بۇ مۇسابىقىگە ئۇيغۇرلاردىن ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان 13 ياشتىكى مۇزەپپەرمۇ قاتناشماقتا. بۇ مۇسابىقە 2003-يىلىدىن بېرى ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان، ناخشا ئوقۇش، شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، تۈركچە سۆزلىشىش ساھەلىرىدە ئېلىپ بېرىلىدىكەن. مۇسابىقە ئاخىرىدا دەرىجىگە ئېرىشكەنلەر مۇكاپاتلىنىدىكەن. بىز بۇ مۇسابىقە ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن يېتەكچى ئوقۇتقۇچى ياۋۇز ئاشىق ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
ياۋۇز ئاشىق ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«بۇ ئولىمپىك مۇسابىقىسى 2003-يىلى تۈرك تىلى ئوقۇتقۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ يىل 10-نۆۋەتلىكى ئۆتكۈزۈلمەكتە. 2003-يىلى ئۆتكۈزۈلگەن 1-قېتىملىق تۈركچە ئولىمپىك مۇسابىقىسىگە 17 دۆلەتتىن ئوقۇغۇچى قاتناشقان ئىدى. ھازىر ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان 10-نۆۋەتلىك تۈرك تىلى مۇسابىقىسىگە بولسا 135 دۆلەتتىن 1500 ئوقۇغۇچى قاتناشماقتا.»
«سىلەر ھازىر ئەنقەرەنىڭ قىزىلچاھامام ناھىيىسىدە تاللاش مۇسابىقىلىرى ئېلىپ بېرىۋېتىپسىلەر، مۇزەپپەر ئىسىملىك بىر ئۇيغۇرمۇ قاتنىشىۋېتىپتۇ، ئۇ يەردىكى كۈنلىرىڭلار قانداق ئۆتۈۋاتىدۇ؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«سىزگىمۇ مەلۇم مۇسابىقە 30-ماي كۈنىدىن، 14-ئىيۇنغىچە داۋاملىشىدۇ. 30-ماي كۈنىدىن، 3-ئىيۇن كۈنىگىچە ئىستانبۇلدا كۈلتۈر بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى. 135 دۆلەت ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ كۈلتۈرىنى تونۇتقان بۆلمىلەر ئاچتى. بۇ بۆلمىلەرنى ئىستانبۇل ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ۋىلايەتلەردىن كەلگەن كىشىلەر زىيارەت قىلدى. ئاۋسترالىيىدە تۇرۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق مۇزەپپەرمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىۋاتىدۇ. بىز ھازىر قىزىلچامامدا، بۇ يەردە ھازىر مۇسابىقىلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ يەردە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش، ناخشا ئوقۇش، تۈركچە سۆزلىشىش مۇسابىقىلىرى ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ مۇسابىقىلەردە بىرىنچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئەنقەرەدە ئۆتكۈزۈلىدىغان ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىدۇ.»
«ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇزەپپەر قايسى ساھەدە مۇسابىقىگە قاتناشماقچى؟» دېگەن سوئالىمىزغا ياۋۇز ئاشىق مۇئەللىم مۇنداق جاۋاب بەردى:
«مۇزەپپەر تۈركچە سۆزلىشىش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقچى. بۈگۈن تۈركچە سۆزلىشىش تاللاش مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. نەتىجىسىنى كۈتۈۋاتىمىز. مۇزەپپەر قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركچە ئۆگىنىۋالدى، ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلىدۇ. خۇدا بۇيرۇسا مۇسابىقىدە ياخشى نەتىجىگە ئېرىشىدۇ.»
«قىزىلچاھامامدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالى قانداقراق؟» دېگەن سوئالىمىزغا ئۇ مۇنداق جاۋاب بەردى:
«ھەر مىللەت ۋە ھەر دىندىكى كىشىلەر بۇ يەرگە جەم بولدى. دۇنيا تىنچلىقى ۋە دۇنيادىكى مىللەتلەرنىڭ قېرىنداشلىقى نامىدا ھەممە ئوقۇغۇچىلار بۇ يەردە بىر-بىرى بىلەن تونۇشۇپ سىردىشىۋاتىدۇ. بۇ يەردىكى مەنزىرە كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر مەنزىرە.»
كېيىن 13 ياشتىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى مۇزەپپەرگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.