بۇ خەۋەر تۈركىيىدىكى چوڭ كىچىك گېزىتلەرنىڭ كۆپىنىڭ بۈگۈنكى سانىدا، پالاۋنىڭ مەنزىرىلىرىنىڭ رەسىملىرى بىلەن بېسىلدى. تۈركىيىدىكى ئەڭ چوڭ گېزىتلەردىن بىرى بولغان رادىكال گېزىتىنىڭ خەلقئارا خەۋەر بېتىگە رەسىملىك قىلىپ بېرىلگەن بۇ ھەقتىكى خەۋەرنىڭ تېمىسى ئۇيغۇر ئەسىرلەر ئارال دۆلەتكە ئەۋەتىلمەكچى، تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭ گېزىتلىرىدىن بىرى بولغان "مىللىيەت" گېزىتىدە ئامېرىكا 200 مىليون دوللارنى بېرىشىگىلا كىچىك ئارال دۆلىتى گۇئەنتانامودىكى ئۇيغۇر ئەسىرلەرنى ئالدى تېمىسىدا يەر ئالدى.
بۇلاردىن باشقا تېلېۋىزيىلەردە ئەسىر ئۇيغۇرلارنى قوبۇل قىلىدىغان دۆلەت چىقتى، ئەسىر ئۇيغۇر تۈركلىرى ئازادلىققا ئېرىشتى، تىنچ ئوكياندىكى كىچىك بىر دۆلەت ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقتى، ئامېرىكا 200 مىليون دوللار بېرىپ ئۇيغۇرلارنى كىچىك ئارال دۆلىتى پالاۋغا يەرلەشتۈرمەكچى، دېگەنگە ئوخشاش تېمىلاردا تارقىتىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلگەن: ئامېرىكا 2001 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئەسىر ئالغان 4 يىل بۇرۇن گۇناھسىز دەپ ئېلان قىلىنغان 17 ئۇيغۇر خىتايغا قايتۇرۇلسا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغانلىقى ئۈچۈن بۇلارنى ئامېرىكا ۋە ياۋروپاغا يەرلەشتۈرۈشكە تىرىشقان بولسىمۇ ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. ئاخىرىدا بۇ 17 ئۇيغۇرنى دۇنيادا ناھايىتى ئاز ئىنسان تەرىپىدىن بىلىنىدىغان پالاۋ دۆلىتى ئالىدىغان بولغان.
خەۋەردە يەنە پالاۋ دۆلىتىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ دۇنيا مەتبۇئاتلىرىغا بەرگەن باياناتىدا ئامېرىكىنىڭ بۇنداق بىر مۇھىم قاراردا بىزدىن ياردەم تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن پەخىرلەندۇق دېگەنلىكىنى يېزىلغان. خەۋەردە تىنچ ئوكيانغا جايلاشقان پالاۋ دۆلىتى ھەققىدىمۇ قىسقىچە مەلۇمات بەرگەن.
بۇ خەۋەرلەردىن كېيىن يەنى، 6 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تۈرك تېلېۋىزىيىلىرى داۋاملىق ھالدا گۇئەنتانامو تۈرمىسىدىكى 17 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ 4 نەپىرىنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە يەر بېرىشكە باشلىدى. بۇ 4 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى ئەنگىلىيە ھامىلىقىدىكى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرىغا يېتىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىندى. بەزى تۈرك تېلېۋىزىيىلىرى بېرمۇدا تاقىم ئاراللىرى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بەرمەكتە.
بۇرۇن گۇئەنتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى تۈركىيىنىڭمۇ قوبۇل قىلىشى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى. تۈرك ھۆكۈمىتى ھازىرغىچە بىر جاۋاب بەرمىگەن ياكى پوزىتسىيەمۇ بىلدۈرمىگەن ئىدى. ئەمما تۈركىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر تۈركىيىنىڭ گۇئەنتانامودىكى بۇ ئۇيغۇرلارنى ئېلىشى كېرەكلىكىنى چۈنكى تۈركلەرنىنڭ ئۇيغۇرلار بىلەن قانداش ۋە دىنداش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن ئىدى. ئەمما 4 ئۇيغۇرنىڭ ئەركىنلىككە ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە تۈرك ھۆكۈمىتى ياكى ئۆكتىچى پارتىيىلەر ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى.
بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار خۇشاللىققا چۆمدى. بىز تۈركىيىدىكى ئۇيغۇرلار بىلەن بۇ ھەقتە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.