فەۋزىيە بايراموۋا خانىم ھازىرغىچە دىن، تارىخ، مەدەنىيەت، تىل ئەدەبىيات ۋە سىياسەت ھەققىدە 30 كىتاب يېزىپ نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، سوۋېت ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن پارلامېنت ئەزاسى بولغان، ھازىر نۇقتىلىق ھالدا رۇسىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى ھەققىدە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىۋاتقان. كېيىنكى 4 -5 يىل ئىچىدە ياۋروپادا، ئامېرىكىدا يىغىنلارغا قاتنىشىپ رۇسىيىدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىلىرىنى ئاڭلاتقان.
ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزدە، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى كۈندە تۈركىي مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق بىر ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى، لېكىن ئۇلۇغ تارىخقا ئىگە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ چوقۇم مۇستەقىللىققا ئېرىشەلەيدىغانلىقىنى، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر جەھەتتىن بۇنىڭغا ھەققى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
فەۋزىيە بايراموۋا خانىم پۈتۈن تۈركىي مىللەتلەرنى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قىلىشقا چاقىردى
سىبىرىيە تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى. سىز تاتار تارىخچىسى ئىكەنسىز، تاتارلار قانداق بىر مىللەت؟ دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:"تارىختا تاتارلار بۈيۈك بىر مىللەت. لىدېر مىللەتلەردىن بىرى. تاتارلار تارىختا ئىدىل بۇلغار دۆلىتى، 9-10-ئەسىرلەردە ئالتۇن ئوردا دۆلىتى، 12-13-ئەسىردە قازان خانلىقى، سىبىر خانلىقى، قىرىم خانلىقىغا ئوخشاش 6-7 دۆلەت قۇرغان. تارىخ كىتابلىرىدا سىبىرىيە تارىخىغا كۆپ يەر بېرىلمەيدۇ. ئەسلىدە سىبىرىيە تارىخىغا ئۇيغۇر ۋە تاتارلار تارىخىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ. سىبىرىيە تارىخى تۈرك خاقانلىقى تارىخىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇ خاقانلىقلار بولسا تارىختا تاتار ۋە ئۇيغۇر دۆلەتلىرىنىڭ قول ئاستىدا بولغان. شۇڭا مەن ھازىر سىبىرىيە تارىخىنى تەتقىق قىلىۋاتىمەن، ئەمما بۈگۈنكى كۈندە خىتايلار سىبىرىيىگە كۆز تىكتى. خىتايلار سىبىرىيىگە كۆچۈپ كېلىۋاتىدۇ، ئەسلىدە سىبىرىيە تاتار ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ زېمىنى. بۇ تارىخىمىزنى دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى كۈندە تاتارلار رۇسىيە فېدېراتسىيىسى ئىچىدىكى ئەڭ مۇھىم مىللەتلەردىن بىرىدۇر."
تاتارىستاننىڭ بىردىن بىر مەسىلىسى مۇستەقىللىق مەسىلىسىدۇر
فەۋزىيە بايراموۋا خانىم رادىئومىزغا قىلغان سۆزىدە بۈگۈنكى تاتارىستاننىڭ مەسىلىلىرى ھەققىدە قىسقىچە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن بىزنىڭ بىردىن بىر مەسىلىمىز مۇستەقىللىق مەسىلىسىدۇر. چۈنكى تاتارىستان ئىقتىسادىي جەھەتتىن كۈچلۈك بىر جۇمھۇرىيەت. بىزنىڭ تۇپرىقىمىزدا 2 مىليارت توننا نېفىتىمىز بار. پۈتۈن بۇ بايلىقلىرىمىزنى رۇسلار ئېلىپ كېتىۋاتىدۇ، تاتار ياشلىرى رۇس ئارمىيىسىگە قاتنىشىۋاتىدۇ. مەكتەپلىرىمىزدە خرىستىئانلىق ئۆگىتىلىۋاتىدۇ. ئەڭ چوڭ مەسىلىمىز مۇستەقىل دۆلىتىمىزنىڭ يوقلىقىدۇر. دۆلىتىمىز بولمىغاچقا بىزنىڭ ھوقۇقلىرىمىز يوق. تىل، دىن ۋە مائارىپ جەھەتتىكى ھەق ۋە ھوقۇقلىرىمىز رۇسلار تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنىۋاتىدۇ. بىز بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ھەق ۋە ھوقۇقىمىزنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ئاممىۋى تەشكىلاتلارنى قۇرۇۋاتىمىز. مەسىلەن مىللى مەجلىس، ئىتتىپاق مىللى مۇستەقىللىق پارتىيىسى، تاتار كونگرېسى دېگەندەك. بۇلاردىن باشقا مىللى ئەخلاقنىڭ يوق بولۇشقا يۈزلىنىشى، مىللى شۇئارنىڭ ئاجىزلاپ كېتىشىگە ئوخشاش مەسىلىلىرىمىز بار. ئەمما شۇنى دەپ قويماقچىمەنكى، يېقىنقى يىللاردا نۇرغۇن ياخشى ئىشلارنىمۇ قىلدۇق. تاتار تارىخى، تاتار قامۇسى دېگەنگە ئوخشاش نۇرغۇن كىتابلارنى نەشىر قىلدۇردۇق. مىللى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىمىزمۇ بارغانسېرى كۈچلىنىۋاتىدۇ. ئەمما بۇلار مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن يېتەرلىك ئەمەس. ئالدىمىزدا قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار."
