ئاتانۇر تاشقىن ئىسىملىك بىر تۈرك، " سىزچە تۈركىيە ئۇيغۇرلارغا قانداق ياردەم قىلىشى كېرەك؟ " دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى " مېنىڭ چۈشەنچىم، ئەلۋەتتە ئالدىمىزدا خىتايدىن ئىبارەت كۈچلۈك بىر دۆلەت بار، ئەمما ئالدى بىلەن خىتاي ماللىرىنىڭ تۈركىيىگە كىرىشىگە قارشى چىقىش كېرەك. خىتايغا قارشى تىجارەت ئېمبارگۇ يۈرگۈزەلەيمىز، تۈركىيە ئادەتتىكى بازار ئەمەس، چوڭ بىر بازار، ئوخشاش ۋاقىتتا بۇ بازار خىتايغا قارشى قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر تەدبىر بولالايدۇ، تۈركىيىدە خالىغانچە ئايلىنىپ يۈرۈۋاتقان نۇرغۇن خىتايلار بار، بۇلارنى تۈركىيىدىن قوغلاپ چىقىرىش كېرەك. بۇ شارائىتلارنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرۈپ، خىتايلارنىڭ ئۇيغۇرلارغا بېسىم قىلىشتىن تەپ تارتىشى ئۈچۈن، چوقۇم خىتايغا قارشى بىر تىجارەت سىياسىتى يۈرگۈزۈلۈشى ۋە بۇلارنى خىتايلارنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ تۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۇرۇش كېرەك، بۇلارنى بىزنىڭ باش مىنىستىر ياكى دۆلەت مىنىستىرلىرى خىتايلارغا ئاڭلىتىشى كېرەك. بۇنىڭدىن باشقا بىر ئىش قىلالمايمىز، ئۇ دۆلەتكە قارشى ئۇرۇش قىلالمايمىز. چۈنكى، خىتاي كۈچلۈك بىر دۆلەت. ئەمما ئىقتىسادى بېسىم قىلالايمىز. چۈنكى تۈركىيە 70 مىليون نوپۇسى بار بىر دۆلەت، بۇ دۆلەتتە نۇرغۇن خىتاي ماللىرى سېتىلىۋاتىدۇ، ئەگەر سودا - تىجارەت بىلەن بېسىم قىلساق، خىتايلار چوقۇم بىزنىڭ تەلەپلىرىمىزنى قوبۇل قىلىدۇ."
دىنچەر داغلىئوغلۇ ئىسىملىك بىر تۈرك،" 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى چۈشىنىۋاتىسىز؟ "دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:
"مەن بىر تۈرك بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بۇ يەردە ھېچ بىر ئىش قىلماي سۈكۈتتە تۇرغانلىقىمدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمەن، ئەڭ ئاز بولغاندا، قولۇمدىن نېمە ئىش كېلىدۇ، مەن بۇنى ئويلاۋاتىمەن، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، بىز ئوخشاش بىر مىللەت، بىزنىڭ ئەجدادلىرىمىز بىر، ئۇلارنى ئويلىسام بەك قايغۇلىنىمەن، قولىمىزدىن كېلىشىچە ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى خالايمىز، ئۇلار شۇنى بىلسۇنكى، ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارنى ھەر زامان ئويلايمىز، تۈركنىڭ تۈركتىن باشقا دوستى يوق، ھەر زامان ئۇلارنىڭ يېنىدا، ئۇلارغا سالام يوللايمەن."
ھەيدەر ئاقبۇرۇن ئىسملىك بىر تۈرك " ئۇيغۇرلار ھەققىدە نېمىلەرنى چۈشىنىۋاتىسىز؟ " دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: "ھەقىقەتەن كۆرگەن ۋەھشىيلىكلەرگە ئىنساننىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ، بىر ئاز بولسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ياشاش ھوقۇقىنى بەرسە بولمامدۇ؟ بۇنچىلار ئىشكەنجە، زۇلۇم قوبۇل قىلىنمايدۇ، مۇسۇلمان بولسۇن، خىرىستيان بولسۇن ۋە ياكى باشقا بىر دىندا بولسۇن، بۇ خىل ئىشكەنجە - زۇلۇم قوبۇل قىلىنمايدۇ. دۇنياغا قارايدىغان بولساق، ختايلارنىڭ، شەرقىي تۈركىستاندا، تىبەتتە زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقىنى دۇنيا جامائىتى بىلىدۇ، دۇنيا قۇتۇپلاشتى، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدە بىرەر ۋەقە بولغان ھامان ھەر كىم ئىنتېرنېت ۋە تېلېفۇن ئارقىلىق بىلىپ بولىدۇ. ئەپسۇسلىنارلىقى، دۇنيا جامائىتى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى دېيىلگەن ھامان، نېمە ئۈچۈنكى ئۇلارنىڭ ئېمباگۇ يۈرگۈزۈش كۈچى يوق، خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا بىر جىنايەتچى بولدى، ئەمما خىتاي بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ دائىمى ئەزاسى، ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر، پايدا - مەنپەئەت ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىق دېگەن ھامان، دۇنيا سۈكۈتتە قالدى، بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇكى، ئىنسانىيەت تەدرىجى قىممىتىنى يوقىتىۋاتىدۇ، بۈگۈنكى كۈندە زۇلۇمغا ئۇچرىغان بىر ئىنسانغا ياردەم قىلىشتىنمۇ مۇھىم بىر ئىش بارمۇ؟ بۈگۈنكى كۈندە قارايدىغان بولساق، تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغان ئىنسانلار داۋاملىق زۇلۇم ئىچىدە ياشاۋاتىدۇ. بىر كۈنى تۈركىيە بۇ زۇلۇمغا خاتىمە بېرىدۇ. خۇدايىم بۇيرىسا ئەڭ قىسقا زاماندا شەرقىي تۈركىستان ئازاد بولىدۇ ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تەكرار قۇرۇلىدۇ."
ياۋۇز كايا ئىسىملىك بىر تۈرك ئۆزىنىڭ كۆز - قاراشلىرىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دېدى: " مەن ئەگەر ئۇ يەردە بولسام، قېرىنداشلىرىمىز ئۈچۈن ئۆلۈمدىن قورقماي كۆرەش قىلاتتىم، بۇ يەردە ئۇلارغا ئوخشاش قىسمەتكە دۈچ كەلسەك، ئۇلارمۇ بىز ئۈچۈن شۇنداق قىلاتتى. ئۆلۈمدىن قورقماي كۆرەش قىلغان بولاتتى. خىتايلار ئۇ يەردە زۇلۇم قىلسا، ئۇلار بىزنى تۈركىيىگە كەلگەن خىتايلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىدۇ دەپ خام خىيال قىلمىسۇن. بىزنىڭ قولىمىزدىن نېمە ئىش كەلسە، ئۇلار ئۈچۈن قىلىشقا تەييارمەن، ئەگەر ئۇلار بىزدىن كۆرەش قىلىشنى تەلەپ قىلسا، خۇشاللىق بىلەن ئۇ يەرگە بارىمەن. ئۇلار بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىز، ئۇلارنىڭ بېشىمىزنىڭ ئۈستىدە ئورنى بار. خىتايغا ئامېرىكا بىلەن رۇسىيىنىڭ قىلغانلىرى ئازلىق قىلىۋاتىدۇ. خىتايلار نومۇس قىلسۇن!. ئاللاھ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ياردەم قىلسۇن!.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن بۇ پروگىراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.