يىغىننىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 9 - ئاينىڭ 20 - كۈنى ئەنقەرە بۈيۈك ئاناتولىيە مېھمانخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى. ئېچىلىش مۇراسىمىغا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى، تۈركىيە ئاتاتۈرك مەدەنىيەت، تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. باھائەددىن يېدىيىلدىز ئەپەندى، تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. ئالى بىرىنجى ئەپەندىلەر قاتناشتى ۋە سۆز قىلدى.
تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى باشلىقى پروف. در. ئالى بىرىنجى ئەپەندى قىلغان ئېچىلىش نۇتىقىدا تۈرك تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇ مۇنداق دېدى: "بىر مىللەتنى مىللەت قىلغان ئۇنىڭ تىلى ۋە تارىخىدۇر. شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى قۇرۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي 1931 - يىلى تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنى قۇرغان. 1932 - يىلى تۇنجى قېتىم تارىخ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرغان. بۈگۈن بۇ يىغىننىڭ 16 - نۆۋەتلىكى چاقىرىلماقتا."

پروف. در. ئالى بىرىنجى ئەپەندى سۆزىدە ياۋروپادىن خىتاي سەددىچىنىگىچە تۈركىي مىللەتلەرنىڭ بارلىقىنى، تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ تۈركىيە تارىخىدىن باشقا تۈركىستاندىكى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ تارىخىنىمۇ تەتقىق قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ئۇ تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىنىڭ 2 يىلدىن بېرى تارىخ كەسپىدە ماگىستىر ۋە دوكتورلۇق ئوقۇۋاتقان كىشىلەرگە ئوقۇش ياردەم پۇلى بېرىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.
كېيىن تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن ئەپەندى سۆز قىلدى. ئۇ، تۈركىيىدە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىپ كەلگەن ئىككى كەسىپ بارلىقى، ئۇنىڭ بىرىنىڭ تارىخ يەنە بىرىنىڭ بولسا تىل ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "يۇقىرىدىكىلەر دەپ ئۆتتى، تۈركىيىدە ئىككى كەسىپكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ بىرى تىل، يەنە بىرى تارىخ كەسپى. شۇڭا، تۈركىيە تىل تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئوخشاش ياشتا. بۇ ئىدارىلەرنىڭ قۇرۇلۇش قارارىدا، تارىخ ۋە تىل ئالدى بىلەن تەتقىق قىلىنىدۇ، كېيىن خەلقنىڭ پايدىلىنىشىغا سۇنىلىدۇ دېيىلگەن. بۇ ئىدارىلەردىن كېيىن تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ يېڭى پايتەختىدە تۇنجى بولۇپ ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتى قۇرۇلغان. بۇ ئۇنىۋېرسىتېت چوڭلۇقىغا تەڭ كېلىدىغان بىر فاكۇلتېت، مۇكەممەل بىر فاكۇلتېتتۇر. بۇ فاكۇلتېتنى قۇرۇشتىكى مەقسەت تىل ۋە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسىدا يېزىلغان كىتابلارنى تىل ۋە تارىخ جۇغراپىيە فاكۇلتېتىدە ئوقۇتۇش ئارقىلىق تىل ھەم تارىخ ھەققىدىكى بىلىملەرنى خەلققە يېيىش ئىدى. ئۆز تارىخى ۋە تىلىنى خەلققە ياخشى ئۆگىتىش ئارقىلىق مەدەنىي دۇنيانىڭ سەۋىيىسىگە يېتىش ئىدى."
دۆلەت مىنىستىرى مەمەت ئايدىن سۆزىدە بىر مىللەت ئۈچۈن ئۇنىڭ تارىخى ۋە تىلىنىڭ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەنلىكىنى، شۇڭا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى دۆلىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامالنىڭ پۈتۈن مال - مۈلكىنىڭ تۈركىيە تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تىل تەتقىقات ئىدارىسىغا بېرىلگەنلىكىنى ئاڭلىتىپ مۇنداق دېدى: "يەنە تەكىتلەپ ئۆتەي، تىل ۋە تارىخ بىر مىللەتنىڭ شەكىللىنىشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىغان ئىككى مۇھىم مەنبە. تىل ۋە تارىخ پەقەتلا ئۆگىنىدىغان مەلۇماتلا ئەمەس، ئۇ بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇدىيىتى ۋە كېلەچىكى ئۈچۈن يول كۆرسىتىدۇ. شۇڭا دۆلىتىمىزنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستافا كامال ئاتاتۈرك پۈتۈن مىراسىنى تارىخ تەتقىقات ئىدارىسى بىلەن تىل تەتقىقات ئىدارىسىغا ئاتىغان. بۇ ئىككى ئىدارە ھازىر ئاتاتۈركنىڭ مىراسى بىلەن خىزمەت ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ."
16 - نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا قەدىمقى ئاناتولىيە مەدەنىيىتى، ئوتتۇرا ئاسىيا، كاۋكازىيە تارىخى، سەلجۇقلار تارىخى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى تارىخى قاتارلىق تۈرلۈك تارىخىي تېمىلار ھەققىدە ئىلمىي تەتقىقاتلار ئوتتۇرا قويۇلماقچى. بۇ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىدا ئامېرىكىدىن كەلگەن ئۇيغۇر مۇتەخەسسىس مەتتۇرسۇن ئەبەيدۇللا "19 - ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى ئۇيغۇر تۈركلىرى ھەققىدىكى تارىخىي مەنبەلەر" تېمىسىدا، تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتى تارىخ ئوقۇتقۇچىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى "كۆك تۈركلەرنىڭ تۇنجى قېتىملىق ئوتتۇرا ئاسىيا سەپىرى ھەققىدە" تېمىسىدا سۆز قىلدى.
16 - نۆۋەتلىك تۈرك تارىخ ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى 24 - چېسلا ئاخىرلاشماقچى.
يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.