سائادەت پارتىيىسى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خېتىگە رەددىيە بەردى

تۈركىيىنىڭ ۋاقىت گېزىتى ئىدارىسى خىتاينىڭ ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق كونسۇلخانىسى تەرىپىدىن بىر پارچە خەت تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇ خەتتە، ۋاقىت گېزىتى ئانتى چىن يەنى خىتايغا قارشى ئاخبارات تارقىتىش بىلەن ئەيىبلەنگەن، ئۇ خەتتە يەنە، تۈركىيىنىڭ سائادەت پارتىيىسىنى ئەيىبلەپ خىتايغا قارشى قانۇنسىز يىغىن ئۇيۇشتۇردى دەپ تەنقىد قىلغان.

0:00 / 0:00

ۋاقىت گېزىتى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ يازغان خېتىنى 7 ‏ - ئاينىڭ 26 ‏ - كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلغان ئىدى.

سائادەت پارتىيىسى يېقىندا سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئەنقەرەدىكى مەركىزىدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ خېتىگە رەددىيە بېرىپ بايانات ئېلان قىلدى.

سائادەت پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستاندا بولۇۋاتقان زۇلۇمغا قارشىلىق كۆرسىتىش مەقسىتىدە، چاغلىيان مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە مىڭلارچە كىشى ئىشتىراك قىلغان يىغىنغا ئالاقىدار، خىتاينىڭ " كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر تۈركۈم پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى قانۇنسىز يىغىن ئۇيۇشتۇردى " دەپ ئىپادىلىگەن خېتىگە قاتتىق ئېتىراز بىلدۈرۈپ رەددىيە قايتۇردى ۋە خىتاي ئەلچىلىرىنىڭ خاتا سۆزلىگەنلىكىنى، بىلىمسىزلىكىنى ۋە سىياسىي سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىنى بىلدۈردى.

سائادەت پارتىيىسى تاشقى ئىشلار مۇئاۋىن باشلىقى دوكتۇر ئويا ئاقگۈنەنچ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، 12 ‏ - ئىيۇلدا تۈركىيە خەلقىنىڭ ئىرادىسىنى ئوتتۇرىغا قويغان چاغلىيان مەيدانىدا ئېچىلغان يىغىننى سائادەت پارتىيىسىنىڭ ئۇيۇشتۇرغانلىقىنى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ ھەر قايسى ساھەلەردىن نۇرغۇن كىشىنىڭ قاتناشقانلىقىنى، رەسمىي قاتنىشىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن ھەر تۈرلۈك سىياسەت، پەن ‏ - مائارىپ ساھەلىرىدىكى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلاردىن 250 تەشكىلات ۋە جەمئىيەتلەر، تەنتەربىيە گۇرۇپپىلىرى، ئىشچى‏ - خىزمەتچىلەر ئۇيۇشمىسى، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار بولۇپ نۇرغۇن تەشكىلات قوللاپ ‏ - قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى، چاغلىيان مەيدانىدىكى 'شەرقىي تۈركىستان' يىغىنى تۈرك خەلقىنىڭ غەزەپلىك ھېس تۇيغۇسى، قايغۇسى شۇنداقلا زالىمغا كۆرسەتكەن قارشىلىقى ۋە زۇلۇمنى توختىتىش چاقىرىقى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بىز بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن سائادەت پارتىيىسى ئىستانبۇل شۆبىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋە تاشقى ئىشلار مەسئۇلى مۇستافا كايا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

سوئال: ھۆرمەتلىك رەئىس ئەپەندىم، خىتاينىڭ ئەنقەرە ۋە ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئەلچىسىنىڭ سائادەت پارتىيىسىنىڭ 12 ‏ - ئىيۇل كۈنى چاغلىيان مەيدانىدا ئۆتكۈزگەن شەرقىي تۈركىستان يىغىنى ھەققىدە " كېلىپ چىقىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان بىر تۈركۈم سىياسى پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار خىتايغا قارشى قانۇنسىز يىغىن ئۇيۇشتۇردى " دېگەن باياناتىغا نىسبەتەن سىز قانداق قارايسىز؟

-- ھەقىقەتەن ھەر زامان بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا زۇلۇم ۋە ئىسكەنجە تارتىۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق قېرىنداشلىرىمىز بار. سائادەت پارتىيىسى بولسۇن ياكى مىللىي كۈرەش تەشكىلاتى بولسۇن بىز بىر قېرىنداش، بىز سىياسىي پارتىيىدە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، ئىجتىمائىي تۇرمۇشتا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن تەييار. ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز، بىز شەرقىي تۈركىستانغا ئالاھىدە قاراش بىلەن بىرگە، زۇلۇمنى توختات دېيىش چاقرىقىدا چاغلىيان مەيدانىدا شەرقىي تۈركىستان يىغىنى ئاچتۇق. بۇ يىغىننىڭ ئىككى مەقسىتى بولۇپ، بىرىنچىسى، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بارلىقىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى شەرقىي تۈركىستانغا قارىتىش، شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم بولۇۋاتقانلىقىنى، دۇنيانىڭ شەرقىي تۈركسىتانغا قۇلاق سالمايۋاتقانلىقىنى، دۇنياغا ھەق ‏ - ھوقۇق، ئادالەت ھېچبىر شەيئىنى كۆزگە ئىلماي، باستۇرۇش، شىددەت، قاتتىق قوللۇق ۋە ئۆلتۈرۈش رەھىمسىزلىك بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈۋاتقان بىر رايوننىڭ بارلىقىنى بىلدۈرۈش ئىدى . شۇ سەۋەبتىن خىتاي ئەلچىسى" كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان پارتىيە ۋە تەشكىلاتلار قانۇنسىز يىغىن ئۇيۇشتۇردى " دەپ ئىپادىلەپ ئۇ يىغىننى قوللاپ ‏ - قۇۋۋەتلىگەن تەشكىلات ۋە ئورگانلارنى نىشانغا ئالدى. خىتاينىڭ ئىستانبۇلدىكى كونسۇلى سىياسىي ساھەدە بىلىمسىزلىكىنى يەنى سائادەت پارتىيىسىنىڭ كېلىپ چىقىش مەنبەسىنى بىلمىگۈدەك دەرىجىدە سىياسىي بىلىمى يوقلۇقىنى ئاشكارىلىدى. ئەگەر 100 كىشىدىن سورىسىڭىز، سائادەت پارتىيىسى تۈركىيىنىڭ ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان سىياسىي پارتىيىلەردىن بىرى ئىكەنلىكىنى ھەر كىم بىلىدۇ. مۇستافا كايا ئەپەندى خىتاي كونسۇلخانىسىغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دېدى: سەن بۇ خىلدىكى يىغىننى، بۇ خىلدىكى ھەق تەلەپ قىلىش كۈرىشىنى، بۇ نامايىشنى، زۇلۇمنى توختات دېيىش شۇئارىنى قانۇنسىز دەپسەن، بۇ يىغىن پۈتكۈل ئىلتىماس ۋە تەلەپلەر سۇنۇلۇپ ئىستانبۇل ۋالىيىلىقىدىن مەركىزى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن رۇخسەت ئېلىنغان بىر يىغىن. قانۇنسىز دېيىش خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنى يوشۇرۇش ئۈچۈن ئويناۋاتقان ئويۇنلار.

ھۆرمەتلىك مۇستافا كايا ئەپەندىم. سىلەر سائادەت پارتىيسى نامىدا خىتايغا بىۋاستە رەددىيە بېرىپ رەسمىي بىر خەت يازدىڭلارمۇ؟

-- ئەلۋەتتە بىز ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ شۇنداق دېدۇق: سىلەر بىزنىڭ ئېلىپ بارغان شەرقىي تۈركىستان يىغىنىمىزنى، قەلبىمىزنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بىرگە سوقۇشىنى ئىپادىلەپ ئېلىپ بېرىۋاتقان كۈرەشلىرىمىزنى، بۇ بىرلىك سېپىمىزنى بوزالمايسىلەر. بىزنىڭ ئۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئاجىزلاشتۇرالمايسىلەر. بىز بۇنى ئەنقەرەدىكى مەركىزىمىزدە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ رەسمىي شەكىلدە ئېلان قىلدۇق. ئۇلار نېمە دىسە دېسۇن، بىزنىڭ كۆز قارىشىمىز ئۆزگەرمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىزنىڭ مەسىلىمىز. شەرقىي تۈركىستاندا زۇلۇم تۈگىگەنگە قەدەر بىز ئۈستىمىزدىكى قىلىشقا تېگىشلىك ۋەزىپىمىزنى توختاتمايمىز. خىتاينىڭ ھەربىي كۈچى، ئىقتىسادى كۈچى قانچىلىك بولۇشتىن قەتئىينەزەر، بۇ زۇلۇمنى تۈگىتىش ئۈچۈن سائادەت پارتىيىسى، تۈركىيە خەلقى قارشىلىق بىلدۈرىدۇ. بەلكى پۈتكۈل دۇنيا مۇسۇلمانلىرى ئوخشاش قارشىلىق بىلدۈرۈشى لازىم ۋە بۇ زۇلۇمنى توختىتىش ئۈچۈن، خىتاينى ئىقتىسادى، سىياسى ۋە ئىجتىمائىي ساھەلەردە چەمبەر ئىچىگە ئېلىش لازىم.

شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە 5 يىلنىڭ ئالدىدىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ ئىلگىرىلەش بولدى. تېخىمۇ كۆپ ئىنسانلار شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىگە قۇلاق سېلىشقا باشلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.