ھازىر ئۇيغۇرلار تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتە
سابىق پارلامېنت ئەزاسى فەۋزىيە بايراموۋا خانىم ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئېچىنىشلىق ۋەزىيەتتە ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بۈگۈن تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئىچىدە ئەھۋالى ئەڭ پاجىئەلىك بولغىنى ئۇيغۇرلاردۇر. بىزنىڭ ھىچ بولمىسا تاتارىستانىمىز بار. تاتارلار 450 يىلدىن بېرى رۇسلار بىلەن كۈرەش قىلىپ چېنىقىپ كەتتى. بىز رۇسلارنىڭ بويۇنتۇرۇقى ئاستىدىن قۇتۇلىمىز. ئۇيغۇرلار خىتايلارنىڭ قول ئاستىدا پاجىئەلىك بىر ھالدا ياشاشقا مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇيغۇرلار بىر يېرىم مىليارت خىتاينىڭ ئارىسىدا ياشاشقا مەجبۇر قېلىۋاتىدۇ. بىز تارىختىن بېرى خىتايلارنىڭ قانداق بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلىمىز. تاتارلار خىتايلاردىن قېچىپ ئىدىل- ئۇرال بويلىرىغا كېلىپ جايلاشقان، ئەسلىدە شەرقىي تۈركىستان تاتارلارنىڭمۇ ئانا يۇرتى. تارىختا بىزنىڭ ئىككى دۈشمىنىمىز بولغان. بىرىنچىسى خىتاي ئىككىنچىسى رۇسلار. بۈگۈنكى دۈشمىنىمىزمۇ مۇشۇ ئىككى مىللەت. بۈگۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ پاجىئەلىك ئەھۋالىنى پۈتۈن دۇنياغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇر مەسىلىسىدە پۈتۈن تۈرك مىللەتلەر قۇرۇلتايلار چاقىرىشى كېرەك. تاتار زىيالىيلىرى ئۇيغۇرلارنى ياخشى بىلىدۇ، ئەمما خەلق ناھايىتى ئاز بىلىدۇ، شۇڭا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۇلارغا ئاڭلىتىشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستاندىن 20 تاتار ئوقۇغۇچى تاتارىستانغا كېلىپ ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇيغۇرلارمۇ كېلىپ ئوقۇسۇن، بىز ئوقۇتايلى. ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇلۇغ تارىخى بار، مۇستەقىل بولۇش ھەققى بار بىر مىللەت. مەن ئۇيغۇر مەسىلىسىنى رۇسىيىدە ئاڭلىتىمەن."
فەۋزىيە خانىم: مەنچە خىتايلار پارچىلىنىدۇ
فەۋزىيە خانىم سىز مۇستەقىل تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتىگە قانداق قارايسىز؟ دېگەن سۇئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "مەن نازاربايېۋنىڭ ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلىغان ئىدىم، بۇنداق قىلماسلىقى مۇمكىن ئىدى. بۇ مېنى بەكلا رەنجىتتى. مەن بۇ ھەقتە ماقالىلار يازدىم. ئۇيغۇرلارنىڭ قېرىندىشى بولغان نازاربايېۋنىڭ بۇنداق قىلىشى بىر جىنايەت. بۇ تارىخى بىر جىنايەت. ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ لىدېرلىرىنىڭ ھەممىسى كونا كوممۇنىستلار. ئۇلار خىتايدىنمۇ، رۇستىنمۇ قورقۇدۇ. تۈركىي مىللەتلەر بىرلىكىنىڭ قۇرۇلۇپ قېلىشىدىنمۇ قورقۇدۇ. بۇلار ھاكىمىيەت بېشىدا تۇرغىلى 20 يىل بولاي دەپ قالدى. بۇلارنىڭ ھاكىمىيەتتىن چۈشۈپ كېتىشى، ياش دېموكرات كىشىلەرنىڭ ھاكىمىيەت بېشىغا كېلىشى كېرەك. بۇنداق بولغاندىلا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلارغا پايدىسى تېگىدۇ. مەنچە خىتايلار پارچىلىنىدۇ ئۇيغۇرلار مۇستەقىل بولىدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇش ھەققى بار. ئۇيغۇرلار تاتارلار چوقۇم مۇستەقىل بولىدۇ. بىز ئىككى قېرىنداش مىللەت مۇستەقىللىق كۈرىشىدە ھەمكارلىشىشىمىز كېرەك، تاتارىستاننىڭ ئىشىكى پۈتۈن ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمغا ئۇچۇق. ئاخىرىدا ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمنىڭ ئۈمىدۋار بولۇشىنى تىلەيمەن."