئەيىبلەپ مۇنداق يازغان: «مەن خىتايدا تۇرغان 11 كۈن ئىچىدە ئەڭ كۆپ ئاڭلىغان سۆز شۇ بولدى: ‹سىلەر كۆرۈشمەكچى بولغان ئەمەلدار سىلەرنىڭ، ساياھەت ۋە مەدەنىيەتكە ئالاقىدار سوئاللىرىڭلارغا جاۋاب بېرىدۇ، بۇ ساھەنىڭ سىرتىدىكى سوئاللارغا جاۋاب بېرىلمەيدۇ. ۋە يەنە پروگرامما ئۆزگەردى سوئال-جاۋاب قىسمىغا ۋاقىت قالمىدى›. مەن بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغاندا، ئاخباراتچىلىق كەسپىم بويىچە قارشىلىق كۆرسەتتىم ۋە ئىقتىساد ۋە سىياسەتكە ئالاقىدار بىر سوئالىمىز بار، ئۇلار قانداق بولىدۇ؟ دېدىم. يېنىمدا، خەلقئارالىق بىر ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بېيجىڭدىكى مۇخبىرى بولغان بىر ژۇرنالىست كۈلۈشكە باشلىدى ۋە شۇنداق دېدى: ‹مەنمۇ دەسلەپتە تېرىكتىم كېيىن ئۆزلەشتىم، داۋاملىق مۇشۇنداق ئاخبارات يىغىنلىرىدا كۈنتەرتىپكە چەكلىمە قويىدۇ، ياكى بۇلارنىڭ سىرتىدا سوئال سوراشقا رۇخسەت قىلمايدۇ. ياكى قولىدىكى ئالدىن تەييارلاپ قويۇلغان تېكىستنى ئوقۇشتىن سىرت باشقا بىر ھوقۇقى بولمىغان بىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ. چەتئەللىك مۇخبىرلارغا سوئال سوراش ئۈچۈن ۋاقىت قالمايدۇ، ئەمما ئىشنىڭ ئىچىدە نېمە بولسا بولسۇن، ھەر قېتىملىق يىغىندا خىتاي ئاخباراتچىلارغا سوئال سوراش ئۈچۈن يېتەرلىك ۋاقىت چىقىرىدۇ. بىر دۆلەت ئاخبارات ئىدارىسى بولغان خىتاي خەلقئارا رادىئوسىنىڭ چەتئەللىك ئاخباراتچىلار ئۈچۈن ئۇيۇشتۇرۇغان پائالىيەتنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ سۆزلەرنىڭ راست ئىكەنلىكىنى كۆزۈم بىلەن كۆردۈم.›»
زامانىۋى خىتاينىڭ ئاساسى تۆرۈكى چەكلىمە ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى
ئىرەم كۆكەرخانىم ماقالىسىنىڭ داۋامىدا يەنە خىتاينىڭ تەكشۈرۈش، چەكلەش سىياسەتلىرىنى ئەيىبلەپ مۇنداق يازغان: زامانىۋى خىتاينىڭ ئاساسى تۆرۈكى چەكلىمە ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتى. خىتايدا ھەر تۈرلۈك ئۇچۇرلار، ماقالىلەر، فىلىم-تىياتۇر ئەسەرلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تەكشۈرۈلىدۇ، ئۇچۇرلار ئېلان قىلىشتىن ئىلگىرى تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىدۇ، خىتايدا ئاخباراتلارنى قاتتىق تەكشۈرۈش ۋە نازارەت ئاستىغا ئېلىش ئومۇملاشقان. خىتايدا تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىلەر ئىجتىمائىي ھاياتقا ئۇ قەدەر ئىچكىرىلەپ ئومۇملاشقانكى، خىتايلار چەكلىمە يوق بىر ھاياتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان ھالغا كەلگەن. خىتايدا سۆز قىلىش تەكشۈرۈلىدۇ، ئاخبارات، ئىنتېرنېت، مۇزىكا، فىلىملەر، سەنئەت، باياناتلار تەكشۈرۈلىدۇ ۋە چەكلىمە قويۇلىدۇ، ئەڭ قەبىھ بولغىنى پىكىر ئەركىنلىكى چەكلىنىدۇ. خىتايلار ئۆزلىرىگە ئۆگىتىلگەندىن سىرت باشقا بىر پىكىر-قاراشلارنى بىلمەيدۇ. باشقا بىر پىكىر-قاراشلارغا ئىنتىلىش ئىرادىسىمۇ يوق ئىكەن.
ماقالىنىڭ داۋامىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «سۆھبەتلەر زېرىكىشلىك، بىر ئاز ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويسام، تەنقىد قىلىپ سۆزلىسەم بۇ خىل پىكىر قىلالىغانلىقىمغا ھەيران قىلغان كۆزلەرنىڭ ماڭا قاراشلىرىغا دۇچ كەلدىم. خىتاي دۆلىتى ئىقتىسادىنى سىرتقا قانچىلىك كۆپ ئاچقان بولسا ئۆز ئىچىدىكى خەلقنى شۇنچىلىك چىڭ تۇتقان. چۈنكى دۆلەت 1مىليارد 500 مىليون نوپۇسى بار دۆلەتنى باشقا بىر شەكىلدە بىر يەردە قانداق تۇتۇشنى بىلمەيدۇ. كىچىك بىر ھەرىكەتنىڭ ئاتەشكە ئايلىنىشىدىن قورقىدۇ. چۈنكى ئىسيان قىلىش ھەق تەلەپ قىلىش خىتاي تارىخىغا يات بىر ئىش ئەمەس. خىتاينىڭ بۈگۈنكى ئىقتىسادى تەرەققىياتىنىڭ ۋە رېجىمنىڭ خەلق ئۈستىگە قۇرۇلغان بېسىمنىڭ ئۆتمۈشىمۇ مۇشۇنداق بىر ۋەقە بىلەن باشلانغان.»
خىتايدا بېسىم ۋە چەكلىمە نورمال ئەھۋال
خىتايدا بۈگۈنكى كۈندە بېسىم ۋە چەكلىمە قويۇش ئۇقۇملىرى ئىجتىمائىي ھاياتتا نورمال بىر ئەھۋالغا ئايلانغان. خىتايدا ياشايدىغان ياكى ۋاقىتلىق چەتئەللەردىن كەلگەن ئاخباراتچىلارمۇ بۇ ئۇقۇملاردىن تېگىشلىك ھەسسىنى ئالىدۇ. خىتايغا كەلگەن ئاخباراتچىلارغا پەقەت دۆلەت كۆرۈشكە تېگىشلىك دەپ بەلگىلىگەن ئورۇنلار كۆرسىتىلىدۇ. خىتايدا ئۆتكۈزگەن 11 كۈن ئىچىدە گۇرۇپپىدىكى ھېچ بىر چەتئەللىك ئاخباراتچى، يېنىغا يېپىشىۋالغان كۈتكۈچى قىياپەتتىكى ھەمراھى بولماستىن نەپەس ئېلىشمۇ مۇمكىن ئەمەس. يەنى خىتاي چەتئەللىك ئاخباراتچىلارنى كۈتۈش، يول باشلاش نام ئاستىدا كۆزەتچى ئورۇنلاشتۇرغان. باشتا دەپ ئۆتكەنگە ئوخشاش، چەتئەللىك ئاخباراتچىلار يىغىنلاردا بېسىمغا ئۇچرىدۇق. بۇ بېسىمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن بىر ۋەقە شۇكى، خەلقئارا خىتاي رادىئو ئىستانسىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن، خىتايدا كۆرگەنلىرىم توغرىسىدا يازغان بىر ماقالەمنىڭ بەزى سۆز-ئىبارىلىرى ئۆزگەرتكەنلىكى بەزى پاراگرافلارنى ماڭا بۇ ھەقتە ماڭا ھېچ نېمە دېمەستىن چىقىرىۋەتكەنلىكى مېنى ئەپسۇسلاندۇردى. سەۋەبى بولسا، خىتاي تىلىدا تارقىتىلغان بۇ ماقالىنىڭ، خىتاينى دۇنياغا سەلبىي جەھەتتىن تونۇشتۇرۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ چۈشەندۈردى. مەن ماقالەمدە خىتاينىڭ ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى تىزلىشىۋاتقان بولسىمۇ دېموكراتىيىدە تەرەققىياتى قىلمىغانلىقىنى يازغان ئىدىم.ئەسلىدە خىتايدا خەۋەرلەرگە ئانچە ئارىشىۋالمايدۇ، چۈنكى ئاخباراتچىلارغا نېمىنى يېزىش، نېمىنى يازماسلىق كېرەكلىكى توغرىسىدا دەرس بېرىلگەن. ئاخباراتچىلارمۇ شۇنىڭغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ. خىتاي ئاخباراتلىرى تەكشۈرۈش ئىدارىسىگە ئايلانغان.
خىتايدا ئىنتېرنېت تەكشۈرۈلىدۇ ۋە چەكلىمە قويۇلىدۇ
ئاخباراتچىلىق كەسپى ساھەدە تەكشۈرۈش ۋە چەكلىمىنى ھېس قىلغان باشقا بىر ساھە بولسا ئىنتېرنېت دۇنياسى بولدى. خىتايدا Facebook، YouTube، Twitter قاتارلىق خەلقئارالىق ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش تور بېكەتلەر چەكلەنگەن. Google Turkiye ئېچىلمايدۇ، ئەمما Google Hong Kong ئېچىلىدۇ لېكىن بەزى ئۇچۇرلارنى ئىزدەشمۇ چەكلەنگەن. خىتايغا ئالاقىدار سەلىبى مەلۇماتلار ياكى خىتايغا قارشى يېزىلغان مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق ئۇچۇرلار كۆرۈلمەيدۇ. لېدى گاگا بجۆرك قاتارلىق مەشھۇر ناخشىچىلارنىڭ ناخشىلىرى چەكلەنگەن چۈنكى ئۇلار تىبەتنىڭ ئازادلىقىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلارنىڭ ناخشىلىرى تېلېۋىزىيىلەردە بېرىلمەيدۇ. Steven Seagal ئىسىملىك مەشھۇر كىنو ئارتىسىنىڭ فىلىملىرىمۇ چەكلەنگەن چۈنكى ئۇمۇ تىبەتنىڭ ئازادلىق ھەرىكەتلىرىنى قوللىغان شەخسلەردىن بىرى.
ماقالىنىڭ ئاخىرىدا يەنە مۇنداق يېزىلغان: «خىتاي دۆلىتى چەكلىمە قويۇشتا ناھايىتى ھىيلىگەرلىك ئۇسۇللارنى ئوينايدۇ. خىتايدا خەلقئارالىق ئىجتىمائىي ئالاقە تور بەتلىرىگە ئوخشاش بەتلەر ياسالغان. مەسىلەن خىتاي Facebook، تور بېتىنى چەكلەپ ئۇنىڭ ئورنىغا Weibo ناملىق تور بەت ياسىغان، بۇ تور بەتنى ھازىر خىتايدا 250-300 مىليون ئىنسان قوللىنىدىكەن. خىتاي ئىنسانلارنى بۇ تور ئارقىلىق كونترول قىلىپ، ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشنى تەكشۈرۈپ تۇرىدىكەن. Weibo ناملىق تور يېزىلغان ئۇچۇرلار خىتاي رېجىمىنىڭ كونترولدىن چىقىپ، كەڭ دۇنياغا تارقىغاندا، خىتايدا قايغۇ پەيدا قىلغان. دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىنى خالايدىغانلار خىتايدىن كۆپ نەرسە كۈتۈۋاتقان بولسىمۇ خىتايدا شەخسلەرنى توپلاپ پۈتۈنلەشتۈرمەكتە. ياشلارنىڭ ئويۇنلىرى، ئىجتىمائىي ئالاقىلىشىش تور بەتلەرنىڭ دۇنيا بىلەن ئالاقىسى يوق. خىتايلار قانچىلىك كۆپ ئوقۇپ كەتسۇن ئۆزلىرىگە ئۆگەتكەندىن سىرت باشقا بىر پىكىر-قاراشلارنىڭ، ئوخشىمىغان بىر دۇنيانىڭ بارلىقىنى بىلمەيدۇ. كوممۇنىست تۈزۈمى بولغان بولسىمۇ ئىشچىلارنىڭ ئىش تاشلاش ھوقۇقى يوق. خىتاي ئىقتىسادى ساھەدە چەتئەللىكلەرگە بېرىلگەن ئەركىنلىكنى ئىجتىمائىي ھاياتتا ئۆز خەلقىدىن ئۇزاق تۇتىدۇ. خىتايدا بېسىم ۋە تەشۋىقاتلار نەتىجىسىدە دۇنيادىن خەۋىرى يوق، زېرىكىشلىك ئەۋلادلار يېتىشتۈرىدۇ.»