ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى، ئۈرۈمچى، تۇرپان، قەشقەر، خوتەن ۋە تەكلىماكان چۆلىنى ئايلىنىپ چىققان ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن زىيارەت تەسىراتىنى ئېلان قىلدى.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى 2012-يىلى 8-ئاينىڭ 27-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە 10 كۈن ئۇيغۇر دىيارىنى زىيارەت قىلغان، ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ ئاساسى مەقسىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر دىيارى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنى سىنئالغۇغا ئېلىش ئۈچۈن بارغان. ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىدا ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدە زىيارەت قىلغان ئورۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق يازغان:
«شەرقىي تۈركىستان ۋە يىپەك يولى مەدەنىيەت جۇغراپىيىسىنىڭ بىر پارچىسى. ئەڭ چوڭ ئارزۇيۇم يىپەك يولى ئۆتكىلىنى ئەڭ باشتىن ئەڭ ئاخىرىغىچە ئايلىنىپ چىقىش ئىدى. خىتايدىن باشلىنىپ ئىستانبۇلدا ئاخىرلاشقان يىپەك يولىنى ئايلىنىپ، ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن بىر ئۆمۈر ھايات يەتمەيدۇ، ئەمما پارچە-پارچە بولسىمۇ يىپەك يولىنى بۆلۈپ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىمىز. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن، پاكىستان، ئافغانىستان، تۈركمەنىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، شەرقىي تۈركىستان، موڭغۇلىستان ۋە خىتايدا سىنئالغۇغا ئېلىپ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلىدۇق.»

ئىستەكلىرىم رېئاللىققا ئايلاندى
ئىسمائىل قەھرىمان زىيارەت خاتىرىسىدە يەنە مۇنداق يازغان: شەرقىي تۈركىستانغا بېرىش مەن ئۈچۈن پەقەت بىر ئىستەك ئىدى. ئىستەكلىرىم ئاخىرىدا رېئاللىققا ئايلاندى. بىر گۇرۇپپا دوستلارنىڭ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرغان شەرقىي تۈركىستان جۇغراپىيىسى ۋە يىپەك يولىنى ساياھەت قىلىش نېسىپ بولدى.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىدا يەنە، ئۈرۈمچىدىن تۇرپانغا بارغانلىقىنى ۋە تۇرپاندا ئۈزۈمزارلىقلارنى ئايلىنىپ تەملىك ئۈزۈملەرنى زوق بىلەن يېگەنلىكىنى، يەر ئاستى كارىز قۇدۇقلارنى ئايلىنىپ سىنئالغۇغا ئالغانلىقىنى، ئىمىن ۋاڭ مۇنارى ۋە ئىمىن ۋاڭ مەسچىتىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:
«ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ كۆچۈپ ياشاش ھاياتتىن تۇنجى بولۇپ ئولتۇراقلىشىپ ياشاش ھاياتقا ئۆتكەن ۋە 2000 يىل ئىلگىرى قۇرغان شەھەرنىڭ قالدۇقلىرىدا تۈرك تارىخىنى كۆزىمىز بىلەن كۆردۇق كېيىن ئۈرۈمچىگە قايتتۇق.»
ئۈرۈمچىنى شەرقىي تۈركىستاننىڭ مەدەنىيەت مەركىزى دەپ باھا بەرگەن، ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى ئۈرۈمچىدىن خوتەنگە ئايروپىلان بىلەن بارغان ۋە خوتەندىن تەكلىماكان چۆلىگە تۈگىگە مىنىپ بارغان ۋە تارىختىكى ئەجدادلارغا ئوخشاش تەكلىماكان چۆلىنى، تارىخى يىپەك يولىنى تۈگىگە مىنىپ ئايلىنىپ يىپەك يولىنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىكىنى تەسىرلىك قىلىپ يازغان. ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى خوتەن زىيارىتىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن:
«تەكلىماكان چۆلىنى تۈگە بىلەن ئايلىنىش ساياھىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن خوتەن شەھىرىگە قايتتۇق، تەڭرىتاغدىن كەلگەن قاشتېشى دەرياسىدا قاشتېشى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇرلار بىلەن سۆھبەت قىلدۇق، قاشتېشى خىتايلار ئۈچۈن بەك قىممەتلىك. خوتەننىڭ كېچىلىك مەنزىرىسىنى سەيلە قىلىپ ئۈزۈم تەك ئاستىدا ئۇيغۇرلار بىلەن خوتەننىڭ گۈزەللىكى توغرىسىدا سۆھبەت قىلدۇق.»

ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى قەشقەردە مەھمۇت قەشقىرىنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلغان ۋە زىيارەت تەسىراتىدا قەشقەر زىيارىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«قەشقەر شەھىرى تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئېتىكىگە جايلاشقان قەدىمى تارىخى شەھەر. مەشھۇر تۈرك تىلشۇناس مەھمۇت قەشقىرى، قۇتادغۇبىلىكنىڭ مۇئەللىپى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ئەڭ مۇھىم بولغىنى، تۇنجى تۈرك ئىسلام دۆلىتى بولغان ۋە مۇسۇلمان تۈرك خاقانى ئۇنۋانى بىلەن ئىسلام مەدەنىيىتىنى تۈرك ئىسلام جۇغراپىيىسىگە كەڭ تارقىلىشىغا باشچىلىق قىلغان قاراخانىيلار دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سۇتۇق بۇغراخاننىڭ مەملىكىتى بولۇپ تونۇلغان قەشقەر تۈرك تارىخىنىڭ بىر كىلومېتىر تېشىدۇر. قەشقەرنىڭ ھاۋاسى ۋە سۈيى بەك گۈزەل بولغانلىقى ئۈچۈن خانلارنىڭ، خاقانلارنىڭ ئارامگاھى بولغان.»

قەشقەرنىڭ تارىخى
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىدا يەنە قەشقەرنىڭ تارىخى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«قەشقەر تارىختا نۇرغۇن تۈرك دۆلەتلىرى قۇرۇلغان بىر جاي. تۈرك تارىخىدا قەشقەرنىڭ ئۆتمۈشى توغرىسىدا مۇنداق دېيىلگەن: مىلادىيىنىڭ 502-550 يىللار ئارىسىدا ھونلارنىڭ، 552-648-يىللار ئارىسىدا كۆكتۈركلەرنىڭ، 648-744-يىللار ئارىسىدا كۆكتۈركلەرنىڭ، 790-791-يىللار ۋە 842-يىللار ئارىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ، 1006-يىلدىن باشلاپ قاراخانىيلارنىڭ ۋە 1032-1210-يىللار ئارىسىدا شەرقىي قاراخانىيلارنىڭ، 1227-1370-يىللار ئارىسىدا چاغاتاي خانلىقىنىڭ، كېيىن 1370-1514-يىللار ئارىسىدا شەرقىي چاغاتاي خانلىقىنىڭ دۆلىتى قۇرۇلغان ۋە ھاكىمىيەت تىكلىگەن. 1514-يىلدىن 1680-يىللار ئارىسىدا سەئىدىيە خانلىقى ھاكىمىيەت قۇرغان.»
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى ساياھەت جەريانىدا يەنە يەكەننى زىيارەت قىلغان ۋە يەكەن خانلىرىدىن سەئىدىيە خان، ئابدۇرېشىت خان ۋە ئاماننىساخانغا ئوخشاش شەرقىي تۈركىستان تارىخىدا ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن مۇھىم شەخسلەرنىڭ قەبرىلىرىنى زىيارەت قىلغان.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى قەشقەردە كۆرگەن بىر ۋەقەنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان: قەشقەر شەھىرىنىڭ ساقچىلار توسۇپ تەكشۈرىدىغان ئورۇندا ماشىنىمىزغا بىر ئۇيغۇر كىشى چىقتى، ئۇ بىزنىڭ شوپۇرنىڭ تونۇشى ئىكەن. ئۇ ئۇيغۇر ئۆزىنى كاسپ دەپ تونۇشتۇرغان ۋە تۇرمۇشنىڭ نورمال ئۆتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېگەن: بۇلار دۆلەت ئادەملىرى، راھەت ياشايدۇ، بىز ئەمگەك قىلىپ ئىشلەپ تىرىكچىلىك قىلىمىز، دەپ چاقچاق قىلغانلىقىنى يازغان.
