تۈركىيە پارلامېنتنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل د ئۇ ق ۋەكىللىرىنى قوبۇل قىلدى

تۈركىيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى باشلىقى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن د ئۇ ق تەپتىش ھەيئىتى ئەزاسى ھايرۇللا ئەفەندىگىل ئەپەندىنى پارلامېنت بىناسىدىكى ئىشخانىسىدا قوبۇل قىلدى.

0:00 / 0:00

ناھايىتى قىزغىن ئۆتكەن بۇ ئۇچرىشىشتا سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي ھەيئەتلىرىنىڭ ئارقا - ئارقىدىن تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ ئۈرۈمچى ۋەقەسى ھەققىدە يالغان مەلۇمات بېرىۋاتقانلىقىنى تۈرك رەھبەرلىرىنىڭ خىتايلارنىڭ گەپلىرىگە ئىشەنمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئېيتتى.

تۈركىيە پارلامېنتى مۇئاۋىن باشلىقى نەۋزات پاقدىل ئەپەندى بولسا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ نورمال داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رولى ئوينىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ ئۇچرىشىشتا يەنە قايسى مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىندى؟ يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.