ئۇ ئىلگىرى ئاخىر بولۇپ، ئاناتولىيە ئاگېنتلىقى، تۈركىيە گېزىتى ۋە تەرجىمان گېزىتلىرىدە ئوبزورچى بولۇپ ئىشلىگەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيە ئەدەبىياتچىلار ۋەخپىنىڭ باشلىقى بولۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يېڭى چاغ گېزىتىدە ئوبزور يازماقتا. سەرۋەت قاباقلى ئۇزۇل يىل ئۇيغۇرلارنىڭ لىدېرى رەھمەتلىك ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ يېنىدا بولغان ۋە ئۇنىڭ تۈركىيە رەھبەرلىرى بىلەن ئېلىپ بارغان ئۇچرىشىشلىرىغا شاھىت بولغان. بىز بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا مانا بۇ شەخس بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئەگەر شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭ تۈركىيىدە بىلىنمەيدىغان تەرەپلىرىنى بىلىشنى خالىسىڭىز تونۇلغان ئوبزورچى سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزگە قۇلاق سالغايسىز.
سوئال: سىز تۈركىيىدە ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئوبزور يېزىپ كەلگەن ئوبزورچىلاردىن بىرىسىز، سىزنىڭ ئۇيغۇرلارغا بولغان مۇھەببىتىڭىز نەدىن كەلگەن؟
جاۋاپ: شەرقىي تۈركىستاندا خىتايلارنىڭ زۇلۇمىغا، تەن جازالىرىغا ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئاتا تۈرك تەرىپىدىن رەسمى قوبۇل قىلىنغان ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئاسمىنىدا قايتا لەپىلدىشى ئۈچۈن مۇجادىلىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشىمىز شەرت. بۇ بىزنىڭ خۇدا ئالدىدىكى بۇرچىمىزدۇر. مەن ئەڭ ئاخىرقى نەپىسىمگىچە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلىمەن.
سوئال: سىز ئۇزۇن يىل ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ يېنىدا بولدىڭىز، سىز ئۇنىڭ بىلەن قانداق تونۇشقان ئىدىڭىز؟
جاۋاپ: ئەيسا يۈسۈف ئالىپتېكىن بىلەن قانداق تونۇشتۇڭ دېسىڭىز، مەن ئەرزۇرۇمدا ئوقۇغۇچى ۋاقتىمدا تەرجىمان گېزىتىنىڭ ئەرزۇرۇمدىكى مۇخبىرى بولۇپ ئىشلىگەن ئىدىم. مەرھۇم ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننى كونفېرانسلىرىدىن تونۇيتتۇق. بىر قېتىم، شەرقىي تۈركىستاندىن مانىساغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان شەرقىي تۈركىستانلىق قازاقلار ئويۇن قويۇش ئۈچۈن ئەرزۇرۇمغا كەلگەن ئىدى، ئۇلار بىلەن تونۇشتۇم، ئۇلار ئورۇندىغان دىراممىسىدا شەرقىي تۈركىستاننى تەسۋىرلىگەن ئىدى، دىراممىنى كۆرۈپ تولىمۇ ھاياجانلاندىم، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ ئۇنى تەرجىمان گېزىتىدە ئېلان قىلغان ئىدىم. بىر كۈنى ئىشخانىدا ئولتۇرسام تېلېفونۇم جىرىڭلىدى، تېلېفوننى ئاچقىنىمدا "ئەزىز قېرىندىشىم" دېگەن بىر ئاۋاز كەلدى. ئۇ ئاۋاز لىدېرىمىز ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئاۋازى ئىدى. ئۇ مېنىڭ گېزىتتە ئېلان قىلغان ماقالەمنى ئوقۇغان ئىكەن، شۇڭا مېنى تەبرىكلەش ۋە تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن تېلېفون قىلغان ئىكەن. مەن بۇ ئىش بولۇپ ئارىدىن 4 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئىستانبۇلغا باردىم ۋە ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈش شەرىپىگە ئىگە بولدۇم. مەن ئەنە شۇ كۈندىن تارتىپ ئەيسا يۈسۈف ئالپتېكىننىڭ مەنىۋى بالىسى بولدۇم. ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدىم، شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە كۆپلەپ ماقالە ئېلان قىلدىم.
سوئال: سەرۋەت قاباقلى ئەپەندى، سىز شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە نېمىلەرنى يازدىڭىز؟
جاۋاپ: مەن ماقالەمدە شەرقىي تۈركىستاندىكى خىتايلارنىڭ زۇلۇمىنى، تېخى ئانىسىنىڭ قورسىقىدا تۇرۇپلا ئۆلتۈرۈلگەن بالىلارنى، خىتايلارنىڭ لوپنوردا ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاتوم بومبىسى سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان ۋە ھېلىھەم ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ تراگىدىيەلىرىنى يازدىم. خىتايلارنىڭ ئۆتمۈشتە شەرقىي تۈركىستاننى قولغا چۈشۈرۈش، ھازىر بولسا قولىدا تۇتۇپ تۇرۇش ئۈچۈن قىلغان ۋە قىلىۋاتقان ھىيلە - نەيرەڭلىرىنى يازدىم. مەن ئۆمرۈمنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى يازىمەن.