تۈرك پارلامېنت ئەزاسى بىلەن سۆھبەت

تۈركىيىدە ئېچىلغان مۇساپىرلار يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان كۈلپەتلەرمۇ مەخسۇس بايان قىلىنغان ۋە بۇ ھەقتە تۈركىيىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر مۇساپىرمۇ ئۆز سەرگۈزەشتىسىدىن يولغا چىقىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچار بولىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ۋە زۇلۇملار ھەققىدە دوكلات بېرىپ ئۆتكەن ئىدى.

0:00 / 0:00

بۈگۈنكى پروگرامىمىزدا مۇساپىرلار مەسىلىسى يىغىنىغا قاتناشقان تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ ئەزاسى، تۈركىيە پارلامېنتى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى ئەزاسى جەمال يىلماز دېمىر ئەپەندى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلسىى ئۈستىدە سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى جەمال يىلماز دېمىر ئەپەندى سىزگىمۇ مەلۇم يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىدىن قېچىپ تۈركىيەگە كېلىپ پاناھلىق تىلەۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ سانى بارغانسېرى كۆپەيمەكتە. ئەمما تۈركىيىنىڭ مۇساپىرلار قانۇنىدىكى ماددىلاردا ئاسىيا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەرگە پاناھلىق بېرىلمەسلىك دېگەن بىر ماددا بولغاچقا ئۇيغۇرلارمۇ بۇ قانۇن كەلتۈرۈپ چىقارغان قىيىنچىلىقلارغا ئۇچراۋاتىدۇ. تۈركىيىدە 7 - 8 يىلدىن بېرى ۋەتەنداش بولۇشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ ئاز ئەمەس. تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ بۇ قانۇننى تۈزىتىش توغرىسىدا بىر لاھىيىسى بارمۇ يوق ؟

جاۋاپ: بۈگۈنكى سۆزۈمدىمۇ دەپ ئۆتتۈم. تۈركىيە - 1951 يىلىدىكى جەنۋە كېلىشىمىدە جۇغراپىيىۋىي چەكلىمە قويغان ئىكەن. شۇڭا، ھازىر بۇ خىل قىيىنچىلىقلارغا دۇچار بولۇۋاتىمىز. ئۇ ۋاقىتتىكى تارىخى شارائىتتا جۇغراپىيىۋىي ئورنىمىز تۈپەيلىدىن مۇشۇنداق بىر چەكلىمە قويۇلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما بۈگۈنكى كۈندە بۇ چەكلىمە ئەمەلدىن قېلىشى كېرەك، دەپ ئويلايمەن. بۇ قانۇندا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىن باشقا دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرگە تۈركىيىدە پاناھلىنىش ھوقۇقى بەرمەسلىك بەلگىلەنگەن. بۇ قانۇن سەۋەبىدىن شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ قېيىن ئەھۋالدا قېلىۋاتقانلىقىنى بىلىمەن. يېقىندا بۇ قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلىشى مۇمكىن.

ئەركىن تارىم: ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى جەمال يىلماز دېمىر ئەپەندى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ئۆزىنىڭ دوكلاتلىرىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقىنىمۇ بەرمەيۋاتقانلىقىنى يازماقتا. خىتاي يەنە ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا ئىسلامىي تېررورىست دەپ كۆرسىتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ. سىز تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟

جاۋاپ: ئىسلامىي تېررور ئۇقۇمىنى رەت قىلىمىز. چۈنكى بۇ ئۇقۇم لوگىكىغا مۇۋاپىق ئەمەس. مۇسۇلمانلار تېررورىست بولمايدۇ. ھېچبىر ئىنساننىڭ جېنىغا ۋە مېلىغا قەست قىلمايدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورىست دېيىشى قەستەن دېيىلگەن بىر قارىلاشتۇر. تېررورنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ بىر مىللەتكە دىنى جەھەتتىن بېسىم ئىشلىتىشنىڭ ئۆزى بىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىسى. مەن بۇ قىيىنچىلىقلارنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ھەقنى بىركىم بەرمەيدۇ، پەقەت مۇجادىلە ئارقىلىق قولغا كەلتۈرىدۇ. شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ ھەققانىي داۋاسىنى ئاخىرىغىچە قوللاپ قۇۋۋەتلەيمىز. ئۇلارنىڭ بۇ مۇجادىلىسىنىڭ غەلىبە بىلەن ئاياقلىشىدىغانلقىدا شەك يوق. بىز ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا.

ئەركىن تارىم : ھۆرمەتلىك پارلامېنت ئەزاسى، باشقا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنتلىرى ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاننىڭ سىرتىدا، باشقا دۆلەتلەردىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىلىرى ئۈستىدىمۇ كۈزىتىش ئېلىپ بارىدۇ، بۇ ھەقتە بىر يۈرۈش خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ. مەسىلەن، گېرمانىيە پارلامېنتى بولسۇن، ياپون پارلامېنتى بولسۇن ھەممىسى بۇ خىزمەتنى قىلىدۇ. ئۇنداقتا تۈركىيە پارلامېنتىنىڭمۇ بۇنداق بىر خىزمىتى بارمۇ؟

جاۋاپ: ھازىرغىچە تۈركىيە ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىنىڭ ياۋروپادا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرىگە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلىرى ۋە تەكشۈرۈشلىرى بولدى. كومىتېتىمىزنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىگە ئۇچراۋاتقان خەلقلەرگە ياردەم قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى دىئالوگنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا پايدىسى بولىدۇ،دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مەيلى شەرقىي تۈركىستان بولسۇن مەيلى باشقا بىر رايوندىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلارنىڭ خەلقئاراغا بىلدۈرۈلۈشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇرلارنىڭ بولۇشى ئىنتايىن مۇھىم. بىلگىنىڭىزدەك تۈركىيەدىمۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى بارلىقىغا دائىر خەۋەرلەر چىقىپ تۇرىدۇ. بەزى شەخسى مەسىلىلەرنىمۇ كۆتۈرۈپ چىقىپ تۈركىيىدە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىسى بولۇۋاتقاندەك كۆرسىتىشكە تىرىشىدۇ. شۇڭا بۇلارنى ياخشى تەكشۈرۈشىمىز لازىم. تۈركىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتىدا ھەرقايسى پارتىيىلەرنىڭ ئەزالىرى بار. ھەممىسىنىڭ كۆز قاراشلىرى پەرقلىق. بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ئوخشاش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ھەققىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان پائالىيەتلىرىنى قوللايمىز ھەم ھەرقانداق ياردەمنى قىلىشقا تەييارمىز. سىلەرگە ياردەم قىلىشنى بىز ئۆزىمىزنىڭ بۇرچى دەپ قارايمىز.

ئەركىن تارىم:ئۇيغۇر رايونىغا بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟

جاۋاپ: تېخى بېرىپ باقمىدىم. بېرىشنى ناھايىتى ئارزۇ قىلىمەن. شەرقىي تۈركىستان دېگىنىمىزدە تراگېدىيە ئېسىمگە كېلىدۇ. ئۇ يەردىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرى ئېسىمگە كېلىدۇ. شەرقىي تۈركىستان بولسۇن، چېچىنىيە بولسۇن، پەلەستىندىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىز بولسۇن ھەممىسى ئازاپ چەكمەكتە. بۇلارنى ئويلىغىنىمدا ئىنتايىن ئۆكۈنۈمەن. بىز بۇلارنىڭ ھەممىسىگە ياردەم قىلىشىمىز كېرەك.

ئەركىن تارىم:رۇسىيە پارچىلانغاندىن كېيىن تۈرك دۇنياسىدىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇستەقىل بولدى. سىز تۈرك دۇنياسىنىڭ كېلەچىكىگە قانداق قارايسىز ؟

جاۋاپ: مەن كېلەچەكتىن ناھايىتى ئۈمىدۋار. كېلەچەكتە تۈركىيىدە بولسۇن، تۈرك دۇنياسىدا بولسۇن ئىنسان ھەقلىرى ۋەزىيىتىنىڭ ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. كېلەچەكتىكى ۋەزىيەتنىڭ ۋە ئەۋلاتلىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ياشايدىغانلىقىغا، ئىنسان ھەقلىرىدىن، دېموكراتىيىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچىم كامىل.