شەھەرنىڭ كىرىش ئېغىزىدا قىزىل دەريا بار، قىزىل دەريادىن ئۆتۈپ شەھەرگە كىردۇق. قەشقەر شەھىرىنىڭ كەڭ يوللىرى ۋە ئېگىز بىنالار ئارىسىدىن شەھەر ئىچىگە كىردۇق، تارىخى قەشقەر شەھىرى ئاستا-ئاستا يوق بولۇشقا باشلىغان.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى قەشقەردە ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلىگە يېقىن بىر يەردىكى مېھمانخانىغا چۈشكەن ۋە ماۋ زېدۇڭنىڭ ھەيكىلىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان:
«ماۋ ئۆلۈپ ئارىدىن نەچچە يىل ئۆتكەن بولسىمۇ ماۋنىڭ ھەيكىلى «مەن بۇ يەردە» دېگەندەك چۈشەنچە بېرىدۇ، ماۋنىڭ ھەيكىلى قەشقەرنىڭ ھەر يېرىدىن كۆرۈنىدىغان ھالدا چوڭ بىر مەيدانغا ياسالغان. 1949-يىلى ماۋ زېدۇڭ كوممۇنىست ھاكىمىيەت قۇرغان ۋاقىتتا قەشقەردە مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان دۆلىتى بار ئىدى، ماۋ زېدۇڭ تەرىپىدىن 1952-يىلى قەشقەر ئىشغال قىلىندى. قەشقەر مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا 1952-2012 دېگەندەك رەقەم يېزىلغان چوڭ تاختىغا 60-يىل تەبرىكلەش پائالىيىتىنىڭ تاختىسى ئېسىلغان. مەيداندا 2 سائەت ساقچى ماشىنىلار ۋە تانكىلار ئايلىنىپ يۈرىدىكەن. ھەر يەردە ساقچىلار بار، مەيداندىكى ساقچى مەركەزلىرى ساقچىلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. قەشقەردە ئۇيغۇر تويلىرى بەك ھاياجانلىق بولىدىكەن، شەھەردە ئۇزۇن قۇيرۇق بولغان توي ماشىنىلار ناغرا-سۇناي چېلىپ تىزىلىپ مېڭىشلىرى ئادەمنى ھاياجانغا سالىدۇ، قەشقەرنىڭ قايغۇلۇق مۇھىتىنى بىردەم بولسىمۇ خۇشاللىققا چۆمدۈرىدىكەن، بۇ خۇشاللىق كۆرۈنۈشلەرنى سىنئالغۇغا ئېلىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ چوڭ چوڭ قاراپ ئالىيىشلىرىغا دۇچ كەلدۇق.»
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى قەشقەردە ئۇيغۇر تامىقى يېيىش ئۈچۈن نۇران ئىسىملىك بىر رېستورانغا كىرگەن ۋە رېستوراننىڭ ئىچىدە تۇران يېزىلغان خەتنىڭ ئوقۇپ ھەيران قالغان ۋە رېستوران خوجايىنىدىن سەۋەبىنى سورىغاندا، ئۇ رېستوراننىڭ ئىسمىنىڭ تۇران ئىكەنلىكىنى 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ساقچىلار بىلەن جېدەل قىلىپ نۇرانغا ئۆزگەرتكەنلىكىنى ئەمما ھازىرمۇ ئېغىزدا بۇ رېستوراننى تۇران دەپ ئاتايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى يەنە قەشقەر تەسىراتىنى داۋام قىلىپ مۇنداق يازغان:
«قەشقەر كوچىلىرىدا، ئۆزتۈرك، خاس تۈرك ناملىق كۆپلىگەن دۇكانلارنى ئۇچراتتۇق، بىزگە تونۇش بولغان بۇ ئىسىملىك دۇكانلار خۇددى بىزنى خوش كەلدىڭ دېگەندەك تۇيغۇ بېرەتتى. قەشقەر مەيدانىنىڭ يېنىدا ئىخلاس ماگىزىنى بىزنى ھەيران قالدۇردى. بۇ يەردە ئىخلاس ماگىزىنىنىڭ بۇ يەردە سېتىش مەركەزلىرى ئېچىلغانلىقىدىن ھەيران قالدۇق. تارىخى شەھەر قەشقەر ھېيتگاھنىڭ گۈزەل كېچىلىك مەنزىرىسى كۆز ۋە كۆڭلىمىزنى پارلاتتى. ھېيتگاھ ئەتراپىنىڭ كېچىلىك مەنزىرىسى قىزغىن كەيپىيات ئىچىدە ئايلاندۇق ۋە تارىختىكى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئاجايىپ بايرام تەبرىكلەش پائالىيەتلىرىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرگەندەك بولدۇق.»
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى يەنە ساياھەت جەريانىدا قاغىلىقتىن ئۆتكەنلىكىنى ۋە قاغىلىق شەھىرىنى كۆرۈپ ئۇ يەردىكى ئىجتىمائىي ھاياتتىن ئۆزىنى ئانادۇلىيىدە بىر شەھەردە تۇرۇۋاتقاندەك ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن ۋە كىچىك بىر ۋەقەنى ئەسلىتىپ مۇنداق يازغان: قاغىلىقتا تەبىئىي گۈزەللىك بىلەن ياسالغان بىر ئۇيغۇر رېستوراندا تاماق يەۋاتقاندا ئۇيغۇر تۈركلىرى ئەتراپىغا ئۇلاشتى. بىز تاماق يەۋاتقاندا يېقىن ئەتراپتا بىر ئۇيغۇر بالا بانان ئېلىش ئۈچۈن دادىسىدىن پۇل سورىدى، دادىسى پۇلى بولمىغانلىقى ئۈچۈن ئوغلىغا بانان ئالالمىدى، بىزنىڭ ساياھەت ئۆمەكتىن بىر دوستىمىز بېرىپ ئۇ بالىغا بانان ئېلىپ بەردى بۇ ئەسنادا ئەتراپىغا دەرھال ساقچىلار كەلدى ئەمما بىزگە ھېچ نەرسە دېمىدى، بىزمۇ تامىقىمىزنى ئەپ يولىمىزغا راۋان بولدۇق.
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى تەكلىماكان چۆلىنى ۋە قەشقەر-خوتەن ئارىسىدىكى يوللارنى ئايلىنىپ چىققاندىن كېيىن خىتاينىڭ تەكلىماكان چۆلىگە چوڭ دەريالاردىن سۇ باشلاپ كېلىپ دەل-دەرەخ سالغانلىقىنى بوز يەر ئېچىپ تېرىلغۇ يەرلەرنى كۆپلەپ تېرىلغۇ يەر ئاچقانلىقىنى كۆچمەن يۆتكەشنى قۇلايلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئۈرۈمچى بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدىكى 1500 كىلومېتىرلىق يولنى ناھايىتى سۈپەتلىك ياساپ چىققانلىقىنى، قەشقەر بىلەن خوتەن شەھەر ئوتتۇرىسىدىكى 500 كىلومېتىرلىق مۇساپىدە تۆمۈر يول ياساپ چىققانلىقى، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە شەرقىي تۈركىستاننىڭ پۈتكۈل شەھەرلىرىدە ئېگىز بىنالارنى سالغانلىقىنى بۇ بىنالارغا ئىچكىرىدىن كۆپ كۆچمەن يۆتكەپ يەرلەشتۈرۈۋاتقانلىقىنى، بۇلارنىڭ ئاساسى مەقسىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئەسلى ساھىبلىرى بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ نوپۇسنى ئازايتىپ خىتايلارنىڭ نوپۇسى كۆپەيتىش ئۈچۈن بۇ يەردە ئىچكىرىدىن 600 مىڭ خىتاي ئائىلىنى كۆچۈرۈپ كېلىشنى پىلانلىغانلىقىنى يازغان.
خىتاينىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى زىيارەت تەسىراتىنىڭ ئاخىرىدا قەشقەردە خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەسۋىرلەپ مۇنداق يازغان:
«شەرقىي تۈركىستاننىڭ شەھەرلىرىنى ئايلىنىۋاتقاندا ئەڭ كۆپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى. كۆپلىگەن ساقچى تەكشۈرۈش ئورۇنلىرىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىپ، ماشىنىلار ئايرىم-ئايرىم تەكشۈرۈلىدۇ، چوڭ يولنىڭ ئوخشىمىغان جايلىرىغا نۇرغۇنلىغان كۆزىتىش ئاپپاراتى قويۇلغان، كۆزىتىش ئاپپاراتلارنىڭ كۆرۈشلىرىنى نۇرغۇن ئورۇنلاردىن كۆزىتىپ تۇرىدىكەن، قاتتىق ئاختۇرۇپ تەكشۈرىدىكەن، چوڭ يولدىن ئۆتكەن ماشىنىلار ۋە ماشىنىنىڭ ئىچىدىكىلەر كۆزىتىش ئاپپاراتى ئارقىلىق كۆزىتىلىپ تۇرىدىكەن. چوڭ شەھەرلەرنىڭ كىرىش ۋە چىقىش يولىدا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش مەركەزلىرى بولۇپ، يولدىن ئۆتكەن پۈتۈن ماشىنىلار قاتتىق تەكشۈرۈلىدىكەن، ماشىنىنىڭ ئىچى ۋە تېشىنى بىر-بىرلەپ ئاختۇرۇپ چىقىدىكەن. خوتەن بىلەن يەكەن ئوتتۇرىسىدىكى بىر تەكشۈرۈش مەركىزى مېنى چوڭقۇر ئويغا سالدى، تەكشۈرۈش مەركىزى مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ئىسكەنجە مەركىزى ئىكەن، قاتتىق ئىسسىقتا ئاياللار، بالىلار ۋە ئەرلەر نەچچە سائەت نۆۋەت كۈتۈپ تۇرىدىكەن، ئۇ يەردە ھاجەتخانىمۇ يوق ئىكەن، ئىنسانلار ھاجەت قىلىشقا ئېھتىياج تۇيۇلسا چۆلدە ئىنسانلارنىڭ كۆز ئالدىدا ھاجەت قىلىشقا مەجبۇر بولىدىكەن.»
ئىسمائىل قەھرىمان ئەپەندى 2006-يىلى بىر قېتىم ئۇيغۇر دىيارىغا بېرىپ ئۇيغۇرلار توغرىسىدا ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەپ تۈركىيىنىڭ ھەر قايسى تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا كەڭ تارقاتقان ئىدى. بۇ قېتىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر دىيارىنى ئىككىنچى قېتىم زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدۇ.