تۈرك ۋە خىتاي مۇتەخەسىسلىرى ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئىلىپ باردى

تۈركىيىدە داۋاملىشىۋاتقان خىتاينى چۈشىنىش پائالىيىتىنىڭ كۈن تەرتىپى بويىچە 10 - ئاينىڭ 18 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 يېرىمدا ئەنقەرەدىكى تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە تۈركىيە بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ۋە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى تېمىسىدا يىغىن ئۆتكۈزۈلدى.

0:00 / 0:00

بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەدەنىيەت بىرلىكىدىكى خىتاي ۋەكىلى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پان گۇئاڭ، خىتاي ئىجتىمايى پەنلەر ئاكادېمىيىسى دۇنيا ئىقتىسادى ۋە سىياسىتى تەتقىقات ئىنىستىتۇتى باشلىقى جاڭ يۈيەن، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى باشلىقى جاڭ خەيبىن قاتارلىق مۇتەخەسسىسلەر قاتناشتى.

تۈرك مۇتەخەسىسلەردىن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى باشلىقى در. سىنان ئوگان ئەپەندى، مۇئاۋىن باشلىقى در. جەلالەتتىن ياۋۇز ئەپەندى، توبب ئىقتىساد ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئىھسان چوماق ئەپەندى، ئىستراتېگىيىلىك چۈشەنچە ئىنىستىتۇتى مۇتەخەسسىسى در. ئەركىن ئەكرەم ئەپەندى، تۈركىيە 21 - ئەسىر تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسسىسى باھادىر قوچ ئەپەندىلەر قاتناشتى.

بۇلاردىن باشقا تۈرك، خىتاي ۋە ئۇيغۇرلاردىن ئاڭلىغۇچىلارمۇ قاتناشتى. در. سىنان ئوگان رىياسەتچىلىك قىلغان بۇ يىغىندا خىتاي بىلەن تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى، تۈركىيىنىڭ ياۋرۇپا بىرلىكى سىياسىتى، تۈركىيە ۋە خىتاينىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا سىياسىتى مۇزاكىرە قىلىندى.

turksamda-uyghur-mesilisi-2-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

يىغىننىڭ ئاخىرىدا نۇقتىلىق ھالدا تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىندى. بۇ ھەقتە تۈرك مۇتەخەسسىسلەر نۇقتىلىق ھالدا توختالغان بولسىمۇ خىتايلار كۆپ پىكىر بايان قىلمىدى.

يىغىنغا رىياسەتچىلىق قىلغان در. سىنان ئوگان ئەپەندى ئالدى بىلەن تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ ئۆتكەندىن كىيىن، بۈگۈن مۇزاكىرە قىلىنىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئالدى بىلەن تۈرك مۇتەخەسسىسلەر تۈركىيىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. كىيىن خىتاي مۇتەخەسسىسلەر خىتاينىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە توختالدى.

در. سىنان ئوگان ئەپەندى تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارىي جەھەتتىن رەقىپ بولۇش مەسىلىسىدىن باشقا ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭمۇ بارلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا تىجارەت تەڭپۇڭسىزلىقىدىن باشقا سىياسىي مەسىلىلەرمۇ مەۋجۇت. مەسىلەن ئۇيغۇر رايونى مەسىلىسى. بۇ مەسىلىنى قانداق قىلىپ ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ھەمكارلىققا ئايلاندۇرالايمىز؟ بۇ ھەقتىمۇ مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك. ئۇيغۇرلار تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىيالايدۇ. مەسىلەن تاتارىستان ھازىر تۈركىيە بىلەن رۇسىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئويناۋاتىدۇ. بۇ مەسىلە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك."

تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزى مۇتەخەسىسى در. سىنان ئوگاننىڭ بۇ سۆزىگە، بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر تەتقىقات مەركىزى باشلىقى جاڭ خايبىن مۇنداق جاۋاب بەردى: "مېنىڭچە مۇدىر ئەپەندى تۇنجى قېتىم يېڭى بىر ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئورتاق مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھەمكارلىشىش. مەنچە بۇ بەكلا قىزىقارلىق. تۈركىيىنىڭ تەسىرى بار رايون بىلەن خىتاينىڭ تەسىرى بار رايوندا بۇ ئىككى دۆلەت بىر - بىرىگە رەقىپ. سىز ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلە نەزىرىيە جەھەتتىن توغرا، ئەمما بۇ مەسىلىلەر مېنىڭ تەتقىقات ساھىيەم ئەمەس. مەن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەتقىق قىلىمەن. ئەمما شۇنىمۇ ئۇنۇتماسلىقىمىز كېرەك، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى بىلەن ھۆكۈمەتنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ. ئەمما مەن ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش كېرەكلىكى ھەققىدىكى كۆز قارىشىڭلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىگە يەتكۈزىمەن."

turksamda-uyghur-mesilisi-3-305
ﺳﯜﺭﻩﺕ، 10 - ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 18 - ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﯞﻩ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ - ﺧﯩﺘﺎﻱ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ. (RFA Photo / Erkin Tarim)

كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تەتقىقات مەركىزى باشلىقى پان گۇئان سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۆتكەن يىلى تۈركىيە رەئىسى شىنجاڭنى زىيارەت قىلدى. بۇ 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن بۇرۇن بولغان زىيارەت بولۇپ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ئىدى. بۇ زىيارەت جەريانىدا مۇدىر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، نۇرغۇن ياخشى ئوي - پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. 5 - ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن رەجەپ تايىپ ئەردوغان خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى. كېيىن مىنىستىر زافەر چاغلايان ئىككى قېتىم خىتايغا باردى. ئارىمىزدىكى زىددىيەتنى ئاساسەن ھەل قىلدۇق. بۇ ئاي باش مىنىستىرىمىز ۋېن جياباۋ تۈركىيىگە كەلگەندە بۇ مەسىلىلەردە ئىككى دۆلەت ئورتاق پىكىرگە كەلدى. تۈركىيىدىمۇ بۆلگۈنچى بار، بىزدىمۇ بۆلگۈنچى بار. ئىككى دۆلەت بۇ مەسىلىدىمۇ ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق. تۈركىيە خىتاي مۇناسىۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى مەسىلىسىدىمۇ ئورتاق پىكىرگە كەلدۇق."

توبب ئىقتىسادىي ۋە تېخنولوگىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى در. ئىھسان چوماق ئەپەندى تۈركىيىنىڭ بۆلگۈنچىلىكنى قوللىمايدىغانلىقىنى، ئەمما مىللەتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش ئارقىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى تەرغىپ قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "ھېچقانداق دۆلەتتىكى بۆلگۈنچىلىك ھەرىكىتىنى قوللىمايمىز. بىز دۆلىتىمىزدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەشتە ئۇ رايوندىكى خەلقلەرگە تېخىمۇ كۆپ ئەركىنلىك بېرىش، تۇرمۇش سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئارقىلىق ھەل قىلىشقا تىرىشىۋاتىمىز. بىزنىڭ كۈرت مەسىلىمىز ھەل بولاي دەپ قالدى. كۈرتلەرگە ئەركىنلىك بېرىش بىزنى بىئارام قىلمايدۇ. بېسىم ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىش 19 - 20 - ئەسىرنىڭ مېتودى، 21 - ئەسىرنىڭ مېتودى ئەمەس. خىتاي ئۇيغۇر رايونىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى تېررورچى دەۋاتىدۇ. تۈركىيىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا تەسىرى بار. بىز ئۇيغۇرلارغا خىتايدىن ئايرىلماڭلار دەيلى، ئەمما خىتاي ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بەرسۇن، ھەق ۋە ھوقۇقىنى بەرسۇن."

بۇ كۆز قاراشقا خىتاي مۇتەخەسسىسلەر ھېچقانداق پوزىتسىيە بىلدۈرمىدى. تۈركىيە ئىستراتېگىيە تەتقىقات مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مۇنازىرە شۇنىڭ بىلەن ئاخىرلاشتى. تۈركىيىدە خىتاينى چۈشىنىش پائالىيىتى ئاساسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ پائالىيەت ئەتە ئىستانبۇلدا داۋاملاشماقچى